باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيغۇر «داۋاز»چىلىقىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ۋارىسى ئادىل ھوشۇر ياراتقان جىننېس دۇنيا رېكورتلىرى(1)

2013.07.26 11:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئادىل ھوشۇر ماھارەت كۆرسەتمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)
  «پەلەك شاھى» دەپ چىرايلىق نامى بار، ئېلىمىزگىلا ئەمەس دۇنيا خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان ئادىل ھوشۇر 1997-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە جەمئىي ئالتە قېتىم جىننېس دۇنيا رېكورتى يارىتىپ، پولات ئارقان ئۈستىدە مېڭىشنىڭ پېشۋاسى بولۇپ قالغان. ئادىل ھوشۇرنىڭ ھېچقانداق قوغدىنىش قورالى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپ قېتىم پولات ئارقان ئۈستىدە مېڭىپ جىننېس دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىشتەك يۈرەكلىكلىكى ۋە باتۇرلۇقى دۇنيا ئەھلىنى زىلزىلىگە سالغان.

   تۆۋەندىكىلىرى ئادىل ھوشۇر ھازىرغىچە ياراتقان جىننېس دۇنيا رېكورتلىرى:

  1. پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ تۇنجى قېتىملىق پولات ئارقاندا مېڭىشى 97-يىلى چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سەنشيا بوغۇزى ئۈستىگە تارتىلغان پولات ئارقاندىن ئۆتۈشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ئۇزۇن پولات ئارقان ئۈستىدە مېڭىشى ئىدى. كانادالىق كوكرايىن 95-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەنشيا بوغۇزىدىن 53 مىنۇت 10 سېكونتتا ئۆتۈپ پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان ئادىل ھوشۇر «چەتئەللىكلەر قىلالىغان ئىشنى بىزمۇ قىلالايمىز، قىلغاندىمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلالايمىز» دەپ ئويلاپ بۇ تۈرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، 97-يىلى 22-ئىيۇن سەنشيا بۇغۇزىغا تارتىلغان، ئۇزۇنلۇقى 646 مېتىر، ئېگىزلىكى 402 مېتىر كېلىدىغان پولات ئارقاندا 13 مىنۇت 48 سېكونتتا ئۆتۈپ، كانادالىق كوكرايىن ياراتقان رېكورتنى يېڭىلىغان ۋە جىننېس دۇنيا رېكورتى يارىتىپ، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن شان ـ شەرەپ كەلتۈرگەن. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ياراتقان جىننېس دۇنيا رېكورتى شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز سەنئىتى ئارقىلىق خەلقئارانى زىلزىلىگە سېلىشى ئىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر