باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
   2013-يىللىق سەھىپە--مەخسۇس سەھىپە--人民网

مۇھەرىر سۆزى:بۇ يىل غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپ، يېڭى بىر يىلغا قەدەم تاشلاش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز.خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلى ئېچىلغان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى.ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىمىزنى خۇلاسىلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ،يېڭى بىر يىلدا تورداشلارنى تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز.

ﯪﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﯮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ  1976-يىلى غۇلجا ﺷﻪھىرى قارىۋاي مەھەللىسىدە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. دىيارىمىزدىكى مەتبۇئاتلاردا 250 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ شېئىر ـ داستان، ماقالىلەرنى ئېلان قىلىنغان. 2013-يىلى «كەشتە يوپۇرماق» ئىلى ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىدا «ئىلى ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

تالانتلىق شائىر، ژۇرنالسىت ۋاھىتجان ئوسمان 1963-يىلى ئاقسۇ كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ھازىرغىچە 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر باللادا ئېلان قىلغان. شائىرنىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق شىئېرلار توپلىمى 2012-يىلى مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1964- يىل چەرچەن ناھىيەسىنىڭ جانداتېرىم كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1985-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، كورلىدا چىقىدىغان «كروران»(سابىق «بوستان») ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر.

 ئىجتىھاتلىق، تىرىشچان باغۋەن ئەكبەر قادىر 1966-يىلى 4-ئايدا بورتالادا تۇغۇلغان، 1972-يىلى ئاتا ـ ئانىسى بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا تاماملىغاندىن كىيىن، 1984-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىدا ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىياتى كەسىپىدە ئوقۇغان.
 قەھرىمان روزى ئەرچىن 1967-يىلى 30- دېكابىردا باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ھازىر باي ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ھازىرغىچە 550 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى 30پارچىدىن ئارتۇق نەسرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغانسەھىپىسى.
 ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تەتۇر چىقىن» نەشىرقىلىنغان قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ..【سەھىپىسى】

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:پىرېزىدېنت ئاتامبيايىف ئىككىمىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدۇق، بۇ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرگە ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، چېگرا ئېغىزى ۋە تاموژنا، تور ۋە كەسىپ ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

يېقىندىن بۇيان، بىر يېڭى تېما يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى جانلاندۇرۇۋەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ 7 – سېنتەبىر قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ‹‹نەزەربايېۋ ئۇنىۋېرسىتېتى››دا نۇتۇق سۆزلىگەندە: ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى شىنجاڭغا تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىشى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ھازىرلىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىسىغا ئايلاندى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل ئىش بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تيەنجىن بىنخەي سودا بازىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى كوڭ شياۋيەن دۆلەت ئاجىز، خەلق ئاجىز، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالدى بىلەن كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش كېرەك دېدى..

جۇڭگو ئارزۇسى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو ئارزۇسى»دىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىنى تەكىتلىدى.پارتكوم شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش «جۇڭگو ئارزۇسى»نىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسى.«جۇڭگو ئارزۇسى» ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ ئارزۇسى بىلەن زىچ باغلانغان. شىنجاڭدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە تەكىتلەش «جۇڭگو ئارزۇسى»نى روياپقا چىقىرىشتا ئومۇمىيەتكە تاقىلىدۇ.

20-ئاپرېل سائەت 8دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى لۇشەن ناھىيەسىدە 7 بال يەر تەۋرىدى. سىچۈەن ئۆلكىسى لۇشەن ناھىيەسىدە 20-ئاپرېل يەتتە بال قاتتىق يەر تەۋرەپ ھازىرغىچە 16 كۈن بولدى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى تارقىتىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش زىددىيەت ۋە ماجىرالار بارغانسېرى كۆپەيدى. يائەن شەھىرى ئامانلىق ساقلاشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنى قېلىپلىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىنى خۇلاسىلەش چوڭ يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى تېخى بەك ياش، شۇڭا بازارلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، خەلقئارالاشتۇرۇش، ماركىلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە خەلقئارا ئالدىنقى قاتاردىكى يەرمەنكىلەردىن ئۆگىنىش، يەرمەنكىدە شەكىللەنگەن ياخشى تەجرىبە-ئۇسۇللارنى مۇقىملاشتۇرۇش، 3 يىلدىن 5 يىلغىچە ۋاقىت ئىچىدە بىر قەدەر قېلىپلاشقان ۋە پىشقان يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئەندىزىسىنى يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

قۇربان ھېيت ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان 800 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلار مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ زالىغا يىغىلىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ قۇربان ھېيتنى قۇتلۇقلىدى. شىنجاڭ ۋە بېيجىڭدىكى داڭلىق سەنئەتكارلاردىن ئادىل مىجىت، گىتار شاھى ئەركىن، ئۆسمۈر چولپان ئارافات قاتارلىقلار ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ ھېيت شادلىقىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ ـ مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى ، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

مەملىكەتلىك شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، شىنجاڭ خەلقىگە نىسبەتەن بۇ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال، ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش..

جۇڭگو خەلق مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 3-چېسلا چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كەلگۈسى 10 كۈندە، ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئاكتىپ پىكىر-تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فۇنكسىيىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىدۇ.

ۋەتەن ئاسمىنىدا  پەرۋاز قىلىپ چىگرانى قوغداشقا ئۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ ئارىسىدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى قۇرۇقلۇق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇسى بولۇپ كېلىۋاتقان  بىر ئۇيغۇر بار. شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچى ئەنقەرجان ئەخمەت ئەرلەرنىڭ ئاسىيا قىتئەسى ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ 2 مىڭ مېتىرلىق توسۇقتىن ئاتلاش تۈرىدە  ياخشى نەتىجە بىلەن 2-لىككە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن  مۇكاپات سەھنىسىدە ئاخىرى بىر ئۇيغۇر ماھىر پەيدا بولدى سەبداش ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن تۇنۇلغان  تالانتلىق، ئىقتىدارلىق  يازغۇچىمىز مۇھەممەد ئوسمان باغراش 4-دېكابىر ئەتىگەن سائەت 6:40 مىنۇت ئۆتكەندە بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved