مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ يۈزىنى قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك

دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ياڭ لى

2019.07.04 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىر كۈنى دوستۇم ماڭا توققۇز ياشلىق ئوغلىنىڭ «قىزىقارلىق ئىشى»نى سۆزلەپ بەردى. بىر قېتىملىق ماتېماتىكا سىنىقىدا، بالىنىڭ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى ساۋاتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ، ئانىسى جاۋابلارنى كۆرگەندىن كېيىن ھەم ئاچچىقلىنىپتۇ، ھەم كۈلكىلىك ھېس قىلىپتۇ، ھەمدە بۇ ئىشنى بالىنىڭ ئالدىدىلا بالىنىڭ بوۋا-مومىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن بالا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غەزەپلىنىپ ھەم ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ، يىغلاپ كېتىپتۇ. ئەجەبا كىچىك بالىلارغىمۇ «يۈز-ئابروي» كېرەكمۇ؟

  پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادەم بىر ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئۆزىنى سېزىش تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ؛ ئىككى-ئۈچ ياش ۋاقتى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۇنجى ئاچقۇچلۇق مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ، يەنى كىشىلەر دائىم دەيدىغان «قورقۇنچلۇق ئىككى ياش»لىق مەزگىلى؛ ئالتە ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان مەزگىل − بالىلارنىڭ ئىجابىي ئوبراز تىكلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىلى؛ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە كەلگەندە، بالىلار ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يەنە بىر مەزگىلىگە كىرىدۇ. بالىنىڭ پىسخىكىسى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ باھاسىغا بەك ئىشىنىدۇ، بالىنىڭ كەمچىلىكىنى خالىغانچە ئاشكارىلاش بالىنىڭ چوڭلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. خىزمەت ئەمەلىيىتىدە بايقىلىشىچە، تۆۋەندىكى بىر قىسىم ئۇسۇل ۋە سۆزلەر بالىنىڭ يۈز- ئابرويىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدىكەن.

  بىرىنچى، ئەھمىيەتسىز سېلىشتۇرۇش. مەسىلەن: «خەقنىڭ بالىسىغا قارىغىنە...»

  ئىككىنچى، كونا يېغىرىنى تاتىلاش. مەسىلەن: «ئالدىنقى مەۋسۇمدىكى ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا ئاران 60 نەچچە نومۇر ئالغانتىڭ»

  ئۈچىنچى، ئەيىبلەش. مەسىلەن: «ئويۇن ئوينىما دېسەم گەپ ئاڭلىمايسەن، شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ تاپشۇرۇقنى تېخىچە ئىشلەپ بولالمىدىڭ، مانا»

  تۆتىنچى، زاڭلىق قىلىپ زىتىغا تېگىش. مەسىلەن: «ھەمىشە ھالقىلىق ۋاقىتتا كېرەككە كەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، زادى... »

  بەشىنچى، كوتۇلداش. مەسىلەن: «سائەت نەچچە بولۇپ كەتتى، سۆرەلمىلىك قىلىپ يۈرۈۋېرەمسەن، دەرھال تاپشۇرۇق ئىشلىمەمسەن... »

  ئالتىنچى، تەلەپنى بەك يۇقىرى قويۇۋېلىش. مەسىلەن: «بۇ قېتىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننى ياخشى بەرمىسەڭ بولمايدۇ جۇمۇ... »

  يەتتىنچى، بالىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلىش. مەسىلەن: «يەنىلا ئاپاڭ ساڭا ياردەم قىلسۇن...»

  سەككىزىنچى، مەجبۇرلاش، بۇيرۇق قىلىش ۋە مەنئى قىلىش. مەسىلەن: «تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولمىساڭ سىرتقا چىقىپ ئوينىشىڭغا رۇخسەت يوق».

  توققۇزىنچى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىنى تەنقىدلەش: «قارىغىنە، نەچچە قېتىم دېدىم، يەنىلا ياخشى قىلالماپسەن...»

  بالىلارمۇ مۇستەقىل شەخس، چوڭلار بالىسىنىڭ ھېسسىياتىغا قارىماي، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى ۋە قىزىقارلىق ئىشلىرى ئۈستىدە سۆز- چۆچەك قىلغاندا، بالىدا «مەسخىرە قىلىنىش» تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى غۇرۇرى زىيانغا ئۇچراپلا قالماي، يەنە «ئۆزىنى كەمسىتىش خاراكتېرى»گە ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، بالىلارنىڭ شەخسىي سىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئۇلارنىڭ يۈزىنى قىلىشنى بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاش لازىم، ئۇلارنى تېخى ئىش ئۇقمايدۇ، دەپ قارىماسلىق كېرەك. تەبىئىتى بىر قەدەر سەزگۈر بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىلار سۆز-ھەرىكەتتە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. ئەگەر باشقىلار بىلەن ئۆز بالىسىنىڭ كارۋاتقا سىيىپ قويۇش، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك دېگەندەك شەخسىي ئىشلىرىنى سۆزلەشمەكچى بولسا، ئاۋۋال بالىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ