لى كېچياڭ لياۋنىڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە

2019.07.02 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چيۇفا، ئۆلكە باشلىقى تاڭ يىجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا، داليەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

  لى كېچياڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. لياۋنىڭ پورت گۇرۇھىدا، ئۇ كارخانىنىڭ قايتا تەشكىللىنىش ئارقىلىق سىرتتىن مەبلەغ كىرگۈزۈپ، تىجارەت مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىپ، زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەرىپلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش − شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ، تەرەققىيات رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. لياۋنىڭنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى ئۇزۇن، پورت شارائىتى ياخشى بولۇپ، بىر گۆھەر ماكان، شۇڭا بۇرۇلۇپ دېڭىزغا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەتتە شامال ئېغىزىدا تۇرۇپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ