مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى 5-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.07.04 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى 5-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى 3-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقى ۋە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە ماسلىشىپ، «دوستلۇق، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق» ئاساسىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ