باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

2-نۆۋەتلىك ئاسىيا قىتئەسى ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا شىنجاڭلىق يىگىت 2-لىككە ئېرىشتى

2013.08.23 20:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇلۇق تەنھەرىكەتچى ئەنقەرجان ئەخمەت ئەرلەرنىڭ ئاسىيا قىتئەسى ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ 2 مىڭ مېتىرلىق توسۇقتىن ئاتلاش تۈرىدە 6 مىنۇت 31 دەقىقىلىق ياخشى نەتىجە بىلەن 2-لىككە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا قىتئەسى ياشلار مۇسابىقىسى مۇكاپات سەھنىسىدە ئاخىرى بىر ئۇيغۇر ماھىر پەيدا بولدى!

  ئەنقەرجان ئەخمەت 1997-يىلى 13-يانۋار ئاقسۇدا توغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. 2011-يىلى، ئاقسۇ تەنتەربىيە مەكتىپىدە بىر يىل كەسپىي مەشقلەنگەندىن كېيىن، ئەنقەرجان شىنجاڭ تەنتەربىيە مەشق ئەترىتىگە تاللانغان. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنە يۈننەن كۇنمىڭ مەشق بازىسىدا ئالىي دەرىجىلىك مەشقنى قوبۇل قىلغان. بۇ يىل 4-ئايدا، مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر يېنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، 2013-يىللىق ئاسىيا قىتئەسى ياشلار مۇسابىقسىىگە قاتنىشىشقا تاللانغان.

  مۇخبىر تېلېفون ئارقىلىق ئەنقەرجان بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ 2-لىككە ئېرىشىكەنلىكى توغرىسىدا گەپ ئاچقاندا ئەنقەرجان تۆۋەن ئاۋازدا «بۇ نەتىجىگە ئېرىشىشىم پۈتۈنلەي ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قوللىشى ۋە تېرىنېرلارنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا بولدى. مۇسابىقىدىن بۇرۇن زۇكامداپ قېلىپ، رولۇمنى تولۇق جارى قىلالمىدىم. كېلەر يىلى مەن ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چوقۇم تېخىمۇ ياخشى نەتىجە بىلەن ئائىلەم شۇنداقلا ۋەتىمىنگە جاۋاپ قايتۇرىمەن» دېدى.

  مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: ئەنقەرجاننىڭ ئارزۇسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل