باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇيغۇر «داۋاز»چىلىقىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ۋارىسى ئادىل ھوشۇر ياراتقان جىننېس دۇنيا رېكورتلىرى(3)

2013.07.26 11:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئادىل ھۇشۇر قۇش چاڭگىسىدا ماھارەت كۆرسەتمەكتە.
  4. 2003-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، چۇڭچىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئازگال جېڭ جيې ئازگىلىدا ئۇزۇنلۇقى 570 مېتىر، ئېگىزلىكى 662 مېتىر كېلىدىغان پولات ئارقاندا مېڭىپ يەنە بىر قېتىم دۇنيا جىننېس رېكورتى ياراتقان. بۇ ئازگالنىڭ دىئامېتىرى 620 مېتىردىن ئارتۇق، چوڭقۇرلۇقى 666 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئادىل ھوشۇر بۇ ئازگالدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈش ئارقىلىق «دۇنيادىكى بىرىنچى ئازگال»نى بويسۇندۇرغان قەھرىمان بولۇپ قالغان.

  5. 2009 -يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئادىل ھوشۇر قاناس مەنزىرە رايونىدا پولات ئارقاندا مېڭىشقا رەسمىي جەڭ ئېلان قىلغان، بۇ قېتىملىق يۇقىرى بوشلۇقتا پولات ئارقاندا مېڭىش ماھارىتى دېڭىز يۈزى بىلەن بولغان ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز يەنى 1530 مېتىر كېلىدىغان بوشلۇقتا ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، ماھارەت كۆرسىتىشنى باشلىغاندا ئىككى ئادەم پولات ئارقاننىڭ ئىككى تەرىپىدىن مېڭىپ، ئوتتۇرىدا كېسىشكەن ۋە مۇساپىنى غەلىبىلىك تاماملاپ يەتتىنچى قېتىملىق جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.

  6. 2010-يىلى مايدا، شىنجاڭ داۋاز سەنئىتىنىڭ داڭلىق ۋارىسى ئادىل بېيجىڭ ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى «قۇش چاڭگىسى»دا ئىككى ئايلىق بوشلۇقتا دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلغان. ئۇ «قۇش چاڭگىسى»نىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى 9 كۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئۆيدە تۇرۇپ، كۈندە تەخمىنەن 5 سائەت ئەتراپىدا پولات ئارقاندا مېڭىپ ماھارەت كۆرسىتىپ، «بوشلۇقتا ياشاش» داۋاملىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، «بوشلۇقتا مېڭىش» جۇغلانما ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولۇشتەك دۇنيا جىننېس رېكورتى ياراتقان. (ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى)
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر