شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.07.03 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئىيۇل خەلق سارىيىدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ھەر ئىككىسى بازىرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مۇھىم دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردىكى يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر ساغلام، مۇقىم يولدا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ھەرقانداق كۈچنىڭ تۈركىيەدە جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، تۈركىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، تۈركىيە تەرەپ بىلەن خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. تۈركىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھ، جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن-تېخنىكا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە ۋە چوڭ-چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرى ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە ئاممىنى جۇڭگو-تۈركىيە ھەمكارلىقىدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-تۈركىيە دوستلۇقىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ رايون ئىشلىرىدا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئالاقىدار قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىڭ يىللىق قەدىمىي يىپەك يولى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان تۈركىيە-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۈگۈن يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. قويۇق تۈركىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەيدۇ. تۈركىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى داۋامىدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئەمەلىيەتتۇر، تۈركىيە تەرەپ ھەرقانداق ئادەمنىڭ تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىشىغا يول قويمايدۇ. تۈركىيە ئەسەبىيلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. تۈركىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، تۈركىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، ئۇل ئەسلىھە، 5-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئەقلىي شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن تەتقىقات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ئەردوغاننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، جى بىڭشۈەن، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ