باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى

2013.12.20 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپا سېكرېتارى ۋاڭ جېڭۋېي يېقىندا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كېلەر يىلى مەركەز 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىگە تۇتۇش قىلىدۇ. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى، چېگرىنى گۈللەندۈرۈپ، دېھقانلارنى بېيىتىش ھەرىكىتى، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش، ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ مەخسۇس پىلاننىڭ 12-بەش يىللىق پىلانىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىقاتىنى ياخشى قىلىپ، ھازىرقى ئالاھىدە خىزمەتلەرنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى پائال، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش لازىم. مىللەتلەر خىزمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسى بىلەن بولغان پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىش؛ مىللىي رايونلارنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مىللىي رايونلارنىڭ ياخشى مۇھىتى ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيىتىنى قوغداشقا، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، چېگرا مۇقىملىقى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر