مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەت بويىچە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش لازىم

خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.06.27 16:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىكى زور ئىسلاھات تەدبىرى بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنى زورايتىش، ئىقتىسادنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاشتا مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينىدى. نۆۋەتتە خەلقئارا مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنى «ئالتە مۇقىملىق»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى بازارنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، خەلقئارالاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ بازارلاشتۇرۇشتا نامۇۋاپىق تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدە قائىدە ئاشكارا بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئادىل، ھەققانىي بولۇش، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك؛ خەلقئارالىشىشتا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ئورتاق قائىدىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا «ئاددىي بولۇش» يولىنى يولغا قويۇپ، تەرتىپ، قائىدىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى زور كۈچ بىلەن قىسقارتىش كېرەك. بۇ يىل سانائەت ئىجازەتنامىسى تۈرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئازايتىپ، مەركەز قاتلىمىدىن يەنە 50 تىن ئارتۇق مەمۇرىي ئىجازەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك شەكلى ئۆزگەرگەن تەستىقلارنى تۈزەش كېرەك. «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى رويخەتكە ئالغۇزۇپ قۇرۇش ۋاقتىنى بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىش لازىم. قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ۋە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، تۈزۈملەشكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بارلىق بازار سۇبيېكتلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «ئىككىنى ئىختىيارىي قىلىش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلەن ئىناۋەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، گۈللەنمە كەسىپلەرگە ماس كېلىدىغان سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا، دورا، ئۈسكۈنە، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش كېرەك. مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «بىر تور» بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە «بىر تور ئارقىلىق ھەممىنى بېجىرىش»، باشقا جايدا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. سۇ، گاز، پار قاتارلىق ئىشلاردا APP (قوللىنىش دېتالى) ئارقىلىق ئىش بېجىرىش، كۆچمە چىقىم قىلىش قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. توك ئىشلىرىنى بېجىرىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش لازىم. خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەھەللە ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە ئىشلىرى، كۈتۈنۈش، يەسلى ۋە «ئالاقە تورى + مائارىپ + داۋالاش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياج بازىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا مۇھىتىنى ياخشىلايدىغان قانۇن-نىزام، قائىدىلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار «بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما قىلىنغان تەربىيەنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ