مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 2019- يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتناشقان ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.07.04 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن داليەن شەھىرىدە 2019- يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتناشقان خەلقئارا سودا-سانائەت، پۇل مۇئامىلە، ئاقىللار ئامبىرى ۋە تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى.

  لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللىرىغا، يەنى جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتى، كەسىپ زەنجىرىنى تەڭشەش، كارخانىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش ۋە خەلق ئىشلىرى كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق ھەر ساھە ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ سودا مۇھىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو جەزمەن بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، خەلقئارالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ مۇقىم، سۈزۈك ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. بۇ يىل 3- ئايدا «چەت ئەللەرنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇنى» ماقۇللاندى. بىز چەت ئەللەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىجازەت بېرىشتىن ئىلگىرىكى پۇقراۋى مۇئامىلىگە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان تىزىملىك تۈزۈمىنى قوشۇشنى يولغا قويىمىز، كەلگۈسىدە، ئىشلىتىشكە بولمايدىغان تىزىملىك بارغانسېرى قىسقىرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «مەنئى قىلىنمىسىلا كىرىشكە بولۇش» پرىنسىپى بويىچە، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ. قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇشمۇ بار، مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى ياكى تاشقى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلار جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرسىلا، ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ