مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىدە شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

2019.06.27 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى باراۋەر، ئىتتىپاق، ئىناق بولۇپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدالدى ۋە جارى قىلدۇرۇلدى.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن 2016-يىلىغىچە، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»لەر شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ئىشى)نى پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق تەرتىپى، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات كەيپىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى، ھەم ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا خىلاپ يېنىك جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلارنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ قۇربانلىق بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلاپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى. ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. كۇرسانتلار تەدرىجىي ھالدا تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ روھىي كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، زامانىۋى بىلىم ۋە ئۇچۇر ئىگىلەش يولىغا ئېرىشتى، مەلۇم ئەمەلىي تېخنىكىنى ئۆگىنىۋالدى، نۇرغۇن كۇرسانتلار ئوقۇشنى تاماملاپ مەكتەپتىن ئايرىلدى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. شىنجاڭدا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەردە باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى خالايدۇ، ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئىنسانىي ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، گۈزەل، ھەقىقىي، مېھماندوست شىنجاڭنى ھېس قىلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىدۇ.

  ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرى بولۇپ 500دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئەركىن تۇنىيازنىڭ سۆزىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، نۇتۇقتىن شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ