باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹ئاي›› ناملىق ئاي شارى ئاپتوموبىلى ئەتراپلىق ئىلمىي تەكشۈرۈشنى باشلىدى

2013.12.23 17:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21 – دېكابىر تېلېگراممىسى. 21 – دېكابىر سائەت 20 دىن 5 مىنۇت ئۆتكىچە، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ يىراقتىن مەشغۇلات قىلىپ كونترول قىلىشى نەتىجىسىدە، ‹‹ئاي›› ناملىق ئاي شارى ئاپتوموبىلى B نۇقتىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا C ۋە D نۇقتىغا بېرىپ، 21 مېتىر يول يۈرۈپ، C نۇقتا ۋە D نۇقتىدا پۈتۈن كۆرۈنۈشنى ئۆزئارا سۈرەتكە تارتىش، يول باشلاش قاتارلىق سۈرەت، تەسۋىر ھاسىل قىلىش ۋە تۆۋەنگە يوللاش خىزمىتىنى ئىشلىدى. بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى كونترول قىلىش مەركىزى دەل ۋاقىتتا يوللانغان، يىراقتىن ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، قونغۇچ، ئاي شارى ئاپتوموبىلىنىڭ سىستېمىلىرىنىڭ نورمال، مۇقىم ئىشلەۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  21 – دېكابىر سائەت 5 تە، مۇخبىر بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش زالىدىكى چوڭ ئېكراندىن ‹‹ئاي›› ناملىق ئاي شارى ئاپتوموبىلىنىڭ ئاستا – ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، ئاي شارى ئاپتوموبىلى قونغۇچتىن ئايرىلغاندا، قونغۇچتا ئىزى قالغانلىقىنى ئېنىق كۆردى. بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاي يۈزىنىڭ مۇھىتى مۇرەككەپ، يەر شەكلى ھەر خىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈن نۇرى، تېمپېراتۇرا قاتارلىق مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىدە، ئاي شارى ئاپتوموبىلى كۆپ ھالدا بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ يىراقتىن كونترول قىلىشى بىلەن ھەرىكەت قىلغان. بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى كونترول قىلىش مەركىزى ئەۋەتىلگەن سۈرەتلەر، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئاينىڭ قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۈرۈش مۇساپىسىنى ۋاقتىدا پىلانلاپ، ئاي شارى ئاپتوموبىلىنىڭ ئاي شارىدا تۈرلۈك توسالغۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى كونترول قىلىپ، ئاي يۈزىدە بىخەتەر يۈرۈش، كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر