- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ئارامخانا ناچار ئىستىلى»نى قەتئىي تۈزىتىشنى تەلەپ قىلدى
2013.12.24 16:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتىدە ‹ئارامخانا ناچار ئىستىلى›نى قەتئىي تۈزىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقاردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم جايلاردا تارىخىي ئىمارەت، باغچا قاتارلىق جامائەت بايلىقىنى خۇسۇسىي ئارامخانىغا ئايلاندۇرۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ئىگىلىۋېلىش، ئىسراپخۇرلۇق-ھەشەمەتچىلىك قىلىش، چىرىكلىشىش قىلمىشىمەۋجۇد بولغاچقا ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇبىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا بېرىپ يەپ-ئىچىپ، ئويۇن-تاماشا قىلىپ، ھەتتا ھوقۇق-پۇل سودىسى، ھوقۇق-شەھۋەت سودىسى قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلغا زور زىيان يەتكۈزۈپ، جەمئىيەت ئىستىلىنى بۇزۇۋاتىدۇ. مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»قا قەتئىي قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، «ئارامخانا ناچار ئىستىل»نى قەتئىي تۈزىتىشكە ئېنىق تەلەپ قويۇلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر