باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى رەسمىي قۇرۇلدى

2013.12.25 17:11         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 24-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق كۆرگەزمە مەركىزىدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. بۇ، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت ئۇچۇر خىزمىتى مەخسۇس ئورگىنى سۈپىتىدە رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت تورى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئىپادىسى بولدى.

  ئىنتېرنېت تورىنىڭ ھەر خىل يېڭى شەكىللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇچۇر تارقىتىش شەكلى، ھالىتى قاتارلىقلاردا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۇچۇر تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەڭ تورداشلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئاكتىپ، ساغلام ئۇچۇرلار، شۇنداقلا مەزمۇنى كۆپ خىل زامانىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش، دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى بارلىققا كەلدى.

  بۇ ئىشخانىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى باشقۇرۇش، ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ ھەرقايسى مەسئۇل تارماقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، توردا قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەسئۇل تارماقلارغا زەربە بېرىش، شۇنداقلا باشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەزمۇنىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. بۇ ئورگان رەسمىي ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ‹‹ئاكتىپ قوللىنىش، ئىلىمىي تەرەققىي قىلىش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش›› سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتېرنېت ئۇچۇر خىزمىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ. تور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، تورداشلارنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى ئېچىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن خەلقنىڭ رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈككە، ئەل راينى ئىگىلەش، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم يولغا ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر