جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەل ئەلچىلىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى ئالقىشلىدى

2019.07.05 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە شەھىرىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-ئىيۇل جەنۋەدىكى بارچە ئەللەر سارىيىدا «شىنجاڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى» باش تېما يىغىنى ئېچىپ، ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە يېقىندا جۇڭگونى زىيارەت قىلغان ھەمدە شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

  ئەلچىلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. 20 نەچچە دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، خەلقئارا تەشكىلات ئەمەلدارلىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ 160 دىن ئارتۇق ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى.

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن شۈ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، جۇڭگو شىنجاڭ تارىختىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز، ئەڭ مۇقىم مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق __ ئىنسانىي ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بەھرىمەن بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى. جۇڭگو شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، جۈملىدىن كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى مەركىزى تەسىس قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭدا بىر قېتىممۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، گۈزەللىكى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ ئوبيېكتىپ، ئادىل زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

  جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ماخمۇتجان ئۆمەر كونكرېت ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، نامراتلىقنى ئازايتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت، تەدبىرلىرى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، ئېكولوگىيەنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىدەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. جۇڭگو شىنجاڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلدى، كۇرسانتلار تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ روھىي كونتروللۇقىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، بەلگىلىك ئەمەلىي تېخنىكىنى ئۆگىنىۋالدى. ھازىر نۇرغۇن كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتكۈزۈپ مەكتەپتىن ئايرىلىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.

  ئالجىرىيە، لائوس، سېربىيەنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى سۆز قىلغان ئەزىز مېھمانلار سۈپىتىدە يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، ئېچىۋېتىلگەن كۆپ مەنبەلىكى، سىغدۇرۇشچانلىقى، ئىناقلىقىنىڭ ئۆزلىرىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى، جۇڭگو شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن نامراتلارنى ئازايتىش نەتىجىلىرىنىڭ كىشىنى قايىل قىلىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە تىل- مەدەنىيەت ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە، نىگېرىيە، چاۋشيەن، ۋېنېسۇئېلا، فىلىپپىن، ئېرىترىيە، بۇرۇندى، سومالى، نېپال، توگو، بېلارۇسىيە، پاكىستان، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بەس-بەستە سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

  يېقىندا جۇڭگو شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان ئەلچىلەر بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېررورلۇق − ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىستۇر، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىر قاتار ئۈنۈملۈك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. غەربنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە لاگىرى» دەپ ئاتىشى پۈتۈنلەي تۆھمەت قىلغانلىق. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ راھەت ئىكەنلىكىنى، كۇرسانتلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىكەنلىكىنى، تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى كۆردۇق. خەلقئارا جەمئىيەت غەربنىڭ بىر تەرەپلىمە سۆزلىرىدىن قايمۇقۇپ قالماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ