باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەدىكى كونا مەسىلىلەر يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى

2013.12.23 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە كرىزىسى پارتلىغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا غايەت زور زىيان يەتكۈزۈپ، بۇ دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى يامانلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ دۆلەت كونا مەسىلىلەر بىلەن يېڭىدىن كېلىپ چىققان ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىشتەك يېڭى خىرىسقا يولۇقۇشقا باشلىدى.

  2013-يىلى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، سۇرىيە كرىزىسىمۇ ئۈچىنچى يىلغا قەدەم قويدى. سۇرىيەدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان زوراۋانلىق توقۇنۇش ئۆزلۈكسىز كەسكىنلەشمەكتە، ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالى كۈنسېرى يامانلاشماقتا، كۆپلىگەن كونا قىيىنچىلىق يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەندىشىلەر ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئەندىشىگە سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇرىيەنىڭ تىنچلىق ئىستىقبالىغىمۇ كۆپلىگەن مۇقىمىسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 16-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن يىل ئاخىردىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: 2013-يىلى سۇرىيە توقۇنۇشىنىڭ ئېغىرلىشىشىدىكى بارلىق ھادىسىلەر، سۇرىيە خەلقنىڭ زوراۋانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىققا بىر يىل ھەتتا بىر ئاي بىر كۈنمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بان كىمون ئېيتقاندەك، ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 2013-يىلى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئۈزۈلمەستىن داۋاملىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئارمىيە كۈچىنى تەڭشىگەندىن كىيىن 4-ئايدىن باشلاپ ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچلەرگە قارىتا ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇندىن ئىلگىرى ئۆكتىچى گۇرۇھ قۇراللىق كۈچلىرى ئىگىلىۋالغان گۇسەر، خالىدىيە قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇنلارنى قايتۇرۇۋالدى. بۇ، مەلۇم دەرىجىدە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى كۆرسەتتى. ھازىرغىچە، ئىككى تەرەپنىڭ ھومۇس، دىرا، ھەلەپ قاتارلىق جايلاردىكى كەسكىن ئۇرۇشى تېخى ئاخىرلاشمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇراللىق كۈچ ئارقىلىق باشار ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا يار يۆلەكتە بولىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە بازا تەشكىلاتىغا ئالاقىدار بىر قىسىم ئەسەبىي قۇراللىق كۈچلەر بۇ كرىزىسىگە ئارىلاشقانلىقتىن، توقۇنۇش يەنىمۇ كەسكىنلەشتى.

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، قورال سۇرىيە كرىزىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمايلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئەكسىچە زوراۋانلىق توقۇنۇشىنىڭ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇرىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، سۇرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 11-دېكابىر ئېلان قىلغان دوكلاتدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلى 3-ئايدا باشلانغان سۇرىيە كرىزىسىدە 3 مىليون كىشى ئىشسىز قالغان، 1 مىليون 500 مىڭ ئېغىز تۇرالغۇ ئوي پۈتۈنلەي ياكى بىر قىسىمى ۋەيران بولغان. 7 مىليون كىشى ئوي ماكانسىز قالغان، %29 پۇقرا پاكىز سۇ ئىچەلمىگەن. دوكلاتدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئوزۇقلۇق ۋە داۋالاش كاپالىتى كەمچىل بولغانلىقتىن، سۇرىيەدىكى بوۋاقلارنىڭ قازا قىلىش نىسبىتى 2011-يىلدىكى مىڭدە 14 دىن ھازىرقى مىڭدە 18 گە كۆپەيگەن بولۇپ، ھەر يىلى 9 مىڭ بوۋاق قازا قىلغان، بىر قىسىم بالىلار پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشمۇ سۇرىيەدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۇزاق مۇددەت داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان سۇرىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا ئانچە تەرەققىي قىلمىغان سۇرىيە ئىقتىسادى نەچچە ئون يىل ئارقىغا چېكىنگەن.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2013-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە كرىزىسىگە قۇراللىق ئارىلىشىش بېسىقتۇرۇلدى، بۇنىڭدىن كىشىلەر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىشنىدىن ئۈمىد بارلىقىنى كۆرۈۋالدى، گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، سۇرىيە كرىزىسى تەل-تۆكۈس تۈگىتەلمەستىن، يەنىلا كۆپلىگەن خىرىسلارغا يولۇقتى.

  خىمىيىۋى قۇراللارنى مەنئى قىلىش تەشكىلاتى بۇندىن ئىلگىرى ماقۇللىغان تەپسىلىي لايىھەسىگە ئاساسەن، سۇرىيە 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئىلگىرى بارلىق خىمىيىۋى قوراللىرىنى كۆيدۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇندايدۇ، مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى دەل ۋاقتىدا، تەرتىپلىك ئورۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا سەل قاراشقان بولمايدۇ. 2-قېتىملىق جەنۋە سۇرىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق، مەيلى خەلقئارا جەمئىيەت بولسىمۇ ياكى سۇرىيەدە يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە يىغىننىڭ مەزمۇنىدا يەنىلا ئىختىلاپلار ساقلانماقتا، سۇرىيەدىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى گۇرۇھلار نۆۋەتتە يىغىنغا يەنىلا توسقۇنلۇق قىلماقتا، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نەتىجىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئاشۇردى. ئۇندىن باشقا، 2014-يىلى يەنە سۇرىيە پىلان بويىچە چوڭ سايلام ئۆتكۈزىدىغان يىل. بۇندىن ئىلگىرى، پىرېزىدېنت باشار داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : باشارنىڭ داۋاملىق سايلىنىش ئېھتىماللىقى بار، بىراق بۇنى ئۆكتىچىلەر ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. شۇڭا، شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، باشار پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشدىن قول ئۈزمىسە، ئۆكتىچىلەر بۇنىڭغا بارلىق ئاماللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ھەتتا ئەسەبىي ئۇسۇللار ئارقىلىق 2014-يىللىق چوڭ سايلامنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 2014-يىلى سۇرىيەدە چوڭ سايلامنى چۆرىدىگەن بىر مەيدان يېڭى كرىزىس يوشۇرۇن ھالدا ھەرىكەت قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر