باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇش پىلانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ

2013.12.25 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دىكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خۇش خەۋەر تارقالدى، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا جۇڭگو ساياھەتچىلىك جەۋھىرى ۋەكىلى ــ 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى يەتتىگە يەتتى.

  تەڭرىتاغ چوڭ جىلغا ساياھەت مەنزىرە رايونى بۇ يىل شىنجاڭ قەشقەر پوسكامدىكى ئالتۇن توغراقلىق مەنزىرە رايونىدىن كېيىنكى يەنە بىر 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئولى خۇشال ھالدا مۇخبىرغا، بىر يىلدا ئىككى ساياھەت رايونىنىڭ 5A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولۇپ باھالىنىشى مەملىكىتىمىزدە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باغراش كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونى ئەڭ ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىردى ــ بۇ يىل ئىلتىماس قىلغان باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى مەملىكەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ بايلىقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن ئۆتتى. مۇشۇ تەرەققىيات سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، «12.5» يىللىق پىلانىنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە ئىككى 5A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى سانى ئونغا يېتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر