مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ باش كاتىپلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش مەملىكەتلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2019.07.04 15:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 2- چېسلا چۈشتىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ باش كاتىپلىرى خىزمەت ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ باش كاتىپلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش مەملىكەتلىك يىغىنى ئېچىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ باش كاتىپلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. لى جەنشۇ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ھەر قايسى يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى تەسىس قىلىنغان 40 يىلدىن بۇيان، ئۇلار مەسئۇلىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يەرلىكنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى ۋە ماسلاشتى. بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشىلاشتا چوقۇم ناھايىتى ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ