خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 30-چېسلا يىغىن ئېچىپ، ھاۋالە بويىچە تەكشۈرۈلگەن ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە قانۇن-نىزاملىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6-ئايغىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سەككىز ئۆلكىگە بېرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 23 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئۆز مەمۇرىي رايون قانۇنلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلدى. دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ھاۋالە بويىچە تەكشۈرۈلگەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇردى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، خىزمەت تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال ئۆزگەرتىپ، بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ