باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىقلار

جياڭنەنگە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر ئايال يازغۇچى ـ پاتىگۈل (1)

2013.04.23 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جياڭنەنگە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇيغۇر ئايال يازغۇچى ـ پاتىگۈلپاتىگۈل ھەدە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.پاتىگۈل، ئايال، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسى كونا ساۋەن بازىرى دالياڭپو كەنتىدە تۇغۇلغان. تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭنى ئېچىش-گۈللەندۈرۈش ئەدەبىيات» مۇكاپاتىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر جياڭنەندە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى «دۇنيانىڭ چېتى»، «شىنخۇا تەرمىلىرى»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «نەسىرلەردىن تاللانما»، «نەسىرلەر ‹چەت ئەل نۇسخىسى›»، «قىزىل پۇرچاق»، «شاڭخەي ئەدەبىياتى»، «خۇاڭخې ئەدەبىياتى»، «غەربىي يۇرت»، «غەربىي جەنۇب ھەربىي ئىشلار ئەدەبىياتى،»، «جېجياڭلىق يازغۇچىلار»، «ئەنخۇي ئەدەبىياتى»، «گۇاڭشى ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىيات ۋە كىشىلىك تۇرمۇش» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. نەشىر قىلىنغان ئەدەبىي ئاخبارات توپلىمىدىن « ياۋجياڭ خاتىرىلىرى » (نىڭبو نەشرىياتى نەشىر قىلغان)، نەسىرلەر توپلىمىدىن «قوزىچاق بىلەن ئورتاقلاشقان مەخپىيەتلىك» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان) قاتارلىقلار بار. ئۇ ھازىر جېجياڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ «تەقلىدچىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق نەسىرى 2012-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.«بىز ئاقلانمىغان گۈرۈچ ئۈستىدە بىر قىش ئۇخلىدۇق» ناملىق نەسىرى 2012-يىللىق تاللانغان نادىر ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. نەسىرلەر توپلىمى «مەخپىي ئەسلىمىلەر» 150 مىڭ خەتلىك ئورىگىنال پۈتۈپ، نۆۋەتتە تەھرىرلىنىۋاتىدۇ. 2013-يىلى يىل ئاخىرىغىچە نەشىردىن چىقىدۇ.

  «تەقلىدچىىنىڭ تۇرمۇشى» تۇنجى«شىنجاڭنى ئېچىش-گۈللەندۈرۈش ئەدەبىيات» مۇكاپاتىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2009-يىلى ئاخبارات ئەدەبىياتى توپلىمى «ياۋجياڭ خاتىرىلىرى» نەشىردىن چىققان. (نىڭبو نەشرىياتى)

  2010-يىلى نەشىر قىلىنغان نەسىرلەر توپلىمى «قوزىچاق بىلەن ئورتاقلاشقان مەخپىيەتلىكلەر»، (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، 170 مىڭ خەتلىك)

  2012-يىلى نەشىر قىلىنغان نەسىرلەر توپلىمى «شالغۇتلاشقان كەنت»، (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، جەمئىي 150 مىڭ خەت)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتابلارنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى كىتاب تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر