شى جىنپىڭ بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.07.04 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئىيۇل خەلق سارىيىدا بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-بۇلغارىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلغارىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇردى. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-بۇلغارىيە دوستلۇقىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇپ، جۇڭگو-بۇلغارىيە ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى ۋە پارتىيە قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە قارىتا نۇرغۇن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان قاراشلىرى بار، كۆپ تەرەپلىك ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. بۇلغارىيە بولسا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەققىدە جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن ئىككى ھۆكۈمەت ئارا ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىغان ئوتتۇرا شەرق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو بۇلغارىيە بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ