خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دىكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىسى بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئوينىماقتا20-دېكابىر، ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى بالىلار باغچىسىدا بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن قۇلاققا تونۇش بولغان « يالت يۇلت قىلىپ چاقنايدۇ»دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا. ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇلارغا يەنە سەككىز يېڭى دوست قوشۇلغان. بۇ سەككىز نەپەر بالا ئۈرۈمچى شەھەرلىك قەلبداشلار باغچىسى ئالاھىدە مائارىپ مەركىزىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار، ئۇلارنىڭ «يۇلتۇز بالىلىرى» دېگەن يېقىملىق ئىسمى بار.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30لاردا، قەلبداشلار باغچىسىدىكى سەككىز نەپەر كىچىك دوست مۇئەللىم ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سايباغ رايونلۇق كىچىك ئەۋلىيا ئۆسمۈرلەر باغچىسىغا بېرىپ، بىر كۈنلۈك تۇمۇش ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.