مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«5G رادىياتسىيەسى» 6-ئايلىق ئىلمىي ئۆسەك سۆزلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ماۋۇ ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەڭ

2019.07.02 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «5G ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا كاشىلا قىلىدۇ» دېگەن ئۆسەك سۆز 5- ئايلىق ئىلمىي ئۆسەك سۆزلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، «5G رادىياتسىيەسى كۈچلۈك، ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېگەن ئۆسەك سۆز يەنە 6-ئايلىق ئىلمىي ئۆسەك سۆزلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، 5G ئۆسەك سۆزلەرنىڭ «قىزىق نۇقتىسى»غا ئايلاندى. ئىلمىي ئۆسەك سۆزلەر تىزىملىكىنى بېيجىڭ پەن-تېخنىكا مۇخبىرلىرى تەھرىرلىك جەمئىيىتى، بېيجىڭ رايونى تور بېكەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بېرىش سۇپىسى ھەر ئايدا بىرلىكتە ئېلان قىلىدۇ. 6-ئايلىق تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئىلمىي ئۆسەك سۆزلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  بىرىنچى ئۆسەك سۆز: 5G نىڭ رادىئاتسىيەسى G4دىن چوڭ، ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ.

  ھەقىقىي ئەھۋال: خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتلىرىنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا، تېلېفوندا سۆزلىشىش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، يانتېلېفون بىلەن ئاساسىي پونكىت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئەكسىچە شۇنچە كىچىك بولىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئولتۇراق رايونلاردىكى ئاساسىي پونكىتنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارى ئىنتايىن كىچىك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىشتە خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتىنىڭ سىگنال تارقىتىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ئەمەس، بەلكى يەتكۈزۈش كەڭ بەلبىغىنىڭ سىغىمنى ئاشۇرۇشقا تايىنىلىدۇ. كەلگۈسىدىكى G5 ئالاقە ئاساسىي پونكىتىمۇ ئوخشاش.

  ئىككىنچى ئۆسەك سۆز: ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى ۋاكسىنىسى پات ئارىدا دۇنياغا كېلىدۇ.

  ھەقىقىي ئەھۋال: ئالتسخېيمېر كېسىلى ئىزچىل مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ھەل قىلىنمىغان قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ھازىرغىچە پەقەت بىر نەچچە خىل دورا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قىسمەن پەسەيتىدۇ، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇشقا ياكى داۋالاشقا ئامال يوق.

  ئۈچىنچى ئۆسەك سۆز: بىر مۇشت قويۇپ يۈرەككە سېلىنغان تىرەكنى چۈشۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇش كېرەك.

  ھەقىقىي ئەھۋال: يۈرەككە تىرەك قويۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تىرەك ئاستا-ئاستا قان تومۇرلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ، بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. مۇشتلاپ ئۇرۇش ياكى شاپىلاقلاش قاتارلىق تاشقى دۇنيانىڭ تەۋرىتىشى ۋە بەدەن پائالىيىتى قاتارلىقلار تىرەككە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، تىرەكمۇ ھەم قان تومۇرلاردا ئۇياقتىن-بۇياققا چېپىپ يۈرمەيدۇ.

  تۆتىنچى ئۆسەك سۆز: «قاتتىق تەرلەش كىيىمى»نى كىيگەندە ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولسىمۇ، تېز سۈرئەتتە ئۈنۈملۈك ئورۇقلىغىلى بولىدۇ.

  ھەقىقىى ئەھۋال: «قاتتىق تەرلەش كىيىمى»نىڭ پىرىنسىپى خۇددى ھىم يېپىلغان «يامغۇرلۇق كىيىم»گە ئوخشايدۇ، كىيىپ ھەرىكەت قىلغاندا بەدەن سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، كۆپ مىقداردا تەر چىقىپ، بەدەن سۇسىزلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بىراقلا ئون نەچچە جىڭ يېنىكلەپ كېتىشمۇ مۇمكىن. ئەمما بۇنداق ئورۇقلىغىنى ياغ ئەمەس سۇ بولۇپ، سۇ تولۇقلىغاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ.

  بەشىنچى ئۆسەك سۆز: «ئالاھىدە رېتسېپلىق پاراشوك» بوۋاقلارغا رېئاكسىيە قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

  ھەقىقىي ئەھۋال: يېقىندا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بەزى كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان «رېتسېپلىق پاراشوك»لارنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا، قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئورگان تورىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەھسۇلاتلار «قاتتىق ئىچىملىك»كە تەۋە بولۇپ، «ئالاھىدە رېتسېپلىق پاراشوك» ئەمەس ئىكەن.

  ئالتىنچى ئۆسەك سۆز: لىجى يېسە مېڭە ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ.

  ھەقىقىي ئەھۋال: لىجى بىۋاسىتە مېڭە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، لېكىن زىيادە كۆپ مىقتاردا يېگەندە قان شېكىرى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىپ، مېڭە سۇلۇق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە ياللۇغى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەپ دىياگنوز قويۇلۇشى مۇمكىن). لىجىنىڭ پىشىش مەزگىلى دەل مېڭە ياللۇغىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلى بولغاچقا، ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويۇلىدۇ ۋە خاتا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

  يەتتىنچى ئۆسەك سۆز: تاماق يېمەي ئاچ يۈرۈش ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.

  ھەقىقىي ئەھۋال: ئۆسمە ھۈجەيرىسىمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، چەكسىز كۆپىيىدۇ ھەمدە بەدەندىكى نورمال ھۈجەيرىلەر بىلەن ئوزۇقلۇق تالىشىدۇ، يېمىگەن، ئىچمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆسمە ھۈجەيرىسى بەدەندە ساقلانغان ئوزۇقلۇقنى خورىتىدۇ. ئادەتتىكى «ئاچ يۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلى» ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرەلمەيلا قالماستىن، يەنە بەدەن ئىقتىدارى ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ