باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق، بىرلىكتە گۈللىنىشتەك دۇنيا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ

2013.12.25 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 يىل ئىچىدە چەتئەللەردە 4 قېتىم زىيارەتتە بولدى، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا، ئافرىقا، ۋە لاتىن ئامېرىكىسىغا باردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى خەلقئارا مۇھىت ياراتتى، ھەمدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى. ئالدىنقى 2 قېتىملىق زىيارەتتە، شى جىنپىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىغا باردى، بۇ جۇڭگونىڭ تىرەققىي قىلۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىق رامكىسى ئاستىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچى ۋە تەسىرى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، دۇنيا ئىشلىرىغا پائال قاتناشقۇچىلار ۋە خەلقئارا سىستېمىنى پائال بەرپا قىلغۇچىلارغا ئايلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئاساسى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك دوستى ۋە سەمىمىي شېرىكىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىغا زىيارەتكە بېرىشى بۇ ئىككى رايوننىڭ كەلگۈسى 10 يىل ھەتتە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىتتا جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زورلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  كەڭ كەتكەن ئافرىقا قۇرۇقلۇقى قەدىمىي زېمىن، بۇ يەرنىڭ تەرەققىيات ھاياتى كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچى زور. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا، ئافرىقا ئۇنتۇلغان بۇرجەكتىن ئۈمىد قۇرۇقلۇقىغا، تەرەققىياتنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئېتىبار بېرىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئافرىقىغا زىيارەتكە بارغاندا «جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن بىر، ئوخشاش تارىخىي قىسمەت، ئوخشاش تەرەققىيات ۋەزىپىسى، ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، جۇڭگو باشتىن ئاخىر ئافرىقىنى ياخشى دوست، ياخشى شېرىك، ياخشى قېرىنداش دەپ قارايدۇ» دېدى.

  دوستانە ئالاقە جۇڭگو بىلەن ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقى يەنىمۇ كۈچەيدى، 2008-يىلى پارتلىغان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا ئاجىز كېلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچار قىلدى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا بولسا ئۆز ئارا زىچ ھەمكارلىققا تايىنىپ كىرىزىسنىڭ تۇمانلىرىدىن قۇتۇلدى، ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىشنى داۋاملىق ساقلىدى؛ 2009-يىلى، جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئىشىپ ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئافرىقىنىڭ سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىدا جۇڭگونىڭ رولى ئىنتايىن زور، ئافرىقىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا كۈنسېرى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىشىدا جۇڭگونىڭ تۆھپىسى زور دەپ ھېسابلاشتى.

  جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشى دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2013-يىللىق يىغىنىدا، بىل گايتىس مۇنداق دېگەن: جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ كۈچىنى كۈچەيتىپلا قالماي، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدا ئېلىپ كەلدى، ھەمدە دۇنيانى تېخىمۇ گۈللەندۈردى.

  ئافرىقا دۇنيادىكى تەرەققىي قىلۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ بولغان قۇرۇقلۇق، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ دېڭىزى رايونىمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىر قەدەر مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ بىرى. 1988-يىلى دىڭ شياۋپىڭ: 21-ئەسىر ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى دەۋرى، شۇنداقلا لاتىن ئامېرىكىسى دەۋرى بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ئسىتراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن چىقىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم ئورنىنى تەكىتلەپ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى.

  چۈشىنىشىدىغانلار ئون مىڭ چاقىرىم مۇساپىنىمۇ يىراق بىلمەيدۇ. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولىسمۇ، لېكىن مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدا بىر-بىرىنى يۆلەپ چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئورتاق ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە، ئوخشاش كۆرەش نىشانى جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

  ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكسى بىلەن بولغان ئومۇمىي ھەمكارلىقى ئانچە تەرەققىي قىلمىدى. لېكىن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن بولغان بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتى تېز، بوشلۇقىمۇ كەڭ بولدى. 1990-يىلى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سودا سوممىسى 2 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمەيتتى، 2000-يىلى تۇنجى قېتىم 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، 2012-يىلى بولسا 261 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ 2-چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 3 دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:«بىزنى باغلاپ تۇرىۋاتقىنى پەقەت چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇق، قويۇق مەنپەئەتلا بولماستىن بىزنىڭ گۈزەل ئارزۇنى قوغلىشىدىغان ئورتاق نىشانمىز بار، جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز ئارا قوللاپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش گۈزەل ئارزۇسىغا يېتىدىغان يولدا بىرلىكتە تىرىشىشنى خالايدۇ.

  تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇرسىتى خىرىستىن كۆپ، پۇرسەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، بىرلىشىپ كۈچلىنىش، تىرىشىپ ئىلگىرىلەش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە غەلبە قىلىش بۇنىڭ ئاچقۇچى. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەشنى، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق، بىرلىكتە گۈللىنىشتەك دۇنيا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر