2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي
تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق
خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات
پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدا دوكلات

ــــ2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.07.01 20:58 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى

  ۋەكىللەر∶

  گوۋۇيۈەننىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن، ھازىر 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسىنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتـلىك خەلق قۇرۇلـتىيى 2- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىمىز ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمىز.

  1. 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى

  2018-يىلى، چىگىچ-مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، جايلار ۋە تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىرى-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىرتۇتاش ئالغا سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەتنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»، 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7-سانلىق يىغىنىنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان «پىروگراممىسى»نى يولغا قويۇشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرى قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىدى، ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرى بىرقەدەر ئوبدان ئورۇنلاندى، پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى.

  (1) ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئىقتىساد مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈپ باردى. دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» شەكلىدىكى كۈچلۈك قوزغىتىشنى قەتئىي قىلماي، دائىرىلىك تەڭشەش-تىزگىنلەش ئاساسىدا، نىشانلىق تەڭشەش-تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەڭشەش-تىزگىنلەش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن تەڭشەپ ۋە ئاز-تولا تەڭشەپ، سىياسەتلەرنىڭ ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆزلىمىنى ئوبدان باشقۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشىگە پۇختا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇردۇق.

  بىرىنچى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانى بىرقەدەر ياخشى ئورۇنلاندى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 90 تىرىليون 30 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %6.6 ئاشتى، بۇ كۆزلىمە نىشانغا ئۇيغۇن. تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تاقابىل مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تۈرتكىلىك رولى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن بىر يىلدا، شەھەر-يېزىلاردا 13 مىليون 610 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5 ئەتراپىدىكى تۆۋەنرەك سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇردۇق. باھا ئۈستىدىكى كۆزىتىش، ئانالىز، سىگنال، تەڭشەش-تىزگىنلەش كۈچەيتىلىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، پۈتۈن بىر يىلدا، ئاھالە ئىستېمال باھاسى سىلىق ھالدا %2.1 ئۆستى. خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مۇقىم ھالدا 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولدى.

  1-ئىسخېما: 2015-2018-يىللىرى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتى

  


  مەلۇمات مەنبەسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى

  2-ئىسخېما: 2015-2018-يىللىرى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى

  


  مەلۇمات مەنبەسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى

  ئىككىنچى، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۈرۈشىشى ئاساسىي جەھەتتىن پۇختا بولدى. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇردۇق، باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشتى، مالىيە چىقىمىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىزچىل ياخشىلاندى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 18 تىرىليون 340 مىليارد يۈەن بولۇپ، %6.2 ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 22 تىرىليون 90 مىليارد يۈەن بولۇپ، %8.7 ئاشتى؛ مالىيە قىزىل رەقىمى 2 تىرىليون 380 مىليارد يۈەن بولۇپ، خامچوتتىكى بىلەن تەڭلەشتى. پۇختا پۇل سىياسىتىدە ئوتتۇرا ھال ھالەت ساقلاندى، پەرقلىق تەييارلىق فوندى، پەرقلىق كىرېدىت سىياسىتى قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق، مەبلەغ تېخىمۇ كۆپ ھالدا پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك-مىكرو كارخانىلار قاتارلىق ئەمەلىي ئىقتىسادقا سېلىنىشقا يېتەكلەندى. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندى تەسىس قىلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. يىل ئاخىرىدا، كەڭ مەنىدىكى پۇل (M2) قالدۇقى %8.1 ئاشتى.

  ئۈچىنچى، سېلىنمىنىڭ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقى ئىزچىل ئاشتى. مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشتىكى يېتەكچىلىك-تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا دائىر ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلدى، چوڭ-چوڭ تۈرلەر زاپىسى ئاشۇرۇلدى، چوڭ-چوڭ ئۇل ئەسلىھەنى پىلانلاش، قۇرۇش بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىلدى، تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى131 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول 29 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 143 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى. ئەلئارا سېلىنمىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى، تۆمۈريول، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە، نېفىت-گاز، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردە ئەلئارا كاپىتالغا يۈزلەنگەن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم تۈرلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، ھۆكۈمەت- جەمئىيەت كاپىتال ھەمكارلىقى (PPP) ئەندىزىسى قېلىپلىق، تەرتىپلىك ئومۇملاشتۇرۇلدى. تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) %5.9 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلئارا سېلىنما %8.7 ئاشتى. سېلىنما قۇرۇلمىسى سىجىل سەرخىللاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقىغا سېلىنغان مەبلەغ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %16.1 ۋە %11.1 ئاشتى.

  3-ئىسخېما: 2015-2018-يىللىرى ئىستېمال ۋە سېلىنمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى

  


  مەلۇمات مەنبەسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى

  تۆتىنچى، ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۆلىمىنى كېڭەيتىش پائال ئالغا سىلجىتىلدى. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قوزغىتىش توغرىسىدا بىرقانچە پىكىر ۋە ئۈچ يىللىق يولغا قويۇش لايىھەسى يولغا قويۇلۇپ، خاتىرجەم ئىستېمال بويىچە يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈلۈپ، ئىستېمال مۇھىتى ئىزچىل سەرخىللاشتى. دورا، ئاپتوموبىل، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئىمپورت بېجى تۆۋەنلىتىلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشكە قارىتىلغان مالىيە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى تەڭشەلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. يېڭىچە ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى تېز ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇچۇر ئىستېمالى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ باردى. خەينەن ئۆلكىسى خەلقئارا ساياھەت ئىستېمال مەركىزى قۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى (2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە) بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنى مەدەنىيەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەش سىناق خىزمىتى ئىزچىل ئالغا سۈرۈلدى، دۆلەتلىك مىڭدىن ئارتۇق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئەرزانلىتىلدى، مەملىكەتلىك ئائىلە مۇلازىمىتى بويىچە تەربىيەلەش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قوزغىتىلدى، پۈتۈن بىر يىلدا، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %9 ئاشتى. ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى كۈچەيدى، ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ قوشقان تۆھپە نىسبىتى %76.2كە يەتتى.

  1-مەخسۇس بەت: نۇقتىلىق ساھەلەر ئىستېمالىنىڭ سۈپىتى ئۆستى، كۆلىمى كېڭەيدى

  


  


  


  (2) تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش كۈچەپ يولغا قويۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، «تۈگىتىش، بەرپا قىلىش، تۆۋەنلىتىش» ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىنىپ، تەمىنات قۇرۇلمىسى ئىزچىل ياخشىلىنىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى پۇختا ئۆستى.

  بىرىنچى، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش پۇختا قانات يايدۇرۇلدى. ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قۇرۇلمىلىق تۈگىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق سەرخىللاشتۇرۇش ئىزچىل ئالغا سىلجىتىلدى، 35 مىليون توننىدىن ئارتۇق يىرىك پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئازايتىلىپ، 270 مىليون توننىلىق قالاق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چېكىندۈرۈلۈپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ۋەزىپىسى ئىككى يىل بۇرۇن ئورۇنلاندى، بىر تۈركۈم «قالايمىقان بۇلغىما چىقىرىدىغان تارقاق» كارخانىلار تاقىۋېتىلدى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. «مۇردا كارخانىلار» ۋە ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۈگىتىلگەن كارخانىلارنىڭ قەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ياخشى ئىشلىنىپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۈگىتىلگەن كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى پۇختا ئالغا سۈرۈلدى، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى.

  ئىككىنچى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى. ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىدى، سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 30 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. تۇنجى (يۈرۈش) زور تېخنىكىلىق جابدۇقلارنى ئۈلگە كۆرسىتىش، قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلدى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تېز قانات يايدۇرۇلدى. ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2018‐2020-يىللىق)، سانائەت ئالاقە تورى تەرەققىيات ھەرىكەت پىلانى (2018‐2020-يىللىق) چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، ئالاقە تورى، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن بولغان چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، سانائەت ئالاقە تورى+ئەقلىي ياسىمىچىلىق توپلاشتۇرۇلغان قوللىنىش-ئۈلگە كۆرسىتىش ئالغا سىلجىتىلدى، رېلىسلىق قاتناش، يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئەسۋابلىرى، سانائەت ماشىنا ئادىمى قاتارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىندى ھەمدە كەسىپلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشتى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى تەشكىللىنىپ يولغا قويۇلدى، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق، ئاقىل ياسىمىچىلىق، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە تېخنىكا ئۆزگەرتىش تېز ئالغا سىلجىتىلدى. سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، ئۆلچەملىك سۈپەت ماركىسى قۇرۇلۇشى سىجىل كۈچەيتىلدى. دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن جايلىشىشى ۋە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلدى. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىيات پىروگراممىسى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە مەخسۇس ھەرىكەت تېز ئالغا سۈرۈلدى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى.

  4-ئىسخېما: 2015-2018-يىللىرى ئۈچ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى

  


  مەلۇمات مەنبەسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى

  ئەسكەرتىش: بەشلىك پۈتۈنلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغانلىقتىن، ئومۇمىي سان بىلەن تارماق بويىچە جەملەنگەن سان تەڭ بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت.

  ئۈچىنچى، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتى سىجىل ئالغا سۈرۈلدى. باج كېمەيتىش-ھەق تۆۋەنلىتىش زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا، كارخانا ۋە شەخسلەر ئۈچۈن تەخمىنەن 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن يۈك ئازايتىلدى. ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتى %17تىن %16كە تۆۋەنلىدى، قاتناش-تىرانسپورت، پوچتا، بىناكارلىق، ئۇل تېلېگراف مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەر ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ماللارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتى %11تىن %10كە تۆۋەنلىدى، كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، تەتقىقات-يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ %75 قىلىش سىياسىتى بارلىق كارخانىلارغا كېڭەيتىلدى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان قەرز پۇلنىڭ ئىناۋەت چېكى ئۆستۈرۈلۈپ 10 مىليون يۈەنگە يەتتى. بىر تۈركۈم مەمۇرىي-كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند يىغىش تۆۋەنلىتىلدى، توختىتىلدى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق نىسبىتى ۋە كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى، تىجارەت-مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئېنىقلاندى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش زور كۈچ بىلەن ئالغا سۈرۈلدى، بازارلاشقان ئۇسۇلدا سودىلاشقان توك مىقدارىنىڭ سالمىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆستى، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى سودا-سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى ئوتتۇرىچە %10 تۆۋەنلىتىش نىشانى نورمىدىن ئاشۇرۇلۇپ ئورۇنلاندى، پىرىتسىپقا قارىتا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى يېرىم ئېلىندى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا پەرقلىق ھەق ئېلىش سىناق دائىرىسى كېڭەيتىلدى.

  (3) ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى پۇختا ياخشى قىلىندى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ھەرىكەت لايىھەسى تۈزۈلۈپ، قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە تەرتىپلىك يولغا قويۇلدى، پۇل مۇئامىلىنى تۈزەشتە ئۈنۈم روشەن بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يىللىق نىشان ئورۇنلاندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى.

  بىرىنچى، زور خەۋپ-خەتەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى زىيادە يۇقىرى بولىدىغان ھالەت ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، پۇل مۇئامىلە بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى مۇۋاپىق، تۇراقلىق بولدى، بازار چەكلىمىسى پەيدىنپەي كۈچەيمەكتە، ئېھتىياتچان ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدىيەسى كۈچەيدى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتى، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قالايمىقان ھادىسىلەرنى تۈزەشتە باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلدى. تاشقى قەرزنى تىزىملاش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سۈرۈلۈپ، تاشقى قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىندى. نۇقتىلىق شەھەرلەردە يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى ئۆرلەش ھالىتى ئاساسەن تىزگىنلەندى، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا، كەپە رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى تەڭشەلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  ئىككىنچى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى. «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات ئاممىغا قارىتىلغان يار-يۆلەك بولۇش سالمىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاشۇرۇلدى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر پۇختا ئالغا سۈرۈلدى، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ساغلاملىق، ئېكولوگىيە، پۇل مۇئامىلە، تور، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئىزچىل چوڭقۇرلاشماقتا، نامرات رايونلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىدىن 13 مىليون 860 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2 مىليون 800 مىڭ نامرات ئادەمنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، پۈتۈن بىر يىلدا، نامرات ئەمگەك كۈچىگە يار-يۆلەك بولۇپ 3 مىليون 880 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئۈچىنچى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئىشىنى نازارەت قىلىشتا «قايتا تەكشۈرۈش» تەرتىپلىك قانات يايدى، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى سىنىقى پۇختا ئالغا سۈرۈلدى. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدى، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى قاتارلىقلار تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلدى، ئۇششاق دانچە (PM2.5) ئۆلچەمگە يەتمىگەن ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە يىللىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى %10.4 تۆۋەنلىدى، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىد چىقىرىش مىقدارى يەنىمۇ تۆۋەنلىدى. چەت ئەل ئەخلىتىنى چېگرادىن كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلىش قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سۈرۈلدى، مەملىكەت بويىچە قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ ئىمپورت ئومۇمىي مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %46.5 ئازايدى. ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش تېز ئالغا سىلجىتىلدى. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي قاتارلىق 15 ئۆلكە ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قىزىل سىزىقى دەسلەپكە قەدەمدە بەلگىلەندى، سەنشى قاتارلىق 16 ئۆلكىنىڭ ئايرىش لايىھەسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بويىچە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلدى. زور ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. 12 مىليون 380 مىڭ مو يەر تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇلدى، 37 مىليون مودىن ئارتۇق يەردە ئوتلاق قاشالاش، چېكىنىپ كەتكەن ئوتلاقنى ياخشىلاش قاتارلىق يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى. بىنخەي سۇلۇق يېرىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، دېڭىزنى قاشالاپ تىندۇرۇش قاتتىق باشقۇرۇلدى ۋە تىزگىنلەندى. بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلىك ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتى تولۇقلىما مېخانىزمى بەرپا قىلىش پائال ئالغا سىلجىتىلدى، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باھا مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر يولغا قويۇلدى. شىمالىي رايونلاردا قىش پەسلىدە پاكىز ئىسسىنىش خىزمىتى پۇختا ئالغا سۈرۈلدى، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى. نۇقتىلىق رايونلاردا كۆمۈر ئىستېمال مىقدارىنى ئازايتىش، سەپلىمە ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئىزچىل ئالغا سۈرۈلدى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ھوقۇقى سودىسى سىنىقى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى ئاز بۇلغىما چىقىرىدىغان ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش بويىچە ئومۇمىي مىقدارلىق نىشان ۋەزىپىسى مۇددەتتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئورۇنلاندى، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشى ۋە ھەرىكىتى-تەڭشىلىشى كۈچەيتىلدى، تاشلاندۇق توك مىقدارى ۋە تاشلاندۇق توك نىسبىتى تۆۋەنلىدى، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %3.1 تۆۋەنلىدى. مەملىكەتلىك كاربون چىقىرىش ھوقۇقى سودىسى بازىرى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سۈرۈلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ ئىجابىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ يولغا قويۇلۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ ماقۇللىنىشىدا مۇھىم رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق.

  (4) يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچى ئىزچىل جانلاندى. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇش رولى كۈچەيتىلىپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل بولدى، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر تېز راۋاجلاندى، «ئالاقە تورى+» ھەرىكىتى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈلدى، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈشتە ئىجابىي ئىلگىرىلەش قولغا كەلدى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى.

  بىرىنچى، پەن-تېخنىكا كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. مەملىكەت بويىچە تەتقىقات-تەجرىبە خىراجىتىنىڭ سېلىنما سىجىللىقى %2.18گە يەتتى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى مۆلچەرلىنىشىچە %58.5كە يېتىدۇ. ئۇل تەتقىقات يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىلىپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك كىۋانت نۇقتىسى سىستېمىسىدا تۇنجى بولۇپ ئۈچ كىۋانتلىق بىت لوگىكىلىق قاپقاق ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تۆمۈر ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچتە تۇنجى بولۇپ مايورانا باغلانما ھالەت بايقالدى، يەككە خىروموسومىلىق ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرە تۇنجى قېتىم سۈنئىي بەرپا قىلىندى. بىر تۈركۈم زور پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەيدانغا كەلدى، چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ ئاي شارىنىڭ كەينى يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، ئىككىنچى ئاۋىياماتكا دېڭىزدا سىناق يۈرۈشنى باشلىدى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا ئۇچالايدىغان چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان سۇ ئۈستىدىن تۇنجى ئۇچتى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى پۈتۈن دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىدى، G5 تېخنىكا سىستېمىسى ئۈسكۈنىلىرى سودىدا ئالدىن ئىشلىتىشكە بولىدىغان سەۋىيەگە يەتتى. زور پەن-تېخنىكا، پۇقرالار بوشلۇقى، ئۇچۇر قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا سۈپەت ۋە سۈرئەت يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە باھالاش-رىغبەت تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھ قىلىش سىنىقى بويىچە ئالدىن يولغا قويۇلىدىغان، ئالدىن سىناق قىلىدىغان 169 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ 123 تۈرى تاماملاندى، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 23 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئۆرنەك قىلىنىپ ئومۇملاشتۇرۇلماقتا. بېيجىڭ، شاڭخەيدە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سۈرۈلمەكتە، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى لايىھەسى يولغا قويۇلۇشقا باشلاندى، بېيجىڭ شەھىرى خۇەيروۋ رايونى، شاڭخەي شەھىرى جاڭجياڭ رايونى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرىدىكى ئۈچ ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم-پەن مەركىزى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، خەينەن ئۆلكىسى يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ يولغا قويۇلدى. دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون، تەرەققىيات رايونى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك 20 ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك 168 يۇقىرى-يېڭى تېخنىكا رايونىنىڭ يېتەكلەش رولى كۈچەيدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈلدى. دۆلەت كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى خىزمەت يېتەكچىسى يولغا قويۇلدى، ئىلغار ھېسابلاش، ئىلغار ساقلاش، بىيو سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق دۆلەت كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن 3ى تېز قۇرۇلۇۋاتىدۇ. كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە، دۆلەت كارخانا تېخنىكا مەركىزىدىن يېڭىدىن 111ى بېكىتىلدى.

  5-ئىسخېما: 2015-2018-يىللىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى

  


  مەلۇمات مەنبەسى: پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى

  ئىككىنچى، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئاۋامنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش»نىڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلدى، ياسىمىچىلىقتا «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش» سۇپىسىنى يېتىلدۈرۈش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، ياسىمىچىلىقتا «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش» سۇپىسى بويىچە 150 سىناق-ئۈلگە تۈرى بېكىتىلدى. 6500 ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقىدا ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىدىغان 400 مىڭ كوللېكتىپ بار بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 1 مىليون 400 مىڭ ئادەمدىن ئاشتى. 1824 ئۇچقۇن ئىگىلىك تىكلەش ماكانىدا يېزىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىرىدىن 49 مىڭ ئادەم تەربىيەلەندى، 23 مىڭ كارخانا يېتىشتۈرۈلدى. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە بازىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە سىياسەت ئۇچۇرى مۇلازىمەت تورى قۇرۇلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، 2018-يىللىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش پائالىيىتى ھەپتىلىكى ۋە «ئىجادكار جۇڭگو» چاتما پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش فوندى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈۋاتىدۇ، يېڭىدىن مەبلەغ سالغان كارخانا 1200دىن ئېشىپ كەتتى. پۈتۈن بىر يىلدا، يېڭىدىن تىزىملانغان رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا %10.3 ئاشتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 18 مىڭ 400 كارخانا تىزىملاتقان بولىدۇ.

  6-ئىسخېما: 2015-2018-يىللىرى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە كۈنىگە تىزىملانغان كارخانا سانى

  


  مەلۇمات مەنبەسى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى

  ئۈچىنچى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. دۆلەتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى، ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ توپلاشما تەرەققىياتى ئالغا سۈرۈلدى، «ئالاقە تورى+»، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى، سۈنئىي ئەقىلنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتى، بىيولوگىيەلىك كەسىپلەرنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش، پۇقراۋى بوشلۇق ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلار تېز ئالغا سىلجىتىلدى. كۆلەملىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %11.7 ئاشتى، بۇ بارلىق كۆلەملىك سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى رەسمىي ئېلان قىلىندى، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرىلىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى يېتەكلەيدىغان ۋە قېلىپلاشتۇرىدىغان سىياسەت ھۆججەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى، يېڭى ئەندىزىلەرگە قارىتىلغان سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىلدى، ئاقىل پارچە سېتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن تەڭ بەھرىلىنىش قاتارلىق يېڭى قىزىق نۇقتىلار ئىزچىل مەيدانغا چىقتى، پۈتۈن بىر يىلدا، ماددىي بۇيۇم تاۋارلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى %25.4 كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %18.4كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3.4 پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى بولدى. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، گۇيجوۋ قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك 8 بۈيۈك مەلۇمات ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى تېز قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

  تۆتىنچى، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پۇختا ئالغا سۈرۈلدى. دۆلەت ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشقا باشلاندى. ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ پەن-تېخنىكا نۇقتىلىق مەخسۇس تۈرلىرى ۋە ئارمىيە-خەلق پەن-تېخنىكىدا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ئىشقا كىرىشتى، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى چوڭ-چوڭ ئۈلگە تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. دۆلەت ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۇچۇرلاشقان سۇپىسى قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئالغا سۈرۈلدى. دۆلەتلىك دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى بويىچە ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كەسىپ سېلىنمىسى فوندى، دۆلەت دەرىجىلىك ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كەسىپ سېلىنمىسى فوندى ئىشقا كىرىشتى. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما كارخانىلىرىنىڭ كارخانا زايومى تارقىتىشىغا مەدەت بېرىلىپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى كېڭەيتىلدى. 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئارمىيە-خەلققە كېرەكلىك تېخنىكا يېڭىلاش-قوللىنىش مۇسابىقىسى ۋە 4-نۆۋەتلىك ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇقلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى.

  (5) ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىشىك كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يەنىمۇ قوزغىتىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى تەرتىپلىك ئالغا سۈرۈلدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، بىر قاتار زور ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئالغا سۈرۈلدى.

  بىرىنچى، سودا مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى. «ھوقۇق بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى (2018-يىللىق نۇسخىسى) ئېلان قىلىندى، تىزىملىك سىرتىدىكى كەسىپ، ساھە، ئىگىلىك قاتارلىق تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇن بويىچە باراۋەر كىرسە بولىدۇ. ئاپتوموبىلغا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاشقا ئوخشاش بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرى بىكار قىلىندى، كارخانا ئېچىش ۋاقتى زور ھەجىمدە قىسقارتىلدى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەر ۋە ئۆلكىلەرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدە كارخانا ئېچىش ۋاقتى قىسقىراپ 8.5 كۈن ئىچىدە بولدى. «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن «24 گۇۋاھنامىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش گۇۋاھنامىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى تېز ئالغا سۈرۈلدى، مەھسۇلات تۈرى 38 خىلدىن ئازىيىپ 24 خىلغا چۈشتى. بېيجىڭ قاتارلىق 15 شەھەر ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىدە قۇرۇلۇش ئىشلەش تۈرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىنىقى قانات يايدۇرۇلدى. دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان دۆلىتىمىزنىڭ سودا مۇھىتى رەت تەرتىپى 2017-يىلىدىكى 78-ئورۇندىن خېلى زور سەكرەپ 46-ئورۇنغا ئۆتتى. 22 شەھەردە جۇڭگو سودا مۇھىتىنى سىناق تەرىقىسىدە باھالاش قانات يايدۇرۇلۇپ، جۇڭگو سودا مۇھىتىنى باھالاش سىستېمىسى دەسلەپكە قەدەمدە بەرپا قىلىندى. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»قا قارىتىلغان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ساھەسىنى تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىزچىل ئالغا سۈرۈلدى، تېلېگراف ئالدامچىلىقى، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش، باج ئالدامچىلىقى قاتارلىق 19 نۇقتىلىق ساھەدىكى لەۋزىدە تۇرماسلىق مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، لەۋزىدە تۇرغانلارنى بىرلىكتە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاش مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپتە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىدە «بىر تور، بىر ئىشىك، بىر قېتىم» ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىش مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۇرغۇزۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىش-ئالماشتۇرۇش سۇپىسى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى، سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىش-ئالماشتۇرۇش مىقدارى 36 مىليارد پارچە قېتىمغا يەتتى. تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى ئەلگە قولايلاشتۇرۇش چوڭقۇر ئالغا سۈرۈلۈپ، «گۇۋاھنامىنى ئازايتىپ، ئەلگە قولايلىق يارىتىش» ھەرىكىتى ۋە «ئامما ئىش بېجىرگەندىكى تۈرلۈك توسالغۇلارنى تۈگىتىش ھەرىكىتى» پۇختا قانات يايدۇرۇلدى.

  ئىككىنچى، دۆلەت كاپىتالى ئىسلاھاتى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى تېز ئالغا سۈرۈلدى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى پائال، پۇختا قانات يايدۇرۇلدى، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەت چىقىرىلىپ يولغا قويۇلدى، ئۈچ تۈركۈم بويىچە ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىدىغان 50 نۇقتىدىكى سىناق پەلەمپەيسىمان ئالغا سۈرۈلدى ھەمدە مۇھىم باسقۇچلۇق ئۈنۈم ھاسىل بولدى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاشىنى بەلگىلەش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر، دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى، تىجارىتى شىركىتىنىڭ ئىسلاھات سىنىقىنى ئالغا سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ «+N1» سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ بولدى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك قەرزدارلىقى چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك قەرزدارلىق چەكلىمە مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. جۇڭگوچە زامانىۋى دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدىغان قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە جانلىق، ئۈنۈملۈك بولغان بازارلاشقان ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمى تېز بەرپا قىلىندى.

  


  ئۈچىنچى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان مەدەتكارلىق سالمىقى زورايدى. مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلدى، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا چېتىلىدىغان قائىدە-نىزام، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاندى، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. «ئالاقە تورى+» بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەت لايىھەسى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلدى. كارخانىچىلار روھى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلدى، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ۋاقىتلىق نىزامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. پۇل سىياسىتىنىڭ ئۆتۈشمە مېخانىزمى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇلدى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، كىچىك-مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلدى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش قورالى تەسىس قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى يەڭگىللىتىشىگە بازارلاشقان ئۇسۇلدا ياردەم بېرىلدى.

  تۆتىنچى، مالىيە، باج ۋە پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سۈرۈلدى. مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتى ساھەلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىلدى، خامچوت نەتىجىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چوڭقۇرلاشتى. شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسىي چىقىرىۋېتىلىدىغان خىراجەت ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان 6 تۈر تەسىس قىلىندى، باج نىسبىتى قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەڭشەلدى ۋە سەرخىللاشتۇرۇلدى. مۇھىت ئاسراش بېجى ئوڭۇشلۇق ئېلىنىشقا باشلاندى. سىستېما بويىچە مۇھىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا بولغان نازارەتچىلىك-باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلىدىن باشقا كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا مەبلەغ سېلىشىغا قارىتىلغان نازارەتچىلىك-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق سىياسەت ھۆججەتلىرى چىقىرىلىپ يولغا قويۇلدى. پۇقراۋى بانكىلارنىڭ تەرەققىياتى تەرتىپلىك ئالغا سۈرۈلدى، 17 پۇقراۋى بانكا تەستىقلىتىپ تىجارەت باشلىدى.

  


  


  


  


  بەشىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنىڭ 5 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. نۇقتىلىق يۆنىلىش ۋە نۇقتىلىق دۆلەتلەرنى چۆرىدەپ، ئورتاق قۇرۇش ئارزۇسى مۇستەھكەملىنىپ، يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جەمئىي 150 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن 171 پارچە ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاندى. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىدى، چېگرا سىرتىدىكى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ كەسىپ توپلاش ئۈنۈمى كۈچىيىپ، فىرانسىيە، ياپونىيە، سىنگاپور قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت بىلەن 3-تەرەپ بازىرى ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاندى، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى، جۇڭگو-تايلاند تۆمۈريولى ۋە جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق باغچە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولدى، جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى، گۋادال پورتى قاتارلىق نۇقتىلىق پورت تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 13 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىدى، قايتىش نىسبىتى ئاز كەم 20 پىرسەنت پوئىنتى ئۆستى. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، يېڭىدىن 106 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، جەنۇبىي ئاسىيا، ئەرەب دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىن ئىبارەت 5 رايون بىلەن تېخنىكا كۆچۈرۈش سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئالغا سۈرۈلدى، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە قاتارلىق 8 دۆلەت بىلەن پەن-تېخنىكا باغچە رايونىنى ئورتاق قۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى ۋە مول نەتىجە قولغا كەلدى. رەقەملىك يىپەك يولى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىدى، 16 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق-چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى، «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى»نىڭ دۇنياۋى جايلىشىش قەدىمى تېزلەشتى، 17 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

  


  


  


  ئالتىنچى، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازارنى ئېچىۋېتىدىغان، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سۈرىدىغان ئىرادىسى دۇنياغا جاكارلاندى. رايونلار ئارا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېلىشىمى سۆھبىتى تېز ئالغا سۈرۈلدى، سىنگاپور بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يېڭى نۇسخىسى ئىمزالاندى، ماۋرىچۇس بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى تاماملاندى، جەمئىي 25 دۆلەت ۋە رايون بىلەن 17 ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى، كۆپ تەرەپلىك، قوش تەرەپلىك ھەمكارلىق يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىدىغان 53 تەدبىر ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 30 تۈرلۈك ئىسلاھات سىنىقى تەجرىبىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئۆرنەك قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇلدى. خەينەن ئۆلكىسى پۈتۈن ئارال ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشقا باشلىدى، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. يېڭىدىن بىر تۈركۈم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تەسىس قىلىندى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا پارچە سېتىلغان ئىمپورت بۇيۇملارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە ئېكسپورت بېجى ئېلىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بازاردىن سېتىۋېلىش سودا سىنىقىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسى %9.8تىن %7.5كە تۆۋەنلىدى، ئىمپورت ئاكتىپلىق بىلەن كېڭەيتىلىپ، تاشقى سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. كۆپ مەنبەلىك بازار ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، پۈتۈن بىر يىلدا، مال سودىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 30 تىرىليون 510 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %9.7 ئاشتى.

  7-ئىسخېما: 2015-2018-يىللىرى مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى

  


  مەلۇمات مەنبەسى: تاموژنا باش مەھكىمىسى

  يەتتىنچى، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. بازار ئىجازىتى ئومۇميۈزلۈك كەڭ قويۇۋېتىلدى، پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ 2018-يىللىق تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 48 ۋە 45گە ئازايتىلدى، پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش پۇختا ئالغا سىلجىدى. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنى تەسىس قىلىشتا سودا ئىشلىرى بويىچە ئەنگە ئېلىش ۋە سودا-سانائەت بويىچە تىزىملاشنى «بىرلا كۆزنەكتە بېجىرىش» مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلدى، كەسىپ سىياسىتى، پەن-تېخنىكا سىياسىتى، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، ساپا ئىجازىتى، ئۆلچەم تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پائال ئالغا سىلجىتىلدى، تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى. پۈتۈن بىر يىلدا، چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ 135 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %3 ئاشتى.

  سەككىزىنچى، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش مۇقىم، تەرتىپلىك راۋاجلاندى. كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش چارىسى، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى ئەنگە ئېلىش (تەستىقلاش) دوكلاتى توغرىسىدا ۋاقىتلىق چارە رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئومۇمىي دائىرىلىك، ئومۇمىي جەريانلىق باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، چەت ئەلگە مەبلەغ سالىدىغان ساھەلەر قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، ئاساسلىقى ئىجارە ۋە سودا مۇلازىمەتچىلىكى، ياسىمىچىلىق قاتارلىقلارغا يۈزلەندى. كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تىجارىتىنى قائىدىلىك باشقۇرۇش كۆرسەتمىسى ئېلان قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇنلىشىش ئېڭى كۈچەيدى. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەش يۈرۈشتۈرۈش فوندىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىپ» مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى يەنىمۇ كېڭەيدى. پۈتۈن بىر يىلدا، چېگرا سىرتىدا پۇل مۇئامىلىدىن باشقا ساھەلەرگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ 120 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

  (6) يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى تېز يېتىلدى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى (2018—2022-يىللىق) يولغا قويۇلدى، 28 ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى بېسىپ تارقىتىلدى، باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، يىرىك پىلانلار بىرلەشتۈرۈلگەن كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئورۇنلاشتۇرمىسى ئالغا سۈرۈلدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈزۈم رامكىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسى تەدرىجىي تۇرغۇزۇلدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باسقۇچلۇق نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

  بىرىنچى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلاندى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلاتى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاندى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى يېڭىدىن 21 مىليون 580 مىڭ مو كۆپەيدى، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز يېڭىدىن 80 مىليون مودىن ئارتۇق كۆپەيدى، 900 مىليون مودىن ئارتۇق يەردە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇھاپىزەت رايونىنى ئايرىش ۋەزىپىسى تاماملاندى. زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، دۆلەتنىڭ جەنۇب رايون پەن تەتقىقات سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇلدى، ئاشلىق، ماي، كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇق، مايسا بازىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سۈرۈلدى. 172 چوڭ-چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ جەمئىي 133 تۈرىدە ئىش باشلىنىپ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرگە سېلىنغان مەبلەغ كۆلىمى 1 تىرىليون يۈەندى ئاشتى. پۈتۈن بىر يىلدا، 234 مىليون مو يەردە ئورمان بەرپا قىلىندى. «يېزا ئىگىلىك سۈپەت يىلى» ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى ماركا ئارقىلىق كۈچەيتىش تېز ئالغا سىلجىدى، سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەشتە ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %97تىن يۇقىرى بولۇپ كەلدى، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش مىقدارى تۆۋەنلىدى.

  ئىككىنچى، يېزىلارنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا پائال ئىلگىرىلەش بولدى. يېزا كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈلگە باغچىسىدىن 100ى بېكىتىلدى، دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسىدىن 62نى، يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازاردىن 254نى بەرپا قىلىش باشلاندى. ئاساسلىق زىرائەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى. ئاقىل يېزا ئىگىلىكى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى، باشقۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ رەقەملىشىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. يېزىلاردا يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى تېز يېتىلدى.

  ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سىلجىدى. شال، بۇغداي سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتى. كۆممىقوناق ۋە دادۇرنى بازارلاشتۇرۇش يولى بىلەن سېتىۋېلىپ تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتى. يېزا يېرىنى ئېلىش، كوللېكتىپنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىنىقى خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. ئۆيلۈك يەر ۋە يېزا ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىمغا ئېلىش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتى تېز يولغا قويۇلدى، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىمغا ئېلىش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، 1 مىليارد 480 مىليون مو ھۆددە يەر كۆلىمىنىڭ ھوقۇقى بېكىتىلدى، بۇ ئىككى نۆۋەتتە ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان يەر (ھېسابات دەپتىرىدە) كۆلىمىدىن كۆپ بولدى. شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، ئۆيلۈك يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ يېرىنىڭ پايدىسىنى تەقسىملەش ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ئىختىيارەن، ھەقلىق چېكىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئۈچ ئۆلكە، 50 ۋىلايەت-شەھەر، 150 ناھىيەدە 3-تۈركۈملۈك يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھات سىنىقى باشلاندى. مەملىكەت بويىچە 150 مىڭدىن ئارتۇق يېزا كوللېكتىپ تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتى تاماملاندى، جەمئىي 200 مىليوندىن ئارتۇق كوللېكتىپ ئەزاسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

  تۆتىنچى، گۈزەل، ياشاشقا باب يېزا قۇرۇش قەدىمى تېزلەشتى. يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. يېزىلارنىڭ گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش-ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېزىلارنىڭ تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتىنى تىزگىنلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى، ھاجەتخانا ئىنقىلابى پائال ئالغا سىلجىتىلدى. يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى تېز يولغا قويۇلدى، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيى ئومۇملىشىش نىسبىتى يەنىمۇ ئۆستى. يېزىلارنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. يېزىلاردىكى ماشىنىلاشقان قۇدۇققا توك يەتكۈزۈش، كىچىك شەھەر–بازارلاردىكى مەركىزىي كەنتلەرنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش- دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، نامرات يېزىلارغا ئۈچ فازىلىق توك يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلار ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمىتى سىنىقى، «كەڭ بەلباغلىق يېزا»، «يۈز مېگابايتلىق يېزا» ئۈلگە قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى.

  (7) رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ماكان تەرەققىيات ئەندىزىسى تېخىمۇ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقى تىرىشىپ كىچىكلىتىلدى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ تەڭكەشلىكى، ھەمتۈرتكىلىكى، بىر پۈتۈنلۈكى يەنىمۇ كۈچەيدى.

  بىرىنچى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. رايونلارنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ماس تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ يولغا قويۇلدى. غەربىي رايوننى يەنىمۇ ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىش ئالغا سۈرۈلدى، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنىڭ 28 تۈرىدە يېڭىدىن ئىش باشلاندى، بۇنىڭغا جەمئىي 482 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشى، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتى، شەرقىي رايون بىلەن سىستېما بويىچە ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈش قولغا كەلدى، كونا سانائەت شەھەرلىرى ۋە بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، شەھەر رايونلىرىدىكى كونا سانائەت رايونى، مۇستەقىل سانائەت كان رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈش ۋە كۆمۈر قېزىش سەۋەبلىك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىجىل يولغا قويۇلدى. ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ ئوتتۇرا رايوندا مۇۋاپىق جايلىشىش سۈرئىتى تېزلەشتى، خەنجياڭ، خۇەيخې ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد بەلبىغى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە جەنۇبىي خۇنەن-غەربىي خۇنەننىڭ يۆتكەلمە كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىش ئۈلگە رايونى ئومۇمىي لايىھەسى يولغا قويۇلدى. شەرقىي رايوننىڭ يېڭى قۇۋۋىتى تېز يېتىلدۈرۈلدى ۋە زورايتىلدى، شەندۇڭ يېڭى قۇۋۋەت بىلەن كونا قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشى تەشكىللىنىپ قانات يايدۇرۇلدى. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار تېز تەرەققىي قىلدى، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، تېلېگراف، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، نىشانلىق ياردەم بېرىش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ، شىزاڭنىڭ ۋە تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشكە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەر يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى. دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش باشلىنىپ، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىدى. دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون، بوشلۇق ئىقتىسادىي ئۈلگە رايونى، ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھات سىنىقى رايونى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك سۇپىلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق ئېچىش-ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۆرنەك قىلىشقا ۋە كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبىلەر شەكىللەندى.

  ئىككىنچى، زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش تۇتقا قىلىنىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇندى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلان پىروگراممىسى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2018−2035-يىلىغىچە) يولغا قويۇلدى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى پىلانلاپ قۇرۇشنىڭ سۈرئىتى تېزلىدى، بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەر ئارا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ تىجارەت تەييارلىق خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرۈلدى. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى تەڭ تۇتۇش ئەندىزىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، دۆلەت زېمىن-بوشلۇق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى باشلاندى، «سۇ بۇلغىنىشنى تۈزەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ بايلىقىنى قوغداشنى تەڭ تۇتۇش »، دەريا-كۆللەرنى سۈزۈكلەشتۈرۈش بويىچە «تۆت قالايمىقانچىلىق»نى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، 1361 قانۇنسىز پىرىستاننى مەخسۇس رەتكە سېلىش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، چاڭجياڭ دەرياسى غول ئېقىمىدىكى كەسمە يۈز سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىش نىسبىتى روشەن ئۆستى. ئۇنىۋېرسال ئىسترولۇق قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، يەنجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇش، ئۆلكە ئارا تۇتاشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان يول بۆلەكلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلىتىلدى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ چوڭقۇر سۇ يولى قۇرۇلۇشى ۋە غول لىنىيە پورتىنىڭ تۆمۈريول-سۇ يولى ئۇلانما تىرانسپورتىدا ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان پىروگراممىسى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتى، شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئاھالىسىنىڭ ئىچكى جايلاردا تەرەققىي قىلىشىغا قولايلىق يارىتىدىغان بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم بەردى. خەينەننىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر يولغا قويۇلدى. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش باشلاندى.

  


  


  ئۈچىنچى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتى ئۈنۈملۈك ئۆستى. يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنىڭ شەھەردە نوپۇسقا ئېلىنىشى تېخىمۇ قولاي بولدى، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتى سىجىل بوشىتىلدى، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى، مەملىكەت بويىچە دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %59.58كە يەتتى، نوپۇستىكى ئاھالىنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %43.37كە يەتتى، بۇ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئايرىم-ئايرىم 1.06 پىرسەنت پوئىنتى ۋە 1.02 پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى بولدى. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ھالقىغان بىر تۈركۈم شەھەر توپى يىرىك پىلانى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ يولغا قويۇلدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ شەھەر توپى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، زامانىۋى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى تېز يېتىلدى ۋە راۋاجلاندى.

  8-ئىسخېما: 2015-2018-يىللىرى دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى ۋە نوپۇستىكى ئاھالىنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى

  


  مەلۇمات مەنبەسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىقلار.

  (8) خەلق تۇرمۇشى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈلۈپ ۋە ياخشىلىنىپ، خەلق ئاممىسى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈلدى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان زور بىر تۈركۈم تەدبىرلەرنىڭ ئىنچىكە، ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى ئالغا سۈرۈلدى.

  بىرىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر، كەسپىي ماھارەت بويىچە ئۆمۈرلۈك تەربىيەلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ يولغا قويۇلدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەش ئاممىۋى مۇلازىمىتى داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش سىناق خىزمىتى ئىزچىل ئالغا سۈرۈلدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى قاتارلىقلار چوڭقۇر يولغا قويۇلدى. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ھەر تەرەپلىمە ئاممىۋى مۇلازىمەت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش يېتەكچى پىكرى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، «ئالاقە تورى + ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاممىۋى مۇلازىمىتى» ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرۈلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ۋاقىتلىق نىزامى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى سىستېمىسى قەدەممۇقەدەم مۇكەممەللەشتى.

  ئىككىنچى، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللەشتى. كارخانىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى رەسمىي يولغا قويۇلدى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى بەرپا قىلىندى. ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققىنى يىغىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىزمىتى سالماق قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققىنى يىغىش-باشقۇرۇش تۈزۈمى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش سىجىل ئالغا سۈرۈلدى. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلانغان ئادەم سانى 942 مىليوندىن، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلانغان ئادەم سانى 1 مىليارد 344 مىليوندىن ئاشتى. دۆلەت ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالانغان ھەقنى راسچوت قىلىش سۇپىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆلكە ھالقىپ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئېشىپ، سىرتقا ئىشلەشكە چىققان دېھقان ئىشلەمچىلەر، سىرتتىن كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، باشقا جايدا داۋالانغان ھەقنى بىۋاسىتە راسچوت قىلغانلار جەمئىي 1 مىليون 526 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ھەمدە ئۇنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ «تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» فۇنكسىيەسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتى. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلاردا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تولۇق قاپلىدى ھەمدە كاپالەت سەۋىيەسى ئىزچىل ئۆستى. ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، كېسەل سەۋەبلىك سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقان ھەربىيلەر، جەڭگە-سىناققا قاتناشقان ھەربىيدىن چېكىنگەن خادىملار قاتارلىق نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. شەھەر-بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، شەھەر-بازارلاردىكى كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش بويىچە 6 مىليون 260 مىڭ يۈرۈش ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى باشلاندى، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىدىن يېڭىدىن 1 مىليون يۈرۈش ئۆي تەقسىملەندى، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئىجارە بازىرى تېز يېتىلىۋاتىدۇ. يېزىلاردا 1 مىليون 900 مىڭ ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيى ئۆزگەرتىلدى.

  ئۈچىنچى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۆلچەم سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ يولغا قويۇلدى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك تىزىملىكى تولۇق قاپلىدى. مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەدەنىيەت-ساياھەتچىلىكنى يۈكسەلدۈرۈش، ئاممىۋى تەنتەربىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تۈگەل كاپالىتىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئالغا سۈرۈلدى. توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.2كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %88.8كە يەتتى، مالىيەلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى داۋاملىق %4تىن يۇقىرى بولدى. «ئالاقە تورى + داۋالاش، ساغلاملىق» تېز راۋاجلىنىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، دورىنى بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش سىنىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، چېگرا سىرتىدا سېتىلىدىغان يېڭى دورىلارنى باھالاش-تەستىقلاش تېزلەشتى، ئىمپورت قىلىنىدىغان راكقا قارشى دورىلارنىڭ ھەممىسىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان بولدى، راكقا قارشى دورىدىن 17 خىلىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلدى ھەمدە ئۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىدىغان مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلدى، ۋاكسىنا، دورا بىخەتەرلىكى مەسىلىسى تېز ھەل قىلىندى. داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىدا ھەر مىڭ نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان كارىۋات سانى تەخمىنەن 6.05كە يەتتى. مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلدى، تۈرلۈك مىراس بايلىقلىرىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى. چوڭ قانال مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلان پىروگراممىسى تۈزۈپ چىقىلدى. ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىزمىتى ئىزچىل قانات يايدۇرۇلدى، مىليون كىلومېتىرلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، يېڭىدىن 82 مىڭ تەنتەربىيە سورۇنى كۆپەيتىلدى. ئىجتىمائىي تۈگەل كاپالەت كۈچەيتىلىپ، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمى 9 مىليون 400 كىشىگە نەپ يەتكۈزدى، 11 مىليون 640 مىڭ ئېغىر مېيىپ پەرۋىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى. يېتىملارنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىدىن 398 مىڭ يېتىم بالىغا نەپ يەتتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مېيىپ ۋە يېتىملارغا قارىتا داۋالاش-سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولغا قويۇلدى. تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساغلام تۇغۇش، ئوبدان بېقىش مۇلازىمىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلدى، ئاياللارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. پۈتۈن بىر يىلدا، تۇغۇلغان نوپۇس 15 مىليون 230 مىڭ بولۇپ، يىل ئاخىرى ئومۇمىي نوپۇس 1 مىليارد 395 مىليون ئادەمگە يەتتى، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰3.81 بولدى.

  


  


  


  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2018-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان-ۋەزىپىلىرى بىرقەدەر ياخشى ئورۇنلاندى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئوبدان باشلاندى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلدى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولۇپ كەلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلاندى. ئىنتايىن چىگىچ-مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسانغا توختىمىدى، بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز لازىم. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بايراقنى كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، ئوبدان پىلانلاپ، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېتەكلىشى، ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى، ئەمەلىيەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسىرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  2018-يىللىق ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋلىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقى قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاندى، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسى، بايلىق تېجەش، ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرسەتكۈچلەر يەنىمۇ ياخشىلاندى، 19 چەكلىمە كۆرسەتكۈچ ئىچىدە، 18 كۆرسەتكۈچتە يىللىق نىشان ئورۇنلاندى، ئون مىڭ يۈەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان سۇ مىقدارىنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالى پۈتۈن يىللىق نىشان بىلەن پەرقلىنىدۇ. بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ 2018-يىللىق پىلاندىكى نىشانى %5.2 ئازايتىش ئىدى، دەسلەپكى قەدەمدە ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە %5.1 ئازايغان، بۇ پىلاندىكى نىشاندىن 0.1 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئازلاپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 80 مىليارد كۇب مېتىر ئازلىدى، قىسمەن جايلاردا قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىدە يېزا ئىگىلىكىگە سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان دەريادىن ئېلىنىدىغان سۇ مىقدارى كۆپەيدى؛ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى بويىچە شىمالىي جۇڭگوغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاندى، مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 2017-يىلىغا قارىغاندا بىرقەدەر زور كۆپەيدى، ھەر تەرەپلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئون مىڭ يۈەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان سۇ مىقدارىنى ئازلىتىش پۈتۈن يىللىق نىشاندىن 0.1 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەن بولدى.

  46 كۆزلىمە كۆرسەتكۈچ ئىچىدىكى 44 كۆرسەتكۈچنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى يىللىق كۆزلىمە نىشانغا ئۇيغۇن ياكى ئۇنىڭدىن ياخشى بولدى، لېكىن ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى ساقلانما مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەمەلىي يۈرۈشۈش قىممىتى كۆزلىمە قىممەتتىن بەلگىلىك پەرقلىنىدۇ. ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى ساقلانما مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆرسەتكۈچىگە كەلسەك، بۇ كۆرسەتكۈچتىكى 2018-يىللىق كۆزلىمە نىشان «2017-يىللىق ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسەن تەڭ بولۇش» ئىدى، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى ساقلانما مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %13.4 بولدى، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %9.8 بولدى، بۇ كۆزلىمە نىشاندىن بەلگىلىك پەرقلەندى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا لايىق پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇقىم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە مەدەت بېرىش بىلەن بىرگە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك ئۆي-زېمىن كەسپىگە، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتا ئۆلچەمگە يەتمىگەن كارخانىلارغا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇق ساھەلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى مۇۋاپىق كونترول قىلش ۋە مەبلەغنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادتىن مەۋھۇم ئىقتىسادقا يۆتكىلىپ كېتىشىنى، مەبلەغنىڭ مەۋھۇم ئاغدۇرۇلۇشىنى ئازايتىشنى تىزگىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللاندۇق، شۇڭا ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى ساقلانما مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى يىللىق كۆزلىمە نىشان سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغىنى بىلەن ئۇ نامى GDPنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسەن ماس كېلىدۇ. شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە كەلسەك، بۇ كۆرسەتكۈچتىكى 2018-يىللىق كۆزلىمە نىشان «ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇپ بېرىش» ئىدى، 2018-يىلى GDP ئەمەلىيەتتە %6.6 ئاشتى، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئەمەلىيەتتە بولسا %5.6 ئاشتى، بۇ كۆزلىمە نىشاندىن بەلگىلىك پەرقلەندى. ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ زورىيىشى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ كۆپىيىشى، قىسمەن ساھەلەردىكى كارخانىلار پايدىسىنىڭ ئازلاپ كېتىشى قاتارلىق تەسىرلەر تۈپەيلىدىن، مائاش خاراكتېرلىك كىرىم قاتارلىق كىرىملەرنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ قالدى، نەتىجىدە مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆزلىمە نىشاندىن تۆۋەن بولدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ يۈرۈشۈپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن مۇقىملىق داۋامىدا ئۆزگىرىشمۇ كۆرۈلدى، ئۆزگىرىش داۋامىدا خەۋپ-خەتەرمۇ ساقلاندى. خەلقئارا ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە تېز، چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، دۇنياۋى داۋالغۇش مەنبەلىرى ۋە خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرى كۆپىيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مۇھىتى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق جانلىنىش ۋەزىيىتىدە ئۈمىد بولسىمۇ، قورۇقچىلىق، ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەپچىلىك ئېغىرلاشتى، ئاساسلىق تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ پۇل سىياسىتىنى تەڭشەشتىن كېلىپ چىققان تاشما تەسىر سىجىل كۆرۈلۈشكە باشلىدى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان قىسمەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر دۇچ كەلگەن خەۋپ-خەتەر زورايدى، خەلقئارا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىدىكى داۋالغۇش چوڭىيىپ كەتتى، جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ خەۋپ-خەتىرى جۇغلىنىپ ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىساد-سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قالدى. دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، بىرىنچىدىن، ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى. ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ قالدى، ئۇل ئەسلىھە، ياسىمىچىلىق، ئۆي-زېمىنچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى مۇقىم ئاشۇرۇش قىيىنغا توختاۋاتىدۇ. ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا قىيىنچىلىق بىرقەدەر كۆپ بولۇش، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىستېمال سۇسلىشىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئىستېمالنى مۇقىم ئاشۇرۇشتا خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. ئىككىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئاساسى ھېلىھەم ئاجىز تۇرۇپتۇ. يېزا ئىگىلىكىنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى يەنە ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، يېزىلاردا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھېلىھەم ئارقىدا تۇرىدۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى يەنە كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىي ئىقتىساد دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق كۆپەيدى. پۇقراۋى كارخانىلار، بولۇپمۇ كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسى تېخى ئۈنۈملۈك ھەل بولغىنى يوق، پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتا قەرز بېرىشكە قىيماسلىق، قەرز بېرىشنى كېچىكتۈرۈش، ھەتتا بىۋاسىتە قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇۋېلىش، قەرز بېرىشنى بىكار قىلىشقا ئوخشاش ئەھۋاللار ساقلانماقتا، ئېنېرگىيە، خام ئەشيا-ماتېرىيال، ئادەم كۈچى، يەر ئىشلىتىش قاتارلىقلار جەھەتلەردە تەننەرخ بىرقەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، كارخانىلارنىڭ پايدا ئىمكانىيىتى ئازلاپ كەتتى. سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئادىل رىقابەتلىك بازار مېخانىزمى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھېلىھەم يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، يېقىنلىق-پاكلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس. تۆتىنچىدىن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈك چەكلىمىسىدە ھېلىھەم بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. زور دەسلەپكى ئىجادىي پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ئاز، بەزى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىمىز، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى ھېلىھەم يېتەرلىك ئەمەس. قىسمەن رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى چەكلىمىسى كۈچىيىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى مەسىلىلەر ھېلىھەم گەۋدىلىك بولماقتا. بەشىنچىدىن، رايونلارنىڭ بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايوننىڭ بەزى جايلىرىدا قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر چوڭ، بەزى جايلارنىڭ ئامىل جەلپ قىلىش كۈچى بىرقەدەر ئاجىز، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئامىل بايلىقىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى بىرقەدەر ئېغىر بولغاچقا، تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن. ئالتىنچىدىن، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ خەۋپ-خەتەر بېسىمى بىرقەدەر چوڭ. تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقى سودا، كاپىتالنىڭ چېگـرا ھالقىپ يۆتكىلىشى، كۆپ مىقدارلىق تاۋار بازىرى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە يۇقتۇرما خەۋپ-خەتەرنى كۆپەيتىۋېتىشى مۇمكىن، دۆلەت ئىچىدىكى پاي بازىرى، زايوم بازىرى، پېرېۋوت بازىرى، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى ۋە ئۆي-زېمىننىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. يەتتىنچىدىن، ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىدە يەنە نۇرغۇن مەسىلە ۋە خىرىس ساقلىنىۋاتىدۇ. قىسمەن ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىدە قۇرۇلمىلىق زىددىيەت كۆرۈلدى، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئىزچىل ئاشۇرۇشتا چەكلىمە ئامىللار كۆپىيىپ كەتتى، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىمۇ يەنە بەزى يېتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا، بەزى سىياسەتلەرنى بەلگىلىگەندە ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىق، ئۈنۈملۈك بولۇش تېخى يېتەرلىك ئەمەس، كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇنلىشىش دەرىجىسى مەسىلىسى تولۇق نەزەرگە ئېلىنماي قالدى؛ بەزى سىياسەتلەرنى بەلگىلىگەندە تارماقلار ئارا بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئۈنۈمى روشەن بولمىدى، بەزى مەخسۇس يېرىك پىلان ۋە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ۋاقتىدا باشلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ بەزى جايلاردا سىياسەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «بىر تاياقتا ھەيدەش» مەسىلىسى مەۋجۇت.

  بىز يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم كۈلپەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى تۇتقا قىلىپ، قاراتمىلىق ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ زەنجىرسىمان ھەمتۈرتكىسى، دەستىلەنمە ئۆتۈشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىشىمىز؛ ھەم جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدىن ئومۇميۈزلۈك ئوبدان پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، چوقۇم غەلىبە قىلىدىغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىرىسنى پۇرسەتكە، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سۈرۈشىمىز لازىم.

  2. 2019-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئومۇمىي تەلەپ، ئاساسىي نىشان ۋە سىياسەت يۆنىلىشى

  2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، شۇڭا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.

  (1) ئومۇمىي تەلەپ

  2019-يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە قىلىنغان» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، يۇقىرى سەۋىيەدە تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تازا ئۇرغۇتۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشتۈرۈپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، پۇل مۇئامىلە، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ، مەبلەغ سېلىش، كۆزلىمە قاتارلىقلارنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام راۋاجلاندۇرۇپ ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

  كونكرېت خىزمەتتە، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چىڭ ئىگىلەپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «بەش قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئشقا ئاشۇرۇش شەرت. بىرىنچى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي لىنىيە قىلىش. تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات چارىلىرىنى قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى تەتبىقلاپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، يۈكسەلدۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش لازىم. ئىككىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سۈرۈش. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنىڭ يېتەكلەش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرى شەكىللەندۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش. جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ ۋە قاندۇرۇپ، ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئالغا سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىش. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىي نىشانىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەدبىرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ۋەزىپىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش لازىم. بەشىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەدە كەڭ ئېچىۋېتىش. ھازىرغىمۇ، تېخىمۇ مۇھىمى يىراق كەلگۈسىگىمۇ پايدىلىق بولغان بىر تۈركۈم ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادكارلىقىنى تولۇق ئشقا سېلىش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇنۇ ئۈچ مۇناسىۋەتنى تازا ياخشى ئىگىلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىچكى-تاشقى مۇناسىۋەتنى بىرتۇتاش ئوبدان پىلانلاپ، تاشقى ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ئىچى تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خىرىسقا دادىل تاقابىل تۇرۇپ، ماھىرلىق بىلەن كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆز ئىشىمىزنى كۈچەپ ياخشى قىلىشىمىز، دۆلىتىمىزدە ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ كەلگەن تۈزۈلمىلىك، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىپ، ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەپ، كۆزلىمىنى، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە پايدىسىز دەستىلەنمە تەسىرنىڭ شەكىللىنىشىدىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش چارىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، ماكرو سىياسەتنىڭ مۇقىم، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئاشۇرۇپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قوزغاپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇش لازىم.

  (2) ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانلار

  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئومۇمىي تەلەپ ۋە خىزمەت تەپەككۇرى بويىچە، ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئويلىشىپ، 2019-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانلىرى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  ‐‐ ئىقتىسادنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئاشۇرۇپ بېرىش. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6-%6.5 ئاشۇرۇش كۆزلەندى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنۇلار كۆزدە تۇتۇلدى: بىرىنچى، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى تولۇق مۆلچەرلىنىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپى بويىچە، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ كۆزلىمە نىشانى مۇۋاپىق تەڭشەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىقتىساد ئېشىشىنىڭ پەسىللىك تەۋرىنىشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئارىلىق كۆزلىمە نىشانى قوللىنىلىپ ئېلاستىكىلىقى ئاشۇرۇلدى. ئىككىنچى، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ بېرىشتىن مەقسەت يېڭىدىن كۆپىيىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەمدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشقا زۆرۈر ماكرولۇق مۇھىت يارىتىش، بۇ بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. ئۈچىنچى، بۇ كۆزلىمە نىشان دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئۇيغۇن، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش كۆزلىمە نىشانىغا ماس كېلىدۇ، ئۈچ كەسىپنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ.

  ‐‐ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇپ، مالىيە-پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش؛ تولۇق ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى %6.3 ئاشۇرۇش، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتىنى %59.2كە يەتكۈزۈش، تەتقىقات ۋە تەجرىبە خىراجىتىنىڭ سېلىنما سىجىللىقىنى %2.2كە يەتكۈزۈش؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىنى %60.6كە يەتكۈزۈش، نوپۇستىكى ئاھالىنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىنى %44.4كە يەتكۈزۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئۇششاق دانچە (PM2.5) قويۇقلۇقى ئۆلچەمگە يەتمىگەن ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ئۇششاق دانچە قويۇقلۇقىنى %2 چۈشۈرۈش، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئۆپچۆرىسىدە تۆۋەنلىتىش، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىنى %3.6 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىش؛ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، كۈتۈنۈش قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىك سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش. سۈپەت، ئۈنۈم ۋە قۇرۇلمىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بۇ كۆرسەتكۈچلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتە، ئاساسلىقى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەمىنات، ئېھتىياج، سېلىنما-ھاسىلات، تەقسىمات، ماكرولۇق ئىقتىسادىي ئايلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كۆزدە تۇتۇلدى.

  ‐‐ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تۇراقلاشتۇرۇش. شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەخمىنەن %5.5، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە ساقلاشنى ئايرىم-ئايرىم كۆزلىمە نىشان قىلىش. شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىغا كەلسەك، بۇ 2019-يىلى يېڭىدىن يېتىلىدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش سەۋەبلىك ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىز قالغانلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، يېزا ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغىمۇ مۇئەييەن ئىمكانىيەت قالدۇرۇلدى. ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي تەرىپى ۋە ئىقتىساد ئېشىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىدىن قارىغاندا، ئىقتىساد %6 - %6.5لىك سۈرئەتتە ئاشسا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارغا كېرەكلىك ئىش ئورنى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىشسىزلىق نىسبىتىگە كەلسەك، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا تىزگىنلەشتە، ئاساسلىقى ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ، خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئېنىقسىز تەسىرى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ئامىللار كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىرادىمىز، شۇنىڭدەك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش كاپالىتىنى كۈچەيتىشتەك سىياسەت يۆنىلىشى بىرقەدەر ياخشى نامايان قىلىندى. مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل %4 ئەتراپىدا بولۇپ كەلدى، %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، ئاساسلىقى سانلىق مەلۇماتنىڭ پەسىللىك داۋالغۇشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، مۇۋاپىق ئىمكانىيەت قالدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۈتۈن يىلدىن قارىغاندا، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى نىسبەتەن بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تىزگىنلەش كېرەك.

  ‐‐ باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلاشتۇرۇش. ئاھالە ئىستېمال باھاسى ئۆسۈش كۆرسەتكۈچىنىڭ كۆزلىمە نىشانى تەخمىنەن %3 بولدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنۇلار كۆزدە تۇتۇلدى: ئۆرلىمە ئامىلدىن قارىغاندا، 2019-يىلى ئاھالە ئىستېمال باھاسىدىكى ئۆرلىمە ئامىل تەخمىنەن 0.7 پىرسەنت پوئىنتى بولدى. باھا ئۆستۈرىدىغان يېڭى ئامىللاردىن قارىغاندا، ئافرىقا چوشقا ۋاباسى يۇقۇمى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى ئۆسۈشى مۇمكىن؛ مۇلازىمەت باھاسىمۇ ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلىشى مۇمكىن، كۆپ مىقدارلىق ئىمپورت تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆسۈش ئېھتىماللىقى ھېلىھەم مەۋجۇت.

  ‐‐ خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ ساقلاش. ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ سۈپىتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستۈرۈش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنۇلار كۆزدە تۇتۇلدى: زۆرۈرىيەت جەھەتتىن قارىغاندا، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس كۆپ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ ساقلاش ۋە مۇۋاپىق كۆلەمدىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ساقلاش ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋە بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. مۇمكىنچىلىك جەھەتتىن قارىغاندا، 2019-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىسىدا ئېشىش ھالىتىنىڭ يەنە داۋاملىشىشىدىن ئۈمىد بار، دۆلىتىمىز 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى باشلىقلار مۇنبىرى ۋە 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر تەرەپچىلىك، سودا قورۇقچىلىقىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتىغا بولغان تەسىرى، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىدىكى ئېنىقسىز ئامىللار نەزەردە تۇتۇلدى، تاشقى سودىنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا، سودا قۇرۇلمىسىنىڭ سەرخىللىشىشى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  (3) ئاساسلىق سىياسەت يۆنىلىشى

  ماكرو سىياسەت جەھەتتە، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئالدىن تەڭشەش ۋە مىكرو تەڭشەش كېرەك. قۇرۇلمىلىق سىياسەت جەھەتتە تۈزۈلمە-مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالى، دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يەر، بازار ئىجازىتى، جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئىجتىمائىي سىياسەت جەھەتتە، تۈگەل كاپالەت فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، باشقۇرۇشنى مۇلازىمەتكە سىڭدۈرۈش كېرەك.

  ‐‐ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش. 2019-يىللىق مالىيە قىزىل رەقەم نىسبىتى %2.8 ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى، بۇ ئالدىنقى يىلدىكى خامچوتتىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى؛ مالىيە قىزىل رەقىمى 2 تىرىليون 760 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى خامچوتتىكىدىن 380 مىليارد يۈەن يۇقىرى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس زايوم كۆلىمى بىر قەدەر زور ھەجىمدە ئاشۇرۇلىدۇ. تېخىمۇ زور كۆلەمدە باج كېمەيتىش-ھەق تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش، قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتىنى ماھىيەتلىك تۆۋەنلىتىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇش نىزامىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش يۈكىنى روشەن يېنىكلىتىش لازىم. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، ئادەتتىكى چىقىمنى %5تىن كۆپرەك قىسقارتىپ، «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى يەنە %3 ئەتراپىدا قىسقارتىپ، نۇقتىلىق چىقىمغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مالىيە مەبلىغىنىڭ كەمتۈكلۈكنى دەل جايىدا تولۇقلاش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى تۈگەل كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتىلغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يۆتكىمە چىقىمنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىمىنى بىرقەدەر زور ھەجىمدە داۋاملىق كۆپەيتىش، ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كۈچىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  ‐‐ پۇختا پۇل سىياسىتىدە بوش-چىڭلىقنى مۇۋاپىق ئىگىلەش. كەڭ مەنىدىكى پۇل (M2) ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نامى ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، 2018-يىللىق ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشتۈرۈپ بېرىشنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قامداش كېرەك. كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالى بىرىكمىسىنى جانلىق قوللىنىپ، پۇل ئوبوروتىنىڭ مۇۋاپىق يېتەرلىك بولۇش ۋە بازار ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق مۇقىم بولۇش ھالىتىنى ساقلاش لازىم. پۇل سىياسىتىنىڭ ئۆتمە مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، پۇل سىياسىتىنىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن بولغان ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بازارلىشىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى ۋە مىكرو-كىچىك كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش كېرەك. پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان كاپىتال ئوبوروتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش لازىم. پاي بازىرى، زايوم بازىرى، پېرېۋوت بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەپ ساقلاش ھەمدە بىنورمال داۋالغۇشلارغا ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.

  ‐‐ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىدە ئومۇميۈزلۈك كۈچەش. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى نىشانى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى-ئاۋامنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى تېرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن قىسمەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا-كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىگە بولغان مەدەتكارلىقنى ئاشۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.

  ‐‐ سىياسەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش. يۇقىرى قاتلامدىن تېخىمۇ ياخشى لايىھەلەپ، سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى ۋە ماسلىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەت چىقىرىشنىڭ پەيتى ۋە سالمىقىنى ئوبدان ئىگىلەپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مالىيە، پۇل، كەسىپ، رايون قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىياسەتلەرنىڭ ماس ۋە يۈرۈشلۈك بولماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىياسەت ئۈنۈمى جەھەتتە مەنپىي يۆنىلىشلىك دەستىلىنىش، قارشى يۆنىلىشلىك سىقىپ چىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش لازىم. كەسىپ سىياسىتىدە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، فۇنكسىيەلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تەمىناتنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان مەدەتكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. رىقابەت سىياسىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى نەزەرگە ئېلىپ، رىقابەتنىڭ ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش ۋە مونوپولغا قارشى تۇرۇش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي مونوپول ۋە يەرلىك قورۇقچىلىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، سۈپەت، بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆلچەملەرنى ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار ئىجازىتى بوسۇغىسىنى پەسلىتىپ، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە بازاردىن چېكىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەكىللەندۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تېز يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىش لازىم. رايون سىياسىتىدە رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامىللارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، رايون ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋە بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا دائىر تۈزۈلمە-مېخانىزم ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش لازىم. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىللە كەلگەن ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ شەھەر-بازار ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشى ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاش كېرەك.

  3. 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى

  2019-يىلى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەككىز جەھەتتىكى خىزمەتنى تىرىشىپ ئوبدان ئىشلەش كېرەك.

  (1) تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش. «مۇستەھكەملەش، ئاشۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنى بويىچە، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك.

  بىرىنچى، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش. ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. قۇرۇلمىلىق ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشنى داۋاملىق ئالغا سۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەر مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش ۋە زىياننىڭ تېگىشلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرىنىڭ تاللىنىپ، ناچارلىرىنىڭ شاللىنىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سۈرۈپ، «مۇردا كارخانىلار»نى تېز بىر تەرەپ قىلىپ، چېكىندۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش لازىم. كارخانىلارنىڭ پىشاڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش، كەسىپلەرنى بىرىكتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش سەۋەبلىك ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش لازىم.

  ئىككىنچى، ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى چىقىرىپ يولغا قويۇپ، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتى بىلەن ئاقىل ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئورگانىك بىرىكىشى، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئاقىللىشىشقا قاراپ تېز راۋاجلىنىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىق بىلەن ئوبوروتچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەت پىروگراممىسىنى تۈزۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، تەننەرخنى تېخىمۇ زور سالماقتا تۆۋەنلىتىش. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش بىلەن قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كىچىك-مىكرو كارخانىلار، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشچان پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا قارىتا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدە باج كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لازىم. مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش تۈرلىرى ۋە بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىدىغان كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدە ئېتىبار بېرىش كاتالوگىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلاش كېرەك. تىجارەتلىك مۇلازىمەت ھەقلىرىنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە مۇكاپات-تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى ئىناۋەت ئۇچۇرى، پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ھەمبەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىناۋەت ئاساسى بار كىچىك-مىكرو كارخانىلار، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش لازىم. كونتېينېرلىق توشۇشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇلانما تىرانسپورت ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تاشيول-تۆمۈريول-سۇ يولى ئۇلانما تىرانسپورتىنى جىپسىلاشتۇرۇشتىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تىرىشىپ تۇتاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچەپ مەدەت بېرىش. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئىلھام-مەدەت بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى ۋە قانۇنچىل تۈزۈم مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ساھەسىدىكى ھۆكۈمەت ئىشىدا لەۋزىدە تۇرماسلىقنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جايلارنىڭ كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسىغا دائىر بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. كارخانىچىلارنى كارخانىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت تۈزۈشكە قاتناشتۇرۇش مېخانىزمنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېقىنلىق-پاكلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ ئورنىتىپ، كارخانىچىلار روھىنى ئۇرغۇتۇش ۋە قوغداشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكىرنى چىقىرىش لازىم. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، كارخانىچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك قوغداپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېسابتىكى پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشنى ئېنىقلاش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلۇشچىلىق ساھەسىدىكى كاپالەت پۇلىنى داۋاملىق ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بانكىلارنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك قەرز بېرىشىگە ئىلھام بېرىپ، زايوم تۈرىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، سۈپەتلىك كارخانا زايومىنى تارقىتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەتكار بولۇش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەتكار بولۇش قورالىنى تەتقىق قىلىپ ھەمدە تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. لەۋزىدە تۇرغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سۈرۈپ، «ئىناۋەت قولايلىقى+» مۇلازىمەت تۈرىنى كېڭەيتىش ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئىناۋەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، كارخانىلارغا قولايلىق يارىتىش لازىم. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خېرىدار چاقىرىش-چىقىشىنى چەتكە قاقىدىغان، ئۇنىڭغا چەك قويىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈپ، ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنى 1 مىليارد 650 مىليون مودا مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونلىرى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇھاپىزەت رايونلىرىنى بەلگىلەشنى تولۇق تاماملاپ، ئېتىز-ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 80 مىليون مودىن كۆپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى يېڭىدىن كۆپەيتىش كېرەك. قىس ۋە يېشىل، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سورت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەشكە بۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە دائىر سىياسەت، باھالاش، تەكشۈرۈش ۋە خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك يېشىل تەرەققىيات باشلامچى رايونلىرىنى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ئىلغار، ياراملىق تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ جۇغراپىيەۋى بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا-كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈپ، ناھىيە ئارا ئىقتىسادنى زورايتىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرى ۋە يېڭىچە مۇلازىمەتچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپ باغچىسى، كۈچلۈك يېزا ئىگىلىك كەسپىي بازىرى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، يېزىلارنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. شال ۋە بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆممىقوناق ۋە دادۇر ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دادۇر ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دادۇر تېرىش كۆلىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق كېڭەيتىش كېرەك. سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. ئافرىقا چوشقا ۋاباسىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىناتىنى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم. خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلقئارا قائىدىگە ئۇيغۇن يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش ۋە قوغداش سىياسەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش لازىم.

  (2) قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۆز ئىشىمىزنى ئوبدان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى بازىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىشى ۋە تەمىنات-ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.

  بىرىنچى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش يېتەكچى كاتالوگىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، يەر، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق مۇھىم ئامىللار كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشى ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش لازىم. زور تېخنىكىلىق جابدۇقلار جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، تۇنجى (يۈرۈش) ئۈسكۈنىنى ئۈلگە قىلىش-قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۈپەت ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش لازىم. زور كەسىپ بازىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ توپلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخنىكا ئۆزگەرتىش-دەرىجە ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئالاقە تورى، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يېڭى تېخنىكا ۋە ئىلغار قوللىنىشچان يېشىل ھۈنەر-سەنئەت، تېخنىكا، جابدۇقلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ بىخەتەر، يېشىل، كۆجۈملۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم.

  ئىككىنچى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش. يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە ھۆكۈمەت-بانكا-كارخانا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئالىي جابدۇق، بىيو تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ توپلىرىنى ئالدىن يېتىلدۈرۈش ۋە زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد سىياسەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋر «ئالاقە تورى+» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، «ئالاقە تورى+»قا دائىر چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، سۈنئىي ئەقىلدىن ئىجادىي پايدىلىنىش بويىچە باشلامچى رايونلارنى قۇرۇپ، بۈيۈك مەلۇمات ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. G5نى سودىغا ئىشلىتىش قەدىمىنى ۋە IPv6نى كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقىل، سانائەت ئالاقە تورى، ئەشيا تورى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش ۋە بىرىكتۈرۈپ پايدىلىنىش كېرەك. يېڭى دەۋر «كەڭ بەلباغلىق جۇڭگو» ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىيو ئىقتىساد تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى ۋە بىيو كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە سىياسەتنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، بىيو كەسىپلەرنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىيو تېخنىكا بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى چوڭ تاشلاش لازىم.

  ئۈچىنچى، ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى نىشانلاپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۇل ئەسلىھەنى يۇقىرى سۈپەتلىك راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەركەز خامچوتى ئىچىدە سېلىنىدىغان مەبلەغ 577 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 40 مىليارد يۈەن كۆپەيدى. مەركەز خامچوتى ئىچىدە سېلىنىدىغان مەبلەغ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» قۇرۇلۇشلىرى، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە نۇقتىلىق ئىشلىتىش كېرەك. قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ مەبلەغ كاپالىتىنى زورايتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ساقلانما مالىيە مەبلىغىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇنى قۇرۇلۇۋاتقان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە نۇقتىلىق ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىپ، «سۆرەلمە» قۇرۇلۇش پەيدا بولۇشىنى توسۇش لازىم. ئەلئارا كاپىتالنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى ۋە كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەلئارا كاپىتالنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك، خېرىدار چىقىش بىرلەشمىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق PPP تۈرىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولى، يەنجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، شىمالنىڭ كۆمۈرىنى جەنۇبقا توشۇش يول سىستېمىسى، رايون ھالقىغان توك يەتكۈزۈش يولى، غەربىي جەنۇب سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى پىلانلاپ قۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇش، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى، بېيبۇۋەن قولتۇقى قاتارلىق نۇقتىلىق شەھەر توپلىرىنىڭ شەھەر ئارا تۆمۈريول، شەھەر رايونى (ئەتراپى) تۆمۈريوللىرىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىنى قوللاش، سەنشيا سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش، سەنشيا تۈگۈنى سۇ تىرانسپورت يېڭى يولى قۇرۇلۇشى ۋە گېجوۋبا سۇ تىرانسپورتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ-چوڭ تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سۈرۈش، غەربىي رايوننىڭ يېڭى قۇرۇقلۇق-دېڭىز يولىنى پىلانلاپ قۇرۇش، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى ئەسلىھەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان «مەملىكەت تور»نى تېز قۇرۇش لازىم. تۈگۈن ئايرودۇرۇملارنى يېڭىدىن قۇرۇش، كۆچۈرۈپ قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىپ ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى ئالغا سۈرۈپ، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى ۋە ھەممىباب ئايرودۇرۇملارنى تەرتىپلىك قۇرۇش، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت تەييارلىقى خىزمىتىنى تېز ئالغا سۈرۈپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۇنىۋېرسال يولۇچى تىرانسپورت تۈگۈنى، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سۈرۈپ، دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن تورى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، يىغىش-تارقىتىش پورتى تۆمۈريولى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا مەدەت بېرىپ، تىرانسپورتتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇش لازىم.

  تۆتىنچى، ئىستېمال ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش. ئاھالە كىرىمىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش كېرەك. شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان ئاساسىي ھەق ئۆلچىمى ۋە 6 مەخسۇس تۈر بويىچە قوشۇمچە چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش سىنىقى خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار، يېڭىچە كەسىپكار دېھقانلار، پەن تەتقىقات خادىملىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنى ئۈنۈم مائاشى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، شەھەر-يېزىلار ئارا قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكە سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، داڭلىق ماركا ئىستېمالى، سۈپەت ئىستېمالى بويىچە توردا مال سېتىۋېلىش بايرىمى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش ۋە يېزا-كەنت ساياھىتى جەھەتتىكى ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش كېرەك. سۈپەت ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. ساختا-ناچار تاۋارلارغا زەربە بېرىش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، بازار ئىستېمالى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك. «ئوخشاش لىنىيە، ئوخشاش ئۆلچەم، ئوخشاش سۈپەت» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇھىم تاۋارلارنىڭ سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، نۇقتىلىق شەھەرلەردىكى پىيادىلەر كوچىلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئالىي تاۋار ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق چېگرا سىرتى ئىستېمالىنى قايتىپ كېلىشكە جەلپ قىلىش لازىم. تۈرلۈك قوللىنىشچان ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئاقىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇر ئىستېمالىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رىغبەت سىياسەتلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بازارغا بولغان نازارەتچىلىك-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئىستېمالنى كۆپەيتىش لازىم. مائارىپ، بالا تەربىيەسى، كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى، داۋالىنىش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. مەدەنىيەت-ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، كەسىپ ھالىتى ۋە ئىستېمال ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش لازىم. ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەرىكەت پىروگراممىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تەنتەربىيە ئىستېمال ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائاشلىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئائىلە مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى سىناق قىلىش-ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. خەينەن خەلقئارا ساياھەت ئىستېمالى مەركىزى، پىڭتەن خەلقئارا ساياھەت ئارىلى ۋە خېڭچىن خەلقئارا ئىستىراھەت ساياھىتى ئارىلى قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سۈرۈش، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلانى (2018-2020-يىللىق)نى تەشكىللەپ يولغا قويۇش لازىم. نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تېز سۈرئەتلىك قاتناش، پىيادىلەر يولى، ماشىنا توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خاس باغچىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساياھەت پاراخوتى، ساياھەت ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئىستېماللارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش كېرەك. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ سوغۇق رايون قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش لازىم. ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تارماق ھالقىپ بىرلىشىپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇش كېرەك.

  


  


  بەشىنچى، بازار كۆزلىمىسىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇش. مۇھىم سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال كۈچەيتىپ، تەشۋىقات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەتنىڭ روھىنى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا ۋاقتىدا توغرا چۈشەندۈرۈش كېرەك. كۆزلىمىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زور خەۋپ-خەتەرلەرنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق تۈگىتىش، ئاممىۋى پىكىرنىڭ يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم. 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىش، ئېلان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك. مۇھىم تاۋارلارنىڭ بازاردىكى تەمىنات-ئېھتىياج ئەھۋالى ۋە باھا ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن ئىزلاپ ئانالىز قىلىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش، توشۇش ھالقىلىرىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، بېسىمدارلىق قىلىش ۋە مال باھاسىنى ھە-ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈۋېتىشكە ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش لازىم.

  (3) ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش. گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، تەدبىرنى دەل جايىدا قوللىنىپ، نۇقتىلىق جەڭنى ياخشى قىلىپ، قىيىن ئۆتكەلگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، چوقۇم ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش.

  بىرىنچى، زور خەۋپ–خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر تۈزۈلمە–مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور خەۋپ–خەتەرنى كۆزىتىش، ئۇنىڭغا مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ–خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. پىشاڭنى قۇرۇلمىلىق تۈگىتىش ئاساسىي تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، رىتىم ۋە سالماقنى ياخشى ئىگىلەپ، ھەقدارلىقنى بازارلاشتۇرۇش يولى بىلەن پايدارلىققا ئۆزگەرتىش توختام تۈرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك-قەرزدارلىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ قەرزدارلىق خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. پاي بازىرى، زايوم بازىرى، پېرېۋوت بازىرىدىكى مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشى ۋە خەۋپ-خەتەرنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ بىنورمال داۋالغۇشى ۋە رېزونانىس شەكىللەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ ئاساسىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆلەڭگە بانكىلارنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش لازىم. نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركەتلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسىنى تېز تۈزۈپ چىقىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنىڭ كۆپىيىشىنى قەتئىي توسۇپ، قالدۇقنى تۈگىتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپا شىركەتلىرىنىڭ تىپىنى بازارلىشىش يولى بىلەن ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بېرىش لازىم. ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى لايىھەسىنى پۇختا يولغا قويۇپ، شەھەر سۇبيېكتلىرى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر باھاسىنى، ئۆي باھاسىنى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆي-زېمىن بازىرى خەۋپ-خەتىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. سېتىۋېلىش بىلەن ئىجارە ئېلىشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇرالغۇ بازىرى سىستېمىسى ۋە تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك ئاھالە ۋە يېڭى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش لازىم. تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. نوپۇسى ساپ كۆپىيىپ بارىدىغان چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەردە تۇرالغۇ ئىجارە بازىرى، بولۇپمۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئىجارە بازىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

  ئىككىنچى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدا غەلىبە قىلىش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنى پۇختا ئالغا سۈرۈپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچنى توپلاپ مەدەت بېرىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق، ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە، مائارىپ، ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلار ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، مېيىپلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لازىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورنىتىپ، نامرات ئاھالىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن ناھىيەلەردە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. كىرىم سەۋىيەسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېرىلگەن نامرات ئاھالىدىن ئاز-تولا يۇقىرى بولغان ئاممىغا قارىتىلغان سىياسەت مەدەتكارلىقى كەمچىل بولۇشقا ئوخشاش يېڭى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. پۈتۈن بىر يىلدا، يېزىلاردا يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى ئازايتىش، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش يىرىك پىلان قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنلاش لازىم.

  ئۈچىنچى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش. پوزىتسىيەنى چىڭ ساقلاپ، نەتىجىنى مۇستەھكەملەپ، كەڭ، بوش قويۇۋەتمەي، كونا يولدا تېخىمۇ ماڭماي، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سۈپەتتە قوغداشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، دېزىل يېقىلغۇلۇق يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بۇلغىشىنى تۈزەش، شەھەرلەردىكى قارا-سېسىق سۇنى تۈزەش، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بوخەي دېڭىزىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، يېزا ئىگىلىكى-يېزىلاردا بۇلغىنىشنى تۈزەش، سۇ مەنبەسى رايونىنى قوغداشتىن ئىبارەت يەتتە جەڭگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋە سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش بويىچە زور پەن-تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇھىتنى تۈزەش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، كارخانا سۇبيېكت قىلىنغان، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئاۋام ئورتاق قاتنىشىدىغان مۇھىت تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈش، كارخانىلارنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈستىدىكى تەپتىشلىكنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىتنى تۈزەش بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنى بۇلغىمىنى ئالاھىدە ئاز چىقىرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش، كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى بۇلغىمىنى ئالاھىدە ئاز چىقىرىدىغان ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى سىجىل، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر ئېلېكتىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يۈك تىرانسپورتى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، كۆمۈر، رودا، كوكس قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى تۆمۈريول، سۇ يولىدا توشۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەرلەردە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنى يولغا قويۇش، شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، سۇلياۋدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈش لازىم. «كېرەكسىز نەرسە يوق شەھەر» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە كېرەكسىز قوغۇشۇنلۇق باتارېيەدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا كۆمۈر ئىستېمالى مىقدارىنى ئازايتىش-سەپلىمە ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ۋە پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. شىمالىي رايونلاردا پاكىز ئىسسىنىشنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، فېنخې-ۋېيخې تۈزلەڭلىكىدە پارچە كۆمۈرنى تۈزەشنى بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «گازنى ئاساس قىلىپ ئۆزگەرتىش» پىرىنسىپى بويىچە، كۆمۈر ئورنىغا گاز ئىشلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى تەرتىپلىك يولغا قويۇش لازىم. پاكىز ئېنېرگىيەنى كۆپ مەنبەلىك ئىشلىتىشكە مەدەت بېرىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چۆللىشىش، قۇملىشىش قاتارلىقلارنى تۈزەشنى كۈچەيتىش لازىم. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا، سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش لازىم. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنىڭ پاسىلىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئىكولوگىيە مۇھاپىزىتى قىزىل سىزىقىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆپ مەنبەلىك توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر قاتارلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ۋادىلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دېڭىزنى قاشالاپ تىندۇرۇشنى قاتتىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش لازىم. يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمالغا دائىر قانۇن-تۈزۈم ۋە سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما تەرەققىي قىلىدىغان ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت سۇ تېجەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. يېشىل بىناكارلىق، تېز يوللانمىنى يېشىل-ئوراش قاچىلاشنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. بازار يېتەكلەيدىغان يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېشىل كەسىپلەر يېتەكچى مۇندەرىجىسى (2019-يىللىق نۇسخا)نى ئېلان قىلىپ، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سوۋۇتۇشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. مۇھىت ئىقتىسادى سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. توختاملىق ئېنېرگىيەنى باشقۇرۇش، توختاملىق سۇ تېجەشنى باشقۇرۇش، مۇھىت بۇلغىنىشىنى 3-تەرەپ تۈزەش ئەندىزىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، يېشىل ياساش قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە تېجەر- مۇھىت ئاسرار كەسىپلەر قاتارلىق يېشىل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېشىل تۇرمۇش يارىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە كاربون بازىرى تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىش كېرەك.

  (4) ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش. يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋامنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە-خەلقنىڭ ماسلاشما يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچى، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتى سىنىقىنى مۇھاكىمە قىلىپ پىلانلاش كېرەك. پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش لازىم. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى، تېخنىكا قىممىتى، ئىقتىسادىي قىممىتى قاتارلىق قىممەتلىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ تېز ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش-رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەت، تۆھپىسى يېتەكچى قىلىنغان سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش لازىم. ئۇل تەتقىقاتقا بولغان سېلىنمىنى مۇقىم، سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش 2030—مۇھىم، زور تۈرلىرىنى تېز يولغا قويۇش كېرەك. ئوچۇق، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورتاق تېخنىكا تەتقىق قىلىش-يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئېھتىياج يېتەكچى، كارخانا سۇبيېكت قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، پۇقراۋى يۇقىرى تېخنىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشلامچى كارخانىلارنىڭ مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىگە باشلامچىلىق قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىلار، پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەمبەھرىلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سانائەتنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىش قۇرۇلۇشىدا ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۈلگە كۆرسىتىش، قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. دۆلەت تەجرىبىخانىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى سىستېمىسىنى قايتا تەشكىللەش كېرەك. زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى تەشكىللەش-باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر تۈركۈم ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە دۆلەتنىڭ ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن بىرقانچىنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرپا قىلىش لازىم. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ماسلاشما يېڭىلىق يارىتىش ئورتاق گەۋدىسىنى تېز بەرپا قىلىش، بېيجىڭ، شاڭخەي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىغا، بېيجىڭ خۇەيروۋ، شاڭخەي جاڭجياڭ، ئەنخۇي خېفېيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم-پەن مەركىزى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدە قىلىنغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تىرەك بولۇش، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى ھەمدە دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئىلىم-پەن مەركىزىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرۇشنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش. «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئىگىلىك تىكلەشكە يار-يۆلەك بولىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىلدۈرۈش بازىسى قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆرسىتىش-ئالماشتۇرۇش ۋە بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىش لازىم. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى، باھالاش قاتارلىق تەرەپلەرنى قاپلىغان مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا قارىتا جازالىق تۆلەم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش» مەخسۇس پۇل مۇئامىلە زايومى، «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش» بويىچە يېتىلدۈرۈش مەخسۇس زايومى قاتارلىق زايوملارنى تارقىتىشقا ئىلھام بېرىش لازىم. دۆلەت يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سېلىش يېتەكچى فوندىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردە ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش ئىتتىپاقى قۇرۇش كېرەك. 2019-يىللىق مەملىكەتلىك «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش» پائالىيىتى ھەپتىلىكىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش لازىم.

  ئۈچىنچى، ئارمىيە-خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سۈرۈش. دۆلەتنىڭ ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە زور ئۈلگە تۈرى ۋە ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش-زورايتىشتىكى مۇھىم تېرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە دۆلەت مۇداپىئەسى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمان بولۇش، ئورتاق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھەربىي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا قاتنىشىش» توسىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «ھەربىي سانائەت تېخنىكىسىنى خەلق ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇش» سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئارمىيەدىمۇ، يەرلىكتىمۇ ئىشلىيەلەيدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئارىسىدا يۆتكىلىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش لازىم. دۆلەت مۇداپىئەسى ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئىگىلىكى سەپەرۋەرلىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سەرخىللاشتۇرۇش لازىم. ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۇنىۋېرسال قانۇن چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئارمىيە-خەلق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوش يۆنىلىشتە ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى فۇنكسىيەسىنى بىرىكتۈرۈپ كېڭەيتىش كېرەك.

  (5) نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ يېتەكلەش رولىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مىكرو سۇبيېكتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچى، «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىنى باھالاش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش-ئانالىز سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، بىر قىسىم ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردە سودا مۇھىتىنى سىناش-باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە سودا مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆەنلىتىش كېرەك. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تىزىملىكنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە ساغلاملاشتۇرۇپ، تىزىملىك ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرىشكە بولۇش»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەت قاتارلىق ئىشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا يەنە تۈرتكە بولۇپ، شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرلۈك تەستىق ۋە ئىجازەتنى تېز ئېنىقلاپ، مەمۇرىي جازا ئىشلىرىنى ئازايتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، كارخانا ئېچىش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، مال-مۈلۈكنى تىزىملىتىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشىش، چېگرا ھالقىغان سودا قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرىش ھالقىسى، سۈرۈكى ۋە تەننەرخىنى ئازايتىپ، تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ساھەلەر جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىۋېتىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى پائال ئالغا سۈرۈپ، كارخانىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پاتېنت تەكشۈرۈش ۋە سودا ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋاقتىنى داۋاملىق قىسقارتىش كېرەك. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»نى تۈپ ۋاسىتە، نۇقتىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى تولۇقلىما، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان يېڭىچە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش ساھەسىدە تارماق ھالقىپ «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» نازارەتچىلىك-باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مونوپولغا قارشى ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىش لازىم. «ئالاقە تورى+ مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سۈرۈپ، «رەقەملىك ھۆكۈمەت» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن تور مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇپ چىقىش، بىر تور بېكىتىدىلا بېجىرگىلى، باشقا جايدىمۇ بېجىرگىلى بولۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دۆلەت مەمۇرىيەت ئۇچۇرى سىستېمىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، مەمۇرىيەت ئۇچۇرى سىستېمىسى تىزىملىكىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  ئىككىنچى، دۆلەت كاپىتالى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى «1+N» سىياسەت ھۆججەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تۈرلۈك ئىسلاھات سىنىقىدا ھاسىل قىلىنغان تەجرىبە-نەتىجىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشنى پۇختا ئالغا سۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىگە ھوقۇق بېرىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي دىرېكتورلار تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى بەرپا قىلىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملىرىغا پاي بېرىش قاتارلىق يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى رىقابەتلىك ساھەلەردە دۆلەت كارخانىلىرى ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش لازىم. دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللىنىشى ۋە جايلىشىشىنىڭ سەرخىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، كارخانا باشقۇرۇشتىن كاپىتال باشقۇرۇشقا تېز بۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم دۆلەت كاپىتالى سېلىنما شىركەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، بىر تۈركۈم دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى شىركەتلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالى سېلىنما شىركەتلىرى ۋە تىجارىتى شىركەتلىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ كېڭەيتىپ، دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتىنى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا يۆتكەپ كىرگۈزۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى يۆتكەپ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاشنى تۈركۈمگە بۆلۈپ داۋاملىق ئالغا سۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىش ھەققىنى بېكىتىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش لازىم.

  ئۈچىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. نېفىت-تەبىئىي گاز تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت نېفىت-تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى شىركىتى قۇرۇپ، تۇرۇبىدا يەتكۈزۈش بىلەن سېتىشنى ئايرىۋېتىش كېرەك. نېفىت-تەبىئىي گاز چارلاش، قېزىشقا بولغان ئىجازەت چېكىنى قويۇۋېتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى نېفىت-تەبىئىي گاز چارلاش، قېزىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا پائال جەلپ قىلىش لازىم. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇستەقىل، قېلىپلىق يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشقان ئۇسۇلدا سودىلىشىشنى تېز ئالغا سۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى نەق مال بازىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆپەيگەن توكنى تەقسىملەش كەسپى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش لازىم. تەننەرخنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، 2-نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش دەۋرىيلىكىدە يەتكۈزۈلىدىغان-تەقسىملىنىدىغان توك باھاسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ باھا ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پوچتا ۋە تاماكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەشنى سەرخىللاشتۇرۇش. ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ، ئامىللارغا قارىتا بازار ئىجازىتى، نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش، چېكىندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئەركىن، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە دائىر تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى تىپ ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەشنى تېزلىتىپ، مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاشنى سىجىل قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ۋەدە تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەش ئىسلاھاتى سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى 1-دەرىجىلىك بازاردا كۆپ خىل شەكىلدە ھەقلىق بېرىش ۋە 2-دەرىجىلىك بازاردا تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەمبەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. تېخنىكا ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى ئامىلىنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەخسىي ئۇچۇر توغرىسىدا ھوقۇق بېرىش ۋە بۈيۈك مەلۇمات سودىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ساھەلەردە مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتى لايىھەسىنى تۈزۈش لازىم. يەرلىك باج سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ كىرىمىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەرەل ئاخىرىدا قايتۇرىدىغان باجنى قالدۇرۇپ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىش لازىم. شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىرى تەسىس قىلىش ھەمدە رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى سىناق قىلىش، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ نەق پۇلدا پايدا تەقسىملەش ۋە چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇل سىياسىتى ۋە ماكرو ئېھتىياتچانلىق سىياسىتى قوش تىرەك قىلىنغان تەڭشەش-تىزگىنلەش رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە پائالىيىتى، پۇل مۇئامىلە بازىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەسىنى ماكرو ئېھتىياتچانلىق سىياسىتى رامكىسىغا كىرگۈزۈش لازىم. ئومۇمىي تاشقى قەرز ۋە چېگرا ھالقىغان كاپىتالنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش لازىم.

  (6) تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  بىرىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش. 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى باشلىقلار مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش لازىم. دۆلىتىمىز بىلەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق چوڭ-چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۇل مۇئامىلە تىرىكى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. رەقەملىك يىپەك يولى قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاقىل شەھەر تورى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى رايونى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى باغچە رايونى قاتارلىق سۇپىلارنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش لازىم. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى»نى دۇنياۋى جايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش لازىم. فىرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان 3-تەرەپ بازار ھەمكارلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىش، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا، ساياھەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چېگرا بويىنى ئېچىش-ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق ئېچىش-ئېچىۋېتىش سىناق رايونلىرى ۋە چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى ۋە شەرقىي شىمال ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىدىكى مەركىزىي تۈگۈن بولۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  ئىككىنچى، تاشقى سودىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇش. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئومۇمىي ۋاقتىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، ئېكسپورت-ئىمپورتنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇن تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، «ئېتىراپ قىلىنغان تىجارەتچى» (AEO)نى خەلقئارادا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سودىنىڭ قولايلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى تالونى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئېكسپورتتا باج قايتۇرۇش ھېساباتىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتىلغان سىياسەت مەدەتكارلىق سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكسپورت بازىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈپ، ئىلغار تېخنىكا-ئۈسكۈنىلەر، ئاچقۇچلۇق زاپچاس-بۆلەكلەر ھەمدە قىس بولغان ئېنېرگىيە بايلىقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنى كۆپەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئىمپورت-ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئەنئەنىۋى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، تېخنىكا، ئۆلچەم، ماركا، سۈپەت، مۇلازىمەت يادرو قىلىنغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئەۋزەللىكىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ سۈپەت، ئۈنۈم تىپىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ سېلىنما ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى قىسقارتىپ، پاسسىپ تىزىملىك سىرتىدىكى ساھەلەردە تاشقى مەبلەغگە قارىتىلغان ئىجازەت چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ بىكار قىلىش لازىم. پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغنى كىرىشكە جەلپ قىلىپ، خەلقئارا ئۇزاق مەزگىللىك كاپىتالنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك. چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ، چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ يارىتىش بازىسى تەسىس قىلىشقا جەلپ قىلىش لازىم. تاشقى مەبلەغ تۈرلىرى مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، كۆلىمى چوڭ، ئۈلگە خاراكتېرى كۈچلۈك بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تاشقى مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تاشقى قەرزنى تىزىملاش تۈزۈمىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى، يۇقىرى يېڭى پەن-تېخنىكا رايونى قاتارلىق تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، يۈكسىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەسىر كۆرسىتىش-يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىش لازىم. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى ھەمدە ئومۇيۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتى سىناق رايونىغا مەدەت بېرىلگەن چېگرادىن كىرىش-چىقىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىش لازىم. خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەت–تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئارال ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  تۆتىنچى، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. سىرتقا مەبلەغ سېلىش نىزامىنى تېز تۈزۈپ، چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش مۇلازىمىتى ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. كارخانىلارنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تىجارەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرغانلارنى بىرلىشىپ رىغبەتلەندۈرۈش، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاشنى يولغا قويۇش كېرەك. «چىقىرىش» ئاممىۋى مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تارماقلار ئارا ئۇچۇرنى بىرتۇتاش توپلاش ۋە ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش لازىم. بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا سىرتى بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پائال قاتنىشىش. دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا سۇپىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەنپەئەتنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى بېكىتىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ئاشكارا بولغان خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدە سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سودا-مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىغا مەدەت بېرىدىغان ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى قوغداش لازىم. ئارگېنتىنادىكى جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا كېڭىشىنى پۇختا ئالغا سۈرۈش كېرەك. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىش لازىم.

  (7) شەھەر-يېزىلار ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش زور ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇنىڭدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شەھەر-بازارلارنىڭ ۋە رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش لازىم.

  بىرىنچى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى (2018-2022-يىللىق)دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەنت يىرىك پىلانىنى تېز تۈزۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئالغا سىلجىتىش، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر-يېزىلارنىڭ يول، سۇ، توك، گاز، تېلېگراف قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلىنىشى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشى، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يېزىلارنى قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيى بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىش كېرەك. يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنى چىڭ تۇتۇپ، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى نۇقتىلىق ئالغا سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتى، پاسكىنا سۈيىنى تۈزەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. يېزىلاردا سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك پاكىز كىچىك ئېقىنلار قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئۇل ئەسلىھە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت غول تورى ۋە سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مۇھىم شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەسىدىن شەھەر-يېزىلار ئورتاق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەنت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى ياساش لازىم. يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا يېرىنى ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئۆي-يەر بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى ۋە ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش-تىزىملاش-كىنىشكا بېرىشنى ئالغا سۈرۈش، تۇرۇپ قالغان ئۆيلۈك يەر ۋە دېھقانلار ئۆيلىرىنى جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىش، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

  ئىككىنچى، ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش. شەھەر-يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەر-بازار نوپۇسىدا بولمىغان 100 مىليون ئاھالىنى شەھەردە نوپۇسقا ئېلىش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سۈرۈش، ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىنى شەھەر ئاممىۋى نوپۇسىغا ئېلىشنى ئالغا سۈرۈش كېرەك. شەھەرلەر توپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش، قاتناش ئەسلىھەسىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئىزچىل ئۆستۈرۈش، شەھەر رايونىدىكى كونا سانائەت رايونى، شەھەر-بازارلارنىڭ ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىكى خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار قاتارلىقلارنى كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش، شەھەرلەردىكى كونا، كىچىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، لېفىت ئورنىتىش ۋە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش، يېڭىچە ئاقىل شەھەرلەرنى پائال بەرپا قىلىش، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى، بۇلۇت شەھەر ۋە شەھەرلەرنىڭ پاسكىنا سۇ چىقىرىش، ھۆلچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆزگىچە بازارچەلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك قۇرۇش كېرەك. كۆپ مەنبەلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مەبلىغى كاپالەت مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىش لازىم.

  ئۈچىنچى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سۈرۈش. غەربىي رايوننى ئېچىش، ئېچىۋېتىشكە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ، غەربىي رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، سودا مۇھىتى، ئېچىۋېتىش مۇھىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردىكى سىياسەت-تەدبىرلەرنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوتتۇرا رايوننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياسىمىچىلىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۆتكەلمە كەسىپلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك قوبۇل قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش ئۈلگە رايونى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. خۇەيخې دەرياسى ئېكولوگىيە ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سۈرۈش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بايلىق تىپىدىكى رايونلار ئىقتىسادىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بوشلۇق ئىقتىسادىي ئۈلگە رايونى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قاتارلىق سۇپا قۇرۇلۇشلارنى پائال ئالغا سۈرۈش ۋە قوللاش كېرەك. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە دائىر سىياسەت ۋە يىرىك پىلانلارنى تۈزۈپ، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، دۆلەتنىڭ مۇھىم رايون ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئالاقىدار يىرىك پىلانى ۋە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشقا دائىر يانداش يولغا قويۇش لايىھەلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش، قاتناش، ئېكولوگىيە، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئالغا سۈرۈش، پايتەختنىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تىرەك رايونىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈش، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقلارنى بىرتۇتاش سىستېمىلىق تۈزەش تەپەككۇرى بويىچە، سۇ بۇلغىنىشىنى تۈزەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ بايلىقىنى قوغداشنى تەڭ تۇتۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش «1+4» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ قاتنىشىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسىنى بىر پۈتۈن لايىھەلەش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش لازىم. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جەھەتلەردىكى مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش، شېنجېننىڭ چيەنخەي، گۇاڭجوۋنىڭ نەنشا، جۇخەينىڭ خېڭچىن رايونى قاتارلىق گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەمكارلاشما تەرەققىيات سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  (8) خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن چەكنى كاپالەتلەندۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش، تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ۋە سىجىللىققا ئىگە ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنى ئوبدان يولغا قويۇش كېرەك.

  بىرىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش خىزمىتىنى پۇختا ئوبدان ئىشلەش. ئامېرىكا بىلەن سودا قىلىدىغان نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىشىگە بولغان كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەسىرگە ئۇچرىغان كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، شەھەر-يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار تۈرلۈك خادىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش لازىم. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى ۋە ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا يېتىلدۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ئۈچ يىلدا مىليونلىغان ياشلارنى پىراكتىكا قىلدۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلاش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىگە مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، جايلارنى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋاسىتىلىرىنى تېز بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش لازىم. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن ئۆمۈر بويى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى تېز يولغا قويۇش كېرەك. تېخنىك ئىشچىلار كەسپىي تەرەققىيات مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئۇل سۇپا قۇرۇلۇشى ھەرىكەت لايىھەسىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش لازىم. ئىشلەپچىقىرىش-تەربىيەلەش يۇغۇرما مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش لازىم. ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلاردا يېڭىچە شاگىرتلىق تۈزۈمىنى پائال يولغا قويۇش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى قاتارلىق مەخسۇس تەربىيەلەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە قىلىنىدىغان چىقىمنى ماھىيەتلىك كۆپەيتىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى جەھەتتىكى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش-قايتۇرۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوند قالدۇقىدىن 100 مىليارد يۈەن چىقىرىپ، 15 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، كەسىپ ئالماشتۇرۇش تەربىيەسىگە ئىشلىتىش كېرەك. قىيىنچىلىقتا قالغان كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلىشىگە مەدەت بېرىپ، ئىشسىزلارنى كەسپىي ماھارەت ياكى ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش لازىم. يېزىلاردىكى نامرات ئاممىنى، شەھەر-بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكىنىگە يېرىم يىلدىن ئاشقان تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە نورمىلىق باج خىراجىتىنى كېمەيتىش كېرەك. مېيىپلار قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەر توپىغا يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادىمى يوق ئائىلىلەرنىڭ ھەرىكەتچان ھالەتتە تۈگىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش. كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى سۇپىسى بىرتۇتاش كىرىش ئېغىزى قىلىنغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈش كېرەك. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇۋاپىق تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ نامرات ئاھالىنى تولۇق قاپلىشىنى ئالغا سۈرۈش كېرەك. كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. داۋالىنىش كاپالەت فوندىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىنى بېكىتىش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ھالەت كەسىپكارلىرى ئىچىدىكى خىزمەت ئورنى بولمىغانلىرىنىڭ كەسپىي يارىلىنىشىغا كاپالەت قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرنى پاناھلاندۇرۇش-بېقىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش، پاناھلاندۇرۇش ئۇسۇلى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەت ئۆلچىمىنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە باغلانغان ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش كېرەك. يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كەپە ئۆي رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ئىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئاممىۋى مۇلازىمەت جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش. دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ھەرقايسى رايونلار، ساھەلەرنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىنىڭ ياخشى جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي ساھەلەر ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش، ئاجىز تەرەپلىرىنى كۈچەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ۋە بالىلاردىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، يەسلى تەربىيەسى مۇلازىمىتى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۈچەپ ئاشۇرۇش لازىم. مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بايلىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا پائال مەدەت بېرىپ، ھۆكۈمەت مائارىپى بىلەن پۇقراۋى مائارىپنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يەسلىلىرىنى داۋاملىق ياخشى قۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلىلەرنى كۆپرەك قۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇقراۋى يەسلىنى بېكىتىش ئۆلچىمى، ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ۋە يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئالغا سۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش جېڭى پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، شەھەر-بازار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «سىنىپتا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش» مەسىلىسىنى پائال تۈگىتىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاش، يېزا نامرات رايونلىرىدىكى بالىلارنىڭ دەسلەپكى يېتىلىشىگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يېزىلار ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە مەدەت بېرىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا قوش تىللىق مائارىپنى ئىلمىي، پۇختا ئالغا سىلجىتىش لازىم. زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كەسپىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى بىلەن كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ جىپسىلىشىشىنى تېزلىتىش كېرەك. «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. 2019-يىلى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتىنى %94.6كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %89.4كە يەتكۈزۈش، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە 1 مىليون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپتا تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى 8 مىليون 700 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈش، ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى 933 مىڭغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەندى. داۋالاش، سەھىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش كاپالىتى، دورا تەمىناتى كاپالىتى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ساھەسىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق بەش تۈرلۈك تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئالاقە تورى+داۋالاش-ساغلاملىق»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. رايون داۋالاش مەركىزىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنت دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېغىر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كېرەك. گۇمانىي كېسەللەرنى داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە جۇڭگو تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇش لازىم. بالىلارغا ئىشلىتىدىغان دورا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە دورا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۆلىمى ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۆلەم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى، كەسپىي كېسەللىك ۋە يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. تۇغۇتقا دائىر يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ۋاكسىنا-دورىلارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكنى تۈزەشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىش لازىم. ئىجتىمائىي كۈچلەر دوختۇرخانا ئېچىپ ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرىكەت پىروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئاھالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ئۆز سالامەتلىكىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەلئارا كاپىتال ۋە چەت ئەل كاپىتالىنى كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكىگە كىرىشكە پائال يېتەكلەش، كۈتۈنۈش، بولۇپمۇ مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار، مېيىپلار، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلار، روھىي توسالغۇغا گىرىپتار بولغانلار قاتارلىق قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاياللار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، مېيىپلار قاتارلىق ئىجتىمائىي توپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈش بويىچە ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى باشلاش كېرەك. چوڭ قانال مەدەنىيەت بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، تىنچ گۇگۇڭ سارىيى، دۆلەت گۈزەل سەنئەت سارىيى، جۇڭگو ھۈنەر-سەنئەت سارىيى، دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ دۆلەت ھۆججەت-ماتېرىيال ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ئامبىرى قاتارلىق چوڭ-چوڭ مەدەنىيەت تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى ۋە تارىخ-مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە يېڭى ئاقىللار ئامبىرىنى ياخشى قۇرۇش لازىم. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىش لازىم. مەملىكەت بويىچە قىزىل ساياھەت كاتتا مەنزىرە رايونلىرى 3-قارارلىق ئومۇمىي قۇرۇلۇش لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈش، تەنھەرىكەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. 2019-يىللىق بېيجىڭ دۇنياۋى باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك بويىچە نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېمەكلىك-دورا، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىكنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قوشۇلۇشىنى يەنىمۇ قوللاش، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىسىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى قولايلاشتۇرۇش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىسىنىڭ ئىچكى جايلارغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ قولايلاشتۇرۇش، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئارا خەۋەرلىشىش كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت-تەدبىرلەرنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇشقا ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە قاتنىشىشىنى قوللاپ، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننى تىرىشىپ دۆلەتنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، سۇ تىرانسپورتى مەركىزى، سودا مەركىزى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى قوللاش، شياڭگاڭنىڭ ئىچكى جايلار بىلەن پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكا مەركىزى بەرپا قىلىشىنى قوللاش كېرەك. ئاۋمېننىڭ دۇنيا ساياھەت-ئىستىراھەت مەركىزى قۇرۇلۇشى، جۇڭگو-پورتۇگالىيە سودا ھەمكارلىق مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللاش، جۇڭگو تېبابەتچىلىكى ۋە دورىگەرلىكى پەن-تېخنىكىسى كەسىپ تەرەققىيات سۇپىسىنى بەرپا قىلىش، ئاۋمېننىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئاساسىي ئېقىم قىلغان كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بىللە مەۋجۇد بولىدىغان ئالاقە-ھەمكارلىق بازىسى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر 31 ماددىلىق تەدبىرنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  ۋەكىللەر، 2019-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ۋەزىپە ناھايىتى مۈشكۈل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سېلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا نەتىجىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى!

  _____________________

  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەمىنلىدى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ