باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قۇرۇشتىن مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئۆتۈشى كېرەك

2013.12.23 17:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىرقانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى›› (تۆۋەندە ‹‹قارار›› دېيىلدى) دا ‹‹مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› بىر مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. گېزىتىمىز مۇخبىرى يېقىندا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مەدەنىيەت مىنىستىرى سەي ۋۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

  يارقىن نۇقتا: ئىسلاھاتتا كەسكىن بولۇش كېرەك. نۇرغۇن مەسىلىنى تارماقلار ئۆزئارا ماسلىشىپ بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ

  مۇخبىر: مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىلگىرىكى ئىسلاھاتلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق نېمە؟

  سەي ۋۇ: ئىلگىرىكى مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئەمەلىيىتىدە نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتنىڭ ھەرگىزمۇ يەككە – يېگانە زەربىدارلىق شەكلىدىكى ئىسلاھات ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتۇق. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىرىنى، ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىرىنى، ئاسانراق ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن ئۆزگەرتىپ بولدۇق، قېپقالغانلىرى يۇتماق تەس بولغان قاتتىق ئۇستىخان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە، بولۇپمۇ مەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە بېرىپ تاقىلىدۇ. مانا بۇ بىزدىن ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىيلىقىنى، ئومۇميۈزلۈكلۈكىنى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ئالايلۇق، يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز مىنىستىرلىق، كومىتېت دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت – سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشنى قوللاش توغرىسىدا بىرلىشىپ سىياسەت تۈزدى ۋە تۆۋەنگە ھۆججەت چۈشۈردى، لېكىن بۇ سىياسەت تېخى تولۇق ئەمەلىيلەشمىدى. نېمە ئۈچۈن ئەمەلىيلەشمەيدۇ؟ چۈنكى بۇ يەر مەسىلىسىگە، باج ئېلىش مەسىلىسىگە، خىزمەتچى مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇ بىر قاتار سىياسەتنى چوقۇم ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

  يەنە ئالايلۇق، مەدەنىيەت كارخانىلىرىدىن باج ئېلىش مەسىلىسى. ھازىر مەدەنىيەت كارخانىلىرىدىن ئېلىنىدىغان تۈرلۈك باجنىڭ ھەممىسىنى قوشساق%30 تىن ئاشىدۇ، كارخانىنىڭ يۈكى بەك ئېغىر. مەن باج ئىسلاھاتىدا مەدەنىيەت كارخانىلىرى، بولۇپمۇ كۆپلىگەن كىچىك، مىكرو مەدەنىيەت كارخانىلىرىغا قارىتىلغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى يالغۇز مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىغا تايىنىپلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشىغا، ئىسلاھاتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

  يارقىن نۇقتا: ھۆكۈمەت مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قۇرۇشتىن مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئۆتۈشى كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

  مۇخبىر: مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا، ئومۇمىي يىغىندا ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قۇرۇشتىن مەدەنىيەت باشقۇرۇشقا ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ‹‹قۇرۇش›› تىن ‹‹باشقۇرۇش›› قا ئۆتۈش ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش، سىزنىڭچە، مەدەنىيەت تارماقلىرى بۇ ئۆزگىرىشنى قانداق تاماملىشى كېرەك؟

  سەي ۋۇ: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش كېيىنكى قەدەمدىكى مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم ۋەزىپە. بىز ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپكە ئاساسەن، مەدەنىيەت مەمۇرىيەت تارماقلىرى بىلەن ئۇلارغا قاراشلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. مەدەنىيەت تارماقلىرى ئۆزلىرى باشقۇرۇۋاتقان نۇرغۇن ئىشنى تۆۋەنگە يەنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، جەمئىيەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

  تۈزۈلمىسىنى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتكەن مەدەنىيەت كارخانىلىرى ئىسلاھات تەلىپىگە ئاساسەن زامانىۋى كارخانا تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، قانۇنىي ئىگە باشقۇرىدىغان قۇرۇلما ئورنىتىپ، ئۆزلىرىنى تېزدىن لاياقەتلىك بازار سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ، رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئىسلاھات قىلىشتىكى مەقسەت، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش. مەسىلەن، كۇتۇپخانا، مۇزېيلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش، ھەقسىز ئېچىۋېتىش يالغۇز كىرىش بېلىتى ئالماسلىقلا بولماستىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى مۇزېي، كۇتۇپخانىنىڭ تۈزۈلمىسىنى باشقۇرۇش، مېخانىزمىدىكى ئۆزگىرىش بولىدۇ.

  يارقىن نۇقتا: جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدە ئۆلچەم بولۇشى كېرەك. قانداق تۈرلەر بولىدۇ، قانچىلىك ئادەم بولىدۇ، قانچىلىك خىراجەت ئاجرىتىلىدۇ، ھەممىسىدە ئۆلچەم بولۇشى كېرەك

  مۇخبىر: ئومۇمىي يىغىندا: ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش›› ۋە ‹‹زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سىزنىڭچە بۇ ئىككى ‹‹زامانىۋى›› دېگەن ئۇقۇمنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇ ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان قانداق كونكرېت تەدبىرلەر بار؟

  سەي ۋۇ: مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بازار سىستېمىسى›› دىكى ‹‹زامانىۋى›› دېگەن سۆزنىڭ مۇنداق تۆت ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچىسى، بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ تۆتىنچىسى، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ تېزلىتىشى كېرەك.

  بازارنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت مەمۇرىي تەستىقلارنى ئازايتىشى، بازار ھەرىكىتىگە يەنە زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىقى، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بازىرىنىڭ قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت بازىرى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى ياخشىلىشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن بازار رىقابەت مۇھىتىنى ئادىل، ئازادە قىلىشى، بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارغا كىرىشكە ئىجازەت قىلىش شەرتىنى بوشاشتۇرۇشى، دۆلەت ئىلكىدىكىسى بىلەن پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكىسىگە بىر كۆزدە قارىشى، ئادىل رىقابەتلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى تېخىمۇ ئازاد قىلىپ، ئەلالىرىنى قالدۇرۇپ، ناچارلىرىنى شاللىشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش›› دېگەندە، مېنىڭچە ‹‹زامانىۋى›› دېگەن بۇ سۆزنى باراۋەرلەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن چۈشىنىش كېرەك. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشتە قىلغانلىرىمىز تېخى يېتەرلىك ئەمەس، ھازىر شەرق بىلەن غەرپ ئارىسىدا، شەھەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدا، خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايون بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئارىسىدا، ئوخشاشمىغان قاتلاملار ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹تورت›› نى چوڭايتىپ، تېخىمۇ زورايتىپ مۇۋاپىق تەقسىملەش كېرەك.

  زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىشتىن ئىبارەت. پىدائىيلار تۈزۈمى، كارخانا مەبلەغ ياردىمى تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. چەت ئەل ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرى، بولۇپمۇ سىمفونىيە، بالېت، تىياتىرخانا قاتارلىق بۇ نەپىس سەنئەتنىڭ خىراجەت قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ‹‹ئۈچتە بىر بولۇش ۋەزىيىتى›› بويىچە بولۇشى، يەنى ھۆكۈمەت ئۈچتىن بىر قىسىم مەبلەغنى ئاجرىتىشى، جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ ياردىمى ئۈچتىن بىرنى ئىگىلىشى، بېلەت كىرىمى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىشى كېرەك.

  يارقىن نۇقتا: خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىجادىيەت مۇكاپاتلاشلا بولماستىن، بەلكى پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك

  مۇخبىر: ‹‹قارار›› دا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كونكرېت مەشغۇلاتتا خەلقنى مەركەز قىلىش خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش قانداق نامايان قىلىنىدۇ؟

  سەي ۋۇ: بىرىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىش خىزمەت يۆنىلىشى مەدەنىيەت خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك بىر پىرىنسىپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇبيېكتىپ سەنئەتكار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشكە، يەرلىك بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇشقا يېتەكلەپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىجادىيەت قىلىشقا ئەمەس، بەلكى رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق، پۇقرالار ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، خەلقنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، بىر ئەسەرگە باھا بېرىشتە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆلچەم قىلماستىن، پۇقرالارنىڭ ئىنكاسىغىمۇ قاراش كېرەك.

  تۆتىنچى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن خەلقنى ھەقىقىي بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك. ئىجادىيەتنىڭ ئۆزى ھەرگىزمۇ يالغۇز ھۇزۇرلىنىش، ئاز سانلىق كىشىلەرگە كۆرسىتىش، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى پۇقرالارنى ھەقىقىي خۇشال قىلىدىغان، پۇقرالارنى تەربىيەلەيدىغان، پۇقرالارنى يېتەكلەيدىغان، پۇقرالارغا ئۆز بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئۇ ياخشى ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر