مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بىزنىڭ بۇ گاجا ئىسمى-جىسمىغا لايىق جاي!» (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر. بىرىنچى سەپتە نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش)

مۇخبىرىمىز چېن زېيۈ

2019.07.05 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  جەنۇبتا باۋبېيشەن تېغى، شىمالدا خانچاغان تېغى بار، خولىن دەرياسى بۇ يەردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئىچكى موڭغۇل ھىنگان ئايمىقى كىيۇ ئوتتۇرا خوشۇنى بايانئوبا گاجاسى (كەنتى) يەر شارائىتى ياخشى جاي. بايان بىلەن ئوبا موڭغۇلچە «باي» ۋە «بەخت-قۇت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن بايانئوبا گاجاسىنىڭ 10 يىل ئىلگىرى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 4000 يۈەن ئىدى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا 21 مىڭ 700 يۈەنگە يەتتى، بايانئوبا ئاخىرى ئىسمى-جىسمىغا لايىق جاي بولدى.

  شۇ يەرلىك كىشىلەر: گاجانىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساپانى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىشتىن ئايرىلالمايدۇ، دېيىشىدۇ.

  ھەر مىللەت خەلقى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ

  مەن بايانئوبا گاجاسىغا كېلىشتىن ئىلگىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۈننى خەنزۇ مىللىتىدىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، كېيىن پاراڭلىشىپ ئاندىن ئۇنىڭ موڭغۇل ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 317 ئائىلىلىك بار بۇ كەنتتە موڭغۇل، خەنزۇ ئارىلىشىپ قۇرۇلغان ئائىلىدىن تەخمىنەن 70 ئائىلە بار ئىكەن. ھەر مىللەت خەلقى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىكەن.

  ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دوستلۇقى بىرلەشتۈرۈلگەن ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ ئىكەن. 1982-يىلى رۇس ئايال خۇ شيۇيىڭ بايانئوباغا ياتلىق بولۇپ كېلىپ، ھازىرغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىنىغا 37 يىل بولۇپتۇ. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرگە ياتلىق بولۇپ توغرا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. 10 يىل ئىلگىرى، گۈيجۇ زۈنيىدىن كەلگەن دەيزۇ قىزى ياڭ لى بىلەن بۇ گاجالىق موڭغۇل ياش جاڭ جىڭشى ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ياڭ لى يەنىلا گاجانىڭ ئىناق كەيپىياتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دوستانە، ئاق كۆڭۈللۈكىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، بۇ يەردە قالىدۇ، ئۇ ئۆزى قېلىپلا قالماي، يەنە نەۋرە ئاچىسى ۋاڭ شياۋمېينى يەنە بىر موڭغۇل ياشقا تونۇشتۇرىدۇ.

  گاجانىڭ جەنۇبىدا ئېمۇتىنغول مىللىي ئۆرپ-ئادەت سارىيى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر مىللەت ئەجدادلىرىدىن قېپقالغان بۇيۇملار نامايان قىلىنغان. كۆرگەزمە زالىنىڭ ياغاچ ئىشىكىگە ئەنئەنىۋى خەنزۇچە پەرچىن مىخ مىخلانغان بولۇپ، يېنىدىكى دېرىزىگە موڭغۇلچە ئۇسلۇبتا گۈل ئويۇلغان ئىدى؛ خەنزۇلار ياخشى كۆرىدىغان غالتەك ھارۋىلارمۇ، موڭغۇللار دائىم ئىشلىتىدىغان لېلې ھارۋىلىرىمۇ بار ئىدى؛ چالغۇلاردىن خەنزۇلارنىڭ ئەرخۇ غىجىكى، موڭغۇللارنىڭ سىخۇ غىجىكى ۋە ئات باشلىق غېجىكىمۇ بار ئىدى؛ ھەر خىل مىللىي مەدەنىيەت بۇ يەردە ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن.

  كېيۇ ئوتتۇرا خوشۇنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بەي يۈنخەي مۇنداق دېدى: كۆپ يىللىق ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشتىن كېيىن، نۆۋەتتە بۇ جايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى، يۇرتىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى .

  تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 1-بېتىدىن كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ