باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ۋەتەن ئاسمىنىدىكى ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ياسىنجان سىدىق

2013.03.28 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ياسىنجان سىدىق (ئوتتۇرىدا ) مۇنەۋۋەر ئۇچقۇچىدىن 60 دىن ئارتۇقنى تەربىيەلەپ چىقتى.
  خەلق تورى 28-مارت بېيجىڭ خەۋىرى. ۋەتەن ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ، ۋەتەن چىگراسىنى قوغداشقا تۆھپە قوشقان ھەربىيلەرنىڭ ئارىسىدا ياسىنجان سىدىق ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بار. 35 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ھەربىي رايونى قۇرۇقلۇق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ئۇچقۇسى ياسىنجاڭ سادىق ئۇچۇپ ئۆتكەن يوللار ناھايىتى گۈزەل.

  1973-يىلى، شىنجاڭ قەشقەر مارالبېشىدىن كەلگەن ياسىنجان سىدىق ھەربىي سەپكە كىرىپ، شىمالىي شىنجاڭغا يىتىپ كەلدى، بۇ جايدا بىر ئۇچقۇچىلار مەكتىپى ئەمدىلا قۇرۇلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى جۇ ئېنلەي ھەر بىر ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چوقۇم ئۇچقۇچى تەربىيەلەپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. نۇرغۇن ئادەملەرگە ئوخشاش، ئۇمۇ ئەسكەرلىككە قاتناشقاندا خەنزۇچىدىن ھىچنىمە بىلمەيتتى. خەنزچە ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىغا قاراپ ئىشەنچىنى يوقىتىشقا باشلىغان ياسىنجان مۇھىتقا كۆنگەندىن كېيىن، تىل جەھەتتە زور ئىلگىرىلىدى ھەمدە ئۇچقۇچىلىققا بارغانسېرى كىرىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئوڭۇشلۇق ئوقۇش پۈتتۈرگەن 40 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  ياسىنجان ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھاۋا ئارمىيەسىگە كىرىپ، بىرىنچى ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەت ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالدى. كېيىن، يەنە ئاز سانلىق مىللەتتىن چىققان تۇنجى ئالاھىدە ئۇچقۇچى بولۇپ قالدى.

  ئۇنى دۆلىتىمىزدىكى تىك ئۇچارلارنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ، دەسلەپتە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلگەن تىك ئۇچاردىن تارتىپ، ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن تىك ئۇچارلارغىچە ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئىزى قالغان.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇ پۈتۈن كۈچىنى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلماقتا. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇچۇش تەجىرىبىسىنى يېڭى ئۇچقۇچىلارغا قالدۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئۇ ئىلگىرى -ئاخىرى بولۇپ مۇنەۋۋەر ئۇچقۇچىدىن 60 دىن ئارتۇقنى تەربىيەلەپ چىقتى.

  2009-يىلى 1-سېنتەبىردە، ياسىنجان سىدىقنىڭ ياش چەكلىمىسى توشۇپ قالغانلىقتىن، ۋەتەن ئاسمىنىدىن خوشلاشتى. خوشلىشىش ئالدىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋەتەن ئانا، ئۇيغۇر ئۇغلۇڭ گەرچە كۆك ئاسماندىن ئايرىلسىمۇ، ئەمما كەڭ زېمىندا سىنىڭ ئەجىرىڭگە داۋاملىق جاۋاب قايتۇرىدۇ!»

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

ئالاقىدار خەۋەرلەر