مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسى قانۇن كېڭىشىگە زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2019.07.03 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق تەرەپلەر 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ بىناسىغا زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 2-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر قىسىم رادىكال ئۇنسۇرلار «قاچقۇن جىنايەتچىلەر نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇشنى نىقاب قىلىپ، قانۇن كېڭىشى بىناسىغا زوراۋانلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى خالىغانچە بۇزۇپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇپ، شياڭگاڭنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، بۇ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۆۋەن چېكىگە ئاشكارا خىرىس قىلغانلىق. بىز بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىمىز ۋە قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋان جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايمىز.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زوراۋان جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايىتى تولۇق، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ، ھەرقانداق ۋىجدانى بار، قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەك. ئاز ساندىكى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار تىنچلىق نامايىشى بىلەن جىنايەتنى قەستەن ئارىلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ بىناسىغا غالجىرلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغان، قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەسلىھەلىرىگە ياۋايىلارچە بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايى قىلمىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالغان، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغان، بۇ ئىشقا قارشى تۇرماي ۋە ئەيىبلىمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئاتالمىش ئەركىنلىك ھوقۇقى ئۈستىدە ھەدەپ قۇرۇق گەپ سېتىپ، زوراۋانلىق بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ «تىنچ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، زوراۋان جىنايەتچىلەرگە يانتاياق بولۇپ مەدەت بەرگەن.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەرقانداق دۆلەت، ھەرقانداق كۈچنىڭ ھەر قانداق باھانە-سەۋەب بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكىگە ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا خالىغانچە زىيان يەتكۈزۈشىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ. بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنى خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا، زوراۋانلىق بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشنى دەرھال توختىتىشقا، شياڭگاڭ ئىشلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقىشنى دەرھال توختىتىشقا، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا رىئايە قىلىشقا، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكىگە، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ھۆرمەت قىلىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ