مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا، ئاتا-ئانىلار پىسخىكىلىق يېتەكلەشتە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشى كېرەك

2019.07.04 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىرەيلەن سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق سورىدى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، بالىمىز دەرھال ئۈندىداردا ماڭا ئالغان نومۇرنى ئېيتىپ بەردى ھەم: «مەن ئىقتىدارىمنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىدىم»، دېدى. ھازىر بالىنىڭ ئىرادىسى چۈشكۈنلىشىپ، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەجرىمىزگە يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز بالىنىڭ ئەسلىگە كېلەلمەسلىكىدىن بەك قورقۇۋاتىمىز، قانداق قىلغاندا بالىنى بۇ خىل پاسسىپ روھىي ھالەتتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى

  دۇڭجىمېن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 3-يىللىق سىنىپ مەسئۇلى شېڭ شياۋيەن مۇندان دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇرى چىقتى، مەن كۆپ قېتىم تولۇق 3- يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش سىنىپىنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولغاچقا، ھەر يىلى مۇشۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم بەزى ئائىلىلەر خۇشال بولسا، بەزى ئائىلىلەر قايغۇرىدۇ، بەزىلەر ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ نەتىجىسى ياخشى چىقىدۇ، يەنە بەزىلەر ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي، نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلارمۇ بار. ئىلگىرى سىنىپىمدا بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۆزىدىن زور ئۈمىد كۈتەتتى، لېكىن نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمىگەنلىكى مەلۇم بولدى، مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا، ھەر بىر جۈملە سۆزىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا بالىلار ئاچچىقىنى چىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئاتا- ئانىلار بالىلىرى بىلەن قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ كۆز قارىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

  ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك: 18 ياشلىق ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بالىغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ ئىش بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىزنىڭ ئۇزاق ھاياتىمىزدا، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلار چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان بىر ئۆتكەل، خالاس. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مۇھىم ئۆتكەللەرگە يولۇقىمىز، بۇ قېتىم ئوڭۇشلۇق بولماسلىقى بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بىز تىرىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ غايىسى ۋە ئېتىقادىدا چىڭ تۇرساقلا، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىمىزنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەتكە چوقۇم ئېرىشەلەيمىز، ئىختىساسلىقلارمۇ چوقۇم كۆمۈلۈپ قالمايدۇ. ئاتا-ئانىغا جاۋاب قايتۇرىدىغان يەنە نۇرغۇن پۇرسەت ۋە ئۇسۇللار بار.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار پاراڭ تېمىسىنى ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئارزۇ توغرىسىدىكى ئوي- پىكىرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، بالىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، دەپ قارىغان نومۇر بىلەنمۇ ئەمەلىيەتتە بىر قەدەر ياخشى بولغان مەكتەپ ياكى كەسىپنى تاللىغىلى بولىدىغانلىقىنى بالىسىغا تونۇتۇشى لازىم.

  ئەمما ئاتا-ئانىلارمۇ چىن كۆڭلىدىن نەتىجىگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بالىلارغا بېسىم ھېس قىلدۇرماسلىقى كېرەك. قانداقلا بولسۇن نومۇرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۆتۈپ كەتتى، ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىگەن ئىشنى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھامان بىر كۈنى بالىلار ئۆزى ئازادىلىك بىلەن تىلغا ئالىدۇ، قانداقلا بولسۇن قىيىنچىلىقتىن ئۆزى مېڭىپ چىققاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ گۈزەل يېرى مۇرادىغا يېتىشتە ئەمەس، بەلكى ئويلىمىغان نەتىجىگە ئېرىشىشتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ