باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاخبارات باياناتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

2013.12.20 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 19-دېكابىر 2014-يىلى يېڭى يىللىق كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى ئاچتى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەي مىڭجاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 50 نەچچە مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىگە مۇلازىمەت قىلدى. جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان جۇڭگو بىر غايەت زور ئاخبارات كېنىغا ئايلاندى، بىز چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى مۇخبىرلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دۆلەت ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىشى، جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، ياخشى خەۋەر قىلىشى؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىدىكى مۇخبىرلارنىڭ ئىچكى جايلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى؛ تەيۋەندىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى كۆپ خەۋەر قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاخبارات باياناتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر