باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما بۇ يىل ئىشى ئەڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمىغان شەخس بولۇپ باھالاندى

2013.12.23 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «خرىستىئان دىنى پەن-تېخنىكا ئۇچۇرى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 21-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاق سارايدا يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، 2014-يىلىغا نىسبەتەن ئىشەنچىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، بىراق ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بولسا ئوبامانى 2013-يىلى ۋاشىنگتوندىكى ئىشى ئەڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمىغان شەخس قىلىپ باھالىدى.

  ئوباما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى باشلىنىپلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر پارچە نەتىجە دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئامېرىكا ئىقتىسادى ھازىر كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ، 2013-يىلى ئامېرىكىدا يېڭىدىن ئىككى مىليون ئىش ئورنى بارلىققا كەلدى، ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتىمۇ يېقىنقى تۆت يىل ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى، ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ ئىقتىسادى كىرىزىس يۈر بەرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالغا چۈشتى، دېدى.

  ئۇ 2014-يىلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىدىغان يىل بولىدىغانلىقىنى ئىشىنىدىغان بولۇپ، بىراق بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ يەنىلا پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئوباما يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مەن پات يېقىندا ئېچىلىدىغان ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ يۇقىرى چېكى توغرىسىدىكى سۆھبەت قىلچىمۇ يول قويمايمەن.

  ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى يۇقىرى پالاتادىن كېيىن، تۆۋەن پالاتا 2014-،2015- يىللىق مالىيە يىلىدىكى ھۆكۈمەت خام چوت قانۇن لايىھىسىنى قارار قىلىپ چىقتى ھەمدە كەلگۈسى بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمەت قايتا تاقىلىپ قېلىشىدەك بۇنداق يامان ئەھۋالنىڭ يەنە يۈز بەرمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  بىراق كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرى، 3-ئاينىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولۇپ، ئەگەر پارلامېنتتىكى ئىككى پارتىيە 2-ئاينىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمايدىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا قەرز چېكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش كرىزىسىگە دۇچ كېلىدۇ.

  ئامېرىكا خەلقىنىڭ قارىشىچە، ئىككى پارتىيە 10-ئايدا ھۆكۈمەت تاقىلىپ قالغاندىن كېيىن چوقۇم ساۋاق ئېلىشى كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن كىلەر يىلى سۆھبەتتە بىر-بىرىگە يول قويۇشى كېرەك. ئۇندىن باشقا يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان خام چوت مەسىلىسىمۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ يۇقىرىقى ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئېشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بەردى.

  بىراق پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان گەپ-سۆزلىرى تاراتقۇلىرىنى يۇقىرىدىكى خەلق ئارزۇسىغا بولغان ئەمەلگە ئېشىش ئىشەنچىنى گۇمانغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئاز بولمىغان كىشىلەرمۇ ئوبامانىڭ بۇ سۆزلىرىنى تەنقىدلىدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقىنى يەنىلا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش ۋە ئوغرىلۇقچە تىڭتىڭلاش ھەرىكىتى مەسىلىسى بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى، سىنوۋدىن ئاشكارىلىغان مەخپىي ھۆججەتلەر ئامېرىكىنى ناھايىتى زور زىيانغا دۇچار قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن سىنوۋدىن چوقۇم ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.

  ئوباما يەنە مۇنداق دېدى: مەن كۆپچىلىكنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىنىڭ دەخلى-تەرزگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى چۈشىنىمەن، ھەمدە كېلەر يىلى 1-ئايدا ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرىنى جاكارلاشقا ۋەدە بېرىمەن.

  ئۇندىن باشقا كىشىلەر يەنە ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ خېلى بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىگىمۇ دىققەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مەسىلىگە نىسبەتەن ئوباما مۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈردى، سىياسىيون بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ قوللاش نىسبىتى ئېگىز-پەس ئۆزگىرىپ تۇردى، ئەگەر مەن خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن ئايان بولغان بۇنداق نەتىجىلەر تەرىپىدىن بىر قانداق بولۇپ قالىدىغان بولسام سىياسىي بىلەن شۇغۇللانمىسام بولىدۇ. بىراق ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مەزكۇر مەسىلىگە خېلى قىزىققان بولۇپ، يىل بېشىدا، يەنى ئوبامانىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەمدىلا باشلانغاندا، ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى %55 بولۇپ، ھازىر ئاران %41 كە چۈشۈپ قالغان، قىسقىغىنا بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە 14 پوئىنت تۆۋەنلەپ كەتكەن.

  ئۇندىن باشقا ئوباما بىر قىسىم چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپ قېتىم ھېچنېمە بىلمەيدىغاندەك تۇرىۋالدى، مەسىلەن نازارەت قىلىش ۋە تىڭتىڭلاش مەسىلىسى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىلنىڭ تېلېفونىنى نازارەت قىلىش، ھۆكۈمەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئىسلاھ قىلىش تور بېكىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېچىۋېتىلىشىدىن بۇرۇن ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىنغاندا بايقالغان مەسىلىلەر يەنىلا مەجبۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاتارلىقلار. بۇ مەسىلىلەر ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئوباماغا بولغان ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇردى.

  ئەلۋەتتە يەنە كۆپ قىسىم خاتالىقلارمۇ بار بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، 2013-يىلى ئوبامانىڭ ئاق سارايغا كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار بىر يىلى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى «يىللىق ئىشلىرى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان كىشى تاجى» نى شۇنچە تېزلا ئوبامانىڭ بېشىغا كىيگۈزۈپ قويدى. خەلقئارا مەسىلىلەردە ئوباما ئەڭ ئىشەنچىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقالايدىغان دىپلوماتىيە نەتىجىسى يەنىلا سۇرىيە خىمىيىلىك قورال مەسىلىسى بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى جەنۋە كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىمۇ ئوبامانىڭ 2013-يىللىق سىياسىي نەتىجىلىرى ئىچىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئاق ساراي ئەزەلدىنلا بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجە ھېسابلاپ كەلمەكتە.

  بىراق بۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر بىر پارچە قەغەز كېلىشىمنىڭ ھېچقانداق چوڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەھمىيىتى يوق بولۇپ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى يەنىلا يېڭى ئىمبارگو يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بۇمۇ دەل ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭقىسلىك ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى. جەنۋە كېلىشىمىنىڭ نەتىجىسى ئەمەلىيەتتە راستتىنلا ناھايىتى ئاجىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بىر قېتىملىق ئۇرۇش ئافغانىستان ئۇرۇشى تېخى ئەمدىلا ئاخىرلاشتى، ش ئا ئە ت بىرلەشمە ئارمىيىسى كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئەسكەر چېكىندۈرمەكچى.

  ئامېرىكا تەرەپ ئافغانىستاننىڭ 2014-يىلى ئەسكەر چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىنكى بىر قىسىم ھەربىي ئىشلار، بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر جەھەتتە ناھايىتى جاپالىق سۆھبەت ئېلىپ باردى، بىراق ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشقا ماقۇل بولماي كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن 2014-يىلىدىكى ئافغانىستان ۋەزىيىتى يەنىلا ئېنىق بولماي تۇرىۋاتىدۇ. 2013-يىللىق ئىشلىرى ئەڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمىغان شەخس -ئوباما ئەپەندىم قارىماققىمۇ بىر ئاز چارچاپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇ راستتىنلا ياخشىراق بىر دەم ئېلىشقا موھتاج بولۇپ قالغان ئىدى. ھازىر ئامېرىكا بىرىنچى ئائىلىسى ھاۋايدا بۇ قېتىملىق 16 كۈن داۋاملىشىدىغان دەم ئېلىش كۈنلىرىنى باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر