مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەرلەر قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك كىتاب ئوقۇشى كېرەك

2019.06.27 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى روھىي ساغلاملىق مەركىزىدىن لى چۈنبو، ياڭ جىنىڭ تەتقىقات ئەترىتى خەلقئارا ياشانغانلار ئىلمى بويىچە نوپۇزلۇق ژۇرنال «نېرۋا بىيولوگىيەسى»دە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم ئەرلەر توپى ئىچىدە، مائارىپنىڭ ئالاھىدە سەقەنقۇر كەنجى رايونىنىڭ قېرىلىشىشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشىنىڭ قېرىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى، قانچە بالدۇر ئوقۇسا شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

  ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەستە ساقلاش، چۈشىنىش، ھۆكۈم قىلىش، ئىجرا قىلىش، ھېسسىياتى، ئىرادىسى قاتارلىقلار ۋە بىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كەڭلىكى تارىيىدۇ، بۇنى كۆپىنچە چوڭ مېڭە يىگىلەش، نېرۋا تورىنىڭ ئۇلىنىشى ئازىيىش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى ئاستىلاش قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىلگىرىكى كەڭ كۆلەملىك تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى ياشانغانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كېچىكتۈرىدىغان قوغداش ئامىلى ئىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ يوشۇرۇن نېرۋا مېخانىزمى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەسكەن.

  تېما گۇرۇپپىسى 65 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان نورمال ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ماگنىتلىق رېزونانس قۇرۇلما سانلىق مەلۇماتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا توغرا كەسمە يۈزى ۋە چوڭقۇرلۇق بويىچە تەھلىل قىلىپ تەتقىق قىلغان. توغرا كەسمە يۈزى تەھلىلىدىن بايقىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى بىلەن سەقەنقۇر CA2/3 كەنجى رايونىنىڭ ھەجىمى روشەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىكەن، ئاياللاردا روشەن ئەمەسكەن. چوڭقۇرلۇق تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئەرلەرگە قىلىنغان 15 ئايلىق زىيارەت مەزگىلىدە، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى سەقەنقۇر CA2/3 رايونىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقان. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، مائارىپنىڭ تەسىرىدە جىنسىي پەرق مەۋجۇت ئىكەن. يەنى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇرۇنقى تەربىيەلىنىش ۋاقتى چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن ھالقىلىق قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن. بۇمۇ ھەم ئاساسىي تېببىي تەتقىقات نۇقتىسىدىن چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر: كۆپ تەربىيە ئېلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاياللار توپى ئارىسىدا چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىش، قوغداش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرمىگەنلىكىگە قارىتا، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ