باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز بولىۋىيەنىڭ ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

2013.12.23 17:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىچاڭ، 21 – دېكابىر تېلېگراممىسى. 21 – دېكابىر سائەت نۆلدىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىز شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر 3 – نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، بولىۋىيەنىڭ ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتاغا ئوڭۇشلۇق كىردى. بولىۋىيەنىڭ ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى بولىۋىيە ئىگە بولغان تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ.

  بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس مەخسۇس شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىگە كېلىپ، نەق مەيداندا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنى كۆردى. بۇ چەت ئەل دۆلەت باشلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا كېلىپ سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشنى كۆرۈشى.

  راكېتا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ 26 مىنۇتتىن كېيىن، شىئەن سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىدىن يەتكۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتلاردا، سۈنئىي ھەمراھنىڭ راكېتادىن نورمال ئايرىلغانلىقى، سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارىغا 210 كىلومېتىر كېلىدىغان يېقىن ئورۇن، 42 مىڭ 165 كىلومېتىر كېلىدىغان يىراق ئورۇندا ئوربىتا قىيسىق بۇلۇڭى 24.8 گىرادۇسلۇق يەر شارى بىلەن ماس قەدەمدىكى ئۆتكۈنچى ئوربىتاغا كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى كۆرسىتىلدى.

  بولىۋىيە ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى شەرق قىزاردى 4 – نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ سۇپىسىدا لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئىشلىتىلىش ۋاقتى 15 يىل. سۈنئىي ھەمراھ بولىۋىيەنى شۇنداقلا جەنۇبىي ئامېرىكا رايونىنى قاپلايدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى بولىۋىيە، شۇنداقلا ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ رادىيو ئاڭلىتىش، ئالاقە، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش، يىراق مۇساپىلىك تېببىي داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ، بولىۋىيەنىڭ دۆلەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش، خەلقئارا بىلەن تۇتىشىدىغان ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇش، ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئالاقە ئىقتىدارىنى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىدە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر