خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، چوڭ شەھەرلەردىكى خىزمەت پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىغا قايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، گۈزەل ياشلىق باھارى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلىق باھار مارشىنى ياڭراتتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ياش يولداشلار يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ ھايات ۋاقتىدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بەيسې شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئىدى. ئۇ 2016-يىلى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىقىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلدى. 2018- يىلى 3-ئايدا، يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ تەشكىلنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، لېيې ناھىيەسى بەييا كەنتىگە بېرىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، 88 ئائىلىدىكى 418 نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، پۈتۈن كەنتتە نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتىنى %20 تىن كۆپرەك تۆۋەنلەتتى. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، ئۇ بەيسېدىن لېيېغا قايتىش سەپىرىدە كەلكۈنگە يولۇقۇپ، بەختكە قارشى قازا قىلىپ، ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ