باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«كۆكتات سېۋىتى»، «مېۋە تەخسىسى» ناھايىتى پۇختا بولدى (جۇڭگو ئىقتىسادىغا چوڭقۇر مۇلاھىزە (3))

--نۆۋەتتىكى مال باھاسى ۋەزىيىتىگە قانداق قاراش كېرەك؟

2019.07.05 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭجوۋدا خىزمەت قىلىۋاتقان چېن جيەنبيەن يايما ئورنىدا بىر تەرەپتىن تاللىغاچ بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: لۇڭيەننىڭ ھەر جىڭى 8 يۈەن، تاۋۇزنىڭ ھەر جىڭى 3.2 يۈەن، باناننىڭ ھەر جىڭى 4.5 يۈەن، ئالدىنقى مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىر مېۋىلەرنىڭ باھاسى يېرىمى دېگۈدەك ئەرزان بولدى.

  «كۆكتات سېۋىتى»، «گۈرۈچ خالتىسى» ۋە «مېۋە تەخسىسى»نىڭ مۇقىم ياكى مۇقىم ئەمەسلىكى، مىڭلىغان ئائىلىنىڭ «كىچىك ھېسابات دەپتىرى»گە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى «چوڭ ھېسابات دەپتىرى»گىمۇ مۇناسىۋەتلىك. مال باھاسى مۇقىملاشسا، ھەممە ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ، دۆلەتنىڭ زور تەرەققىياتىمۇ تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ.

  «مۇقىم»نىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مال باھاسى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭ داۋالغۇش كۆرۈلمەسلىككە ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتە سىستېمىلىق خەۋپ -خەتەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مال باھاسىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى، كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مال باھاسىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  نۆۋەتتىكى مال باھاسى ۋەزىيىتىگە قانداق قارايسىز؟ تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى دۆلىتىمىزنىڭ مال باھاسىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ پۈتۈن بىر يىلدا ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %3 ئەتراپىدا بولغان كۆزلىمە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟ مۇخبىر بۇ جەھەتتە تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلدى.

  --ھازىرقى ئەھۋالغا قاراڭ

  مال باھا سەۋىيىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم

  بۇ يىل 5- ئايدا،CPI (ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئېشىپ، يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ يادرولۇق CPIنى چىقىرىۋەتكەندە، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.6 ئاشقان بولۇپ، ئۇ 2017- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش نىسبىتى بولۇپ قالدى. باھانىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدىغان سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 5- ئايدا CPI ئالدىنقى ئايدا %0.1 ئۆرلەشتىن تەڭلىشىشكە ئۆزگەرگەن، سېلىشتۇرما باھا مۇقىم بولغان.

  مال باھاسى مۇقىم بولمىسا، ئاھالىلەرنىڭ ھىس قىلىشىغا ئەڭ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كۆكتات باھاسى مۇقىم چۈشتى-- بۇ بىر نەچچە كۈندە تەرخەمەكنىڭ ھەر جىڭى 2 يۈەن بولۇپ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا 2 يۈەندىن 3 يۈەنگىچە چۈشتى، كۆكتات باھاسى مۇقىملاشتى.

  بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونىدىكى تاللا بازىرىدا، ياپيېشىل ۋە يۇمران كۈدىلەر، ئۇچىدا تىكىنى بار تەرخەمەكلەر، قىپقىزىل شوخلىلار مال جازىسىدا تىزىقلىق تۇرماقتا. شەھەر ئاھالىسى لى مىڭفېڭ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆكتات تاللاۋاتىدۇ . بۇ يىل 6- ئايدىن بۇيان، نۇرغۇن يېڭى كۆكتاتلارنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن كۆكتات باھاسى يېتەرلىك دەرىجىدە تەمىنلەش بىلەن تەڭلەشتى.

  خەۋەرلىشىش ھەققى تۆۋەنلىدى−نەنجىڭ شەھىرى جياڭنىڭ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ رۇي:«ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ تورغا چىققاندا، ئاۋۋال سىمسىز تور ئىزدەيتتۇق، ئەمدى ھازىر يېڭىدىن بېجىرگەن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتە G20لىق سۈرئەت چەكلىمىسى بولمىغان ئېقىم مىقتارى بار بولدى. شۇڭا ئەمدى تور ئېقىمى ئارقىلىق تور بېتى ۋە سىن كۆرۈشكە كەتكەن ئېقىم مىقدارىغا ئىچ ئاغرىتمايدىغان بولدۇق»، دېدى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈچ چوڭ تېلېگراف تىجارەت سودىگىرى سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى كۆپ خىل «چوڭ سوۋغات» لارنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇپ، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەققىنى يەنە %20تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئۆي ئىجارىسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى مۇقىم بولدى− جياڭسۇ ياڭوۋۇدا خىزمەت قىلىۋاتقان بيەن لىلى يېقىندا ئۆي ئالماشتۇرماقچى بولۇپ، بىر نەچچە ئىجارە شىركىتىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن: «نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆي ئىجارىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاشكەن، بىر ئېغىز ئۆينىڭ ئىجارىسى 400 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە بولدى»، دېدى. ئەنجۈكېدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە 21 شەھەرنىڭ ئۆي ئىجارىسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %5 ئىچىدە ساقلانغان.

  مۇلازىمەت ئېتىبارلىرى كۆپ بولدى −سەنشى لىنفېندىن كەلگەن گو شۈن يېقىندا ساياھەتتىن ناھايىتى رازى بولۇپ: «بەش كۈندە شەرقىي جۇڭگودىكى بەش شەھەرنى ئايلاندۇق، مېھمانخانىنىڭ ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك ئۆلچىمى يامان ئەمەس ئىكەن، ھەر بىر ئادەمنىڭ خىراجىتى 2000 يۈەنگە يەتمىدى»، دېدى. بۇ يىل 5- ئايدا، ئايروپىلان بېلىتى ۋە ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ھەق ئېلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %6.5 ۋە %1.5 تۆۋەنلەپ، CPIنىڭ تۆۋەنلىشىگە %0.04 تەسىر كۆرسەتتى. (تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 1- بېتىدىن كۆرۈڭ)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر