باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۇنىستا «ئەرەب باھارى» پارتلىغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى خاتىرىلەندى

2013.12.23 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەرەب باھارى پارتلىغاندىن بۇيان، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، يېقىندا ئەرەب باھارى تۇنجى قېتىم پارتلىغان تۇنىسنىڭ سىدى بۇزىد ئۆلكىسىدە ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەرەب باھارى پارتلىغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى خاتىرىلەندى.

  2010-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، تۇنىسنىڭ سىدى بۇزىد ئۆلكىسىدىكى تىجارەتچىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشىدىن كېلىپ چىققان مەملىكەتلىك قالايمىقانچىلىق، ئەڭ ئاخىردە بىن ئەلى ھاكىمىيىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئارقىدىن كۆپلىگەن ئەرەب ئەللىرىدە سىياسىي داۋالغۇش يۈز بەردى، بۇ ھادىسە غەرب تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئەرەب باھارى دەپ ئاتالدى. ئەرەب باھارى پارتلىغانلىقىغا ئۈچ يىل بولغان پەيتتە، بۇ مەيدان ھەرىكەتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولغان تۇنىسنىڭ سىدى بۇزىد ئۆلكىسىدىكى خەلق ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ بۇ كۈننى خاتىرىلىدى.

  سىدى بۇزىد ئۆلكىسى ئەرەب باھارىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە. بۇندىن ئىلگىرىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئوخشىمىغان يېرى، بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تۇنىس ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى قاتناشمىدى. تۇنىس بىخەتەرلىك تارماقلىرى مۇنداق دېدى: تېررورچىلىقنىڭ تەھدىت سېلىشى تۈپەيلىدىن، تۇنىس پىرېزىدېنتى مەرزۇقى بىلەن قارانچى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى ئەلى راخائىد قاتارلىق كىشىلەر خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سىدى بۇزىد ئۆلكىسىگە بارمىدى.

  شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: شۇ كۈنى سىدى بۇزىد ئۆلكىسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىر قانچە قېتىم نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئېتىراز بىلدۈرۈش شەكلى ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلىگەن. نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىغا، ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.

  ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، بۇ قېتىمقى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىسىگە ئايلانغان. بىر قىسىم ئۆكتىچى گۇرۇھلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلاتلارنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن جانلىق بولغان. شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: خاتىرىلەش كۈنى يېقىنلاشقان پەيتتە، سىدى بۇزىد ئۆلكىسىنىڭ چوڭ كىچىك كۈچلىرى ۋە ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ تەشۋىقات ئېلانى ھەم لوزۇنكىلىرى بىلەن تولغان. 17-دېكابىر قويۇق ئىسلام تۈسىنى ئالغان ئازادلىق پارتىيەسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن جايدا نامايىشچىلارنى قوللاش بازىسى سۈپىتىدە ئۈچ چېدىر تىككەن، تۇنىس ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلات دەپ بېكىتىلگەن ئىسلام شەرىئىتىنى قوللىغۇچىلار تەشكىلاتىمۇ قوللىغۇچىلىرىنى غەزەپلەنگەن كۈن ناملىق ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى قوزغىشىغا تەشكىللىگەن. تۇنىس بىخەتەرلىك تارماقلىرىمۇ شۇ كۈنى سىدى بۇزىد ئۆلكىسىدىكى ساقچى كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ، زوراۋانلىق توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : تۇنىستا ھاكىمىيەت ئالماشقان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالغا ئىلگىرىلىمەي بىر ئىزىدا توختاپ قىلىشى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئاساسلىق سەۋەب بولدى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇنىستىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا %15 تىن يۇقىرى بولۇپ، ھۆكۈمەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان. ئۇندىن باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: تۇنىس 2010-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى سىياسىي جەھەتتە داۋالغۇش يۈز بېرىش مەنبەسى بولغان سىدى بۇزىد ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئەسلىگە كەلمىگەن، ئىقتىسادى تەرەققىياتى شىمالىي قىسىمدىكى دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولغان، بىراق ھاكىمىيەت ئالماشقان ئۈچ يىلدىن كىيىن، بۇ جايدىكى پۇقرالار، يېڭى ھاكىمىيەت كونا ھاكىمىيەتنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىغا سەل قاراشتەك ئەيىبىنى تۈگەتمەي، سىدى بۇزىد ئۆلكىسىنى يەنىلا بىر ياققان قايرىپ قويدى، بۇ شۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى كەيپىياتىنى باشقا رايونلارغا قارىغان كۈچەيتىۋەتتى دەپ ھېسابلىدى . ئۇندىن باشقا، شۇ يەردىكى تاراتقۇلار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇنىسنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسىي داۋالغۇشى توختىمىدى، نۆۋەتتە ئېغىر سىياسىي كرىزىسىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە، خەلق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەملىكەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشدىن ئۈمىد كۈتەلمىدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك نارازىلىق كەيپىياتى كېلىپ چىقتى.

  تۇنىسنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي كرىزىسى بۇ يىل 7-ئايدا ئاتاقلىق ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى مۇھەممەت، بۇرامى قەستكە ئۇچرىغانلىقتىن باشلانغان، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئۆكتىچى پارتىيە تۇنىسدە ئەۋج ئالغان تېررورلۇق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىلەن سىياسىي جەھەتتە قەستلەش ھەرىكىتى گۈللىنىش ھەرىكىتى ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ قۇرساق بولغانلىقى ۋە قانات ئاستىغا ئالغانلىقىدىن بولدى دەپ قاراپ، ھۆكۈمەتنىڭ كوللېكتىپ ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ يىل 10-ئايدا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتى يېڭىدىن پارتىيە گۇرۇھسىز ھۆكۈمەت قۇردى. ئارقىدىن گۈللىنىش ھەرىكىتى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمەي تالاش-تارتىشى توختىمىدى.

  12-دېكابىر، گۈللىنىش ھەرىكىتى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، قارانچى ھۆكۈمەتنىڭ سانائەت مىنىستىرى مەھدىنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى، بىراق مەھدى گۈللىنىش ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىققانلىقتىن، كۆپ سانلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەر بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتتى ھەمدە گۈللىنىش ھەرىكىتى بىلەن سۆزلىشىشدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى، گۈللىنىش ھەرىكىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ئىختىلاپى ئېغىر بولغانلىقتىن، تۇنىستىكى سىياسىي كرىزىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىش قىيىنغا توختىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر