لى كېچياڭ 2019-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئالاھىدە سۆز قىلدى

2019.07.03 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن داليەن شەھىرىدە 2019-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئالاھىدە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگىنىگە 13 يىل بولدى. ئەينى چاغدا يازلىق داۋوس مۇنبىرى قۇرۇلغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سانائەت ئىنقىلابى گۈللىنىۋاتقان، يەر شارىلىشىش قەدىمى تېزلىشىۋاتقان، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى سودا ئەندىزىسى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان ئىدى. ئەينى چاغدا يېڭى باشلامچىلاردىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېما بېكىتىلدى ھەمدە تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلدى، ئۇ يەنىلا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇ يىلى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان نۇرغۇن كارخانا ھازىر «پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخ»گە ئايلاندى. بىز تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى، چوڭ كارخانىلار بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىش تىپىدىكى كارخانىلارنى بىر سەھنىدە بىرلىكتە ماھارەت كۆرسىتىش، ئادىل رىقابەتلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مەسىلىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ئىگە بولىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى توغرىسىدىكى مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەشنى خالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ