باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىدىغان پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى

2013.12.24 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-دېكابىر، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنىدا«گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش توغرىسىدىكى تولۇقلىما بەلگىلىمىسى»نى بىكار قىلىش لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۇەننىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەكلىپ لايىھەسى توغرىسىدا يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

   ياڭ خۇەننىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمى 1957-يىل8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئورنىتىلغان بولۇپ، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 78-سانلىق يىغىنى«گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى»نى ماقۇللىغان. 1979-يىل11-ئاينىڭ 29-كۈنى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-سانلىق يىغىنىدا «گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش توغرىسىدىكى تولۇقلىما بەلگىلىمىسى» ماقۇللىنىپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىتەسسىس قىلىش، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش مۇددىتى، خەلق تەپتىش مەھكىمسى ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشقاتارلىقلار تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

   تەكلىپ لايىھەسىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمى قانۇن بويىچە يولغا قويۇلغان 50 نەچچە يىل مابەينىدە، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاش، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى تەربىيەلەش- قۇتقۇزۇش جەھەتلەردە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇھىم رول ئوينىدى. بىراق، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنىڭ تارىخىي رولى تاماملاندى. )جۇڭگومىللەتلەرتەرجىمەئىدارىسى تەرجىمىسى(

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر