خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا ياپونىيەگە بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئالدىدا، «مۈشۈكئېيىق لوڭقىسى» ياپونىيە بويىچە ياشلار ماقالە قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ياپونىيەلىك ياش ناكاسۇ دائىچى خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ياخشى ئارزۇسىنى بىلدۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ ناكاسۇ دائىچىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدىم. سىزنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۇزاق مۇددەت ئۆگەنگەنلىكىڭىز ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغانلىقىڭىزنى، ماقالە قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ۋە جۇڭگونى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق جۇڭگوغا بولغان تونۇشىڭىزنى كۈچەيتىپ، جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن بولغان ھېسسىياتىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ