باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ۋاپات بولدى

2013.12.04 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى مۇخبىرى ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى: سەبداش ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن تۇنۇلغان ۋە ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانتلىق يازغۇچى مۇھەممەد باغراش ئاكىمىزنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆز قۇلىقىمغا پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەي، كروران ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەرجان مۇھەممەتئىمىن كرورانغا تېلېفون قىلدىم. ئۆمەرجان ئاكام بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا ناھايىتى قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەرھۇمنىڭ نامىزىنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتىدە چۈشۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى.

  يازغۇچىلار تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا ئىزدىنىش روھىغا باي، تالانتلىق يازغۇچىمىز مۇھەممەد ئوسمان باغراش بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6:40 مىنۇت ئۆتكەندە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان.

  شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى، مىسرانىم قاتارلىق تور بەتلەردىكى نۇرغۇن تورداشلار بەس ـ بەستە مەرھۇمنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتىنىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان زور بىر يوقۇتۇش ئىكەنلىكىنى ۋە مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى بىلدۈدى.

   مۇھەممەد باغراشنىڭ تەرجىمىھالى: يازغۇچى مۇھەممەت باغراش 1952 – يىلى قارا شەھەر ناھىيەسىنىڭ بازار ئىچىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قارا شەھەردە تاماملىغاندىن كېيىن، 1965 – يىلىدىن 1981 – يىلىغىچە ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس، شىنجاڭ قاتناش نازارىتىنىڭ تۆتىنچى شىركىتىدە شوپۇر، تەشۋىقات بۆلۈم كادىرى، 1982 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە «شىنجاڭ ئىشچىلىرى» گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1988 – يىلى 6 – ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ئىدى.

  مۇھەممەت باغراشنىڭ بالىلىق دەۋرى قايدۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گۈزەل بوستانلىقتا ئۆتكەن. ئۇ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دېگۈدەك دوستلىرى بىلەن دەريا بويىغا بېرىپ قوي باققان، مالچىلار، سالچىلار ۋە بېلىقچىلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ شادلىق بىلەن قايغۇ، قەيسەرلىك بىلەن جاپا – مۇشەققەت، ئوڭۇشلۇق بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ئارىلىشىپ كەتكەن ئەمگەك تۇرمۇشىغا قىزىققان. ئۇلارنىڭ ئېتىز – ئېرىق، دەريا بويلىرىنى چاڭ كەلتۈرىدىغان كۈلكە – چاقچاقلىرى، مۇڭلۇق ناخشا – كۈيلىرى ۋە قىزىقارلىق چۆچەك، لەتىپىلىرىگە مەپتۇن بولغان. مانا بۇلار مۇھەممەت باغراشنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ھايات، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجادىيەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان.

  مۇھەممەت باغراش 1980 – يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا «سەپداش» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنىپلا كىتابخانلار ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك ئىلھام بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ «ساۋاب»، «رىزقى»، «ئالمىچى»، «ئادەملەر»، «ئېگىز بىناغا يانداشقان بوتكا»، «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت»، «ئاقساق بۇغا» قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە ئوچېرىك ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەگەك قەلب، ئۆتكۈر كۆزلۈك تىرىشچان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. 1983 – يىلى «ساۋاب»، 1987 – يىلى «يادىكار» ناملىق ھېكايە توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «سوۋغات»، «سەھەر»، «يېشىل ۋادا» قاتارلىق كوللېكتپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. «سەپداش» ناملىق ھېكايىسى 1981 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ «ساۋاب» ناملىق ھېكايىسى 1982 – يىلى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ «ئادەملەر» ناملىق ھېكايىسى 1986 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ «گۈزەل ۋادا» ناملىق ھېكايىسى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا نەشر قىلىنىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ «شەندەن» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئاقساق بۇغا» ناملىق پوۋېستى يېڭى دەۋر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گېزىت – ژۇرناللارغا بېسىلغان ھەمدە ھاياتى، ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. بەزى ئەسەرلىرى ھەققىدە خەنزۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرى تەرىپىدىن بىر نەچچە پارچە باھا، ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان. «ئادەملەر»، «رىزقى» قاتارلىق ھېكايىلەر ياپون، ھىندى، تايلاند، رومىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەت ئەل كىتابخانلىرىنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر