- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار
2013.12.25 17:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
(2013–يىل 12 –ئاينىڭ 23–كۈنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا مۇنداق قارار قىلىندى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنى 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدۇ. يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى توغرىسىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تولۇقلاپ سايلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر