باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، ساياھەت مەخسۇس مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالى سۈرۈشتۈرۈلدى

2013.12.25 17:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹نېمىشقا بۇ كارخانىغا بېرىلىپ، باشقا كارخانىلارغا بېرىلمىدى؟ نېمىشقا بۇ تۈرگە بېرىلدى، باشقا تۈرلەرگە بېرىلمىدى؟ كۆپ سوممىلىق مەخسۇس مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ ئادىل بولۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىسىلەر؟.......››

  بۇ سوئاللارنى بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ توققۇز ئەزاسى ئوتتۇرىغا قويدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ جېڭيۈ ۋە ساياھەت كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى جاۋاب بېرىش سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ سوئاللارغا جاۋاب بەردى ھەم ‹‹نېمىنى سورىسا شۇنىڭغا جاۋاب بېرىش، سورالغان سوئالغا چوقۇم جاۋاب بېرىش›› نەق مەيدان ئەھۋالى توردا بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

  21 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇنقى بېيجىڭ شەھەرلىك 14 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – يىغىنىدا توققۇز دائىمىي كومىتېت ئەزاسى زور سوممىلىق ساياھەت مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى مەخسۇس سۈرۈشتۈردى.

  كومىتېت ئەزالىرى سورىغان سوئاللار بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2012 – يىللىق 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى جامائەت مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىش ئەھۋالى، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە نەتىجە – ئۈنۈم قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، كەسكىن سوئاللاردۇر. بېيجىڭ شەھەرلىك ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتىدىكى يولداشلار سوئاللارغا بىرمۇ بىر جاۋاب بەردى، مەبلەغ ئىشلىتىشتە ساقلانغان بەزى قېلىپلاشمىغان مەسىلىلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلدى، مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، ئۆزگەرتىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا كېيىنكى باسقۇچتىكى مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا دائىر ماھىيەتلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2012 – يىلى 9 – ئايدا شەھەر دەرىجىلىك زور سوممىلىق مەبلەغنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم مەخسۇس سۈرۈشتۈرگەن. شۇ چاغدا سۈرۈشتۈرۈلگەن مەخسۇس مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 17 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلىگەن تارماقلىرىغا چېتىلغان، ئومۇميۈزلۈك سۈرۈشتە قىلىنغان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى مەخسۇس سۈرۈشتە قىلىشنىڭ دائىرىسى تارايتىلدى، ئاساسلىقى 1 مىليارد يۈەنلىك زور سوممىلىق ساياھەت مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈلدى. بىز بېيجىڭ شەھىرىنىڭ زور سوممىلىق مەخسۇس مەبلەغ ئىشلىتىشتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تىپىك مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يەنىمۇ ئانالىز قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ زور سوممىلىق مەخسۇس مەبلىغىنى ئىشلىتىشتە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشىنى، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر