مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ئارقىلىق گۈزەل دەۋرنى تەسۋىرلەيلى

2019.07.02 15:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىنو-تېلېۋىزىيەدىن ئىبارەت مەدەنىيەت كەسپى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ئەسلىي مەقسەت» بولسا، ئەسەر ئارقىلىق گۈزەل يېڭى دەۋرنى تەسۋىرلەش، مۇھەببەت ۋە ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈش، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتۇر.

  ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىنىڭ نېگىزى بولسا، مىللەتنىڭ يىلتىزىنى يېتىشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھىنى تاۋلاشتىن ئىبارەت. «مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش»، مانا بۇلار كىنو-تېلېۋىزىيەدىن ئىبارەت مەدەنىيەت ساھەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ئەسلىي مەقسەت» بولسا، بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق گۈزەل يېڭى دەۋرنى تەسۋىرلەپ، مۇھەببەت ۋە ئاكتىپ كۈچنى يەتكۈزۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  لېكىن، «ئەسلىي مەقسەتكە ئېرىشىش ئاسان، ئەمما ئۇنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش تەس». كىنو-تېلېۋىزىيەدىن ئىبارەت بۈگۈنكىدەك كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، كەسىپ تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى، ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا مەنپەئەتىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەر خىل پۇل بايلىقى سېلىنمىسى ۋە قىزىقتۇرۇش ئاستىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاسانلا ئېزىپ قالىدۇ، نام-مەنپەئەتكە بېرىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، بارلىق كەسىپكارلار دائىم ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئويلاپ، ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك. بىز ھەمىشە ئۆزىمىزدىن: زادى نېمە بىزنىڭ ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، بىز قانداق قىلغاندا مىللەتنىڭ يىلتىزىنى يېتىشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھىنى تاۋلاشتىكى ئەسلىي مەقسىتىمىزدە چىڭ تۇرالايمىز؟ دەپ سوراپ تۇرىشىمىز كېرەك.

  ئالدى بىلەن دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىپ، ھەيۋەتلىك دەۋر روھى ئۈچۈن سۆز قالدۇرۇشىمىز كېرەك. كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى «دەۋر ئۈچۈن ئىجاد قىلىش» كېرەك، دەۋرنىڭ تومۇرىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي كۆڭۈل قويۇپ دەۋرنى ھېس قىلىپ، دەۋر ساداسىنى خاتىرىلەپ ۋە يەتكۈزۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك. ۋەنمەي دۇنيا كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتى 2018- يىلى «ئەڭ گۈزەل ياشلىق»، «سېرىق توپىلىق جاينىڭ ئېگىز ئاسمىنى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەپ چىقاردى. بۇنىڭدا، جۇڭگولۇقلارنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلىشى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ يېڭىلىق يارىتىشى دېگەندەك شانلىق تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ خىل تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارقىلىق، ياقتۇرۇپ كۆرۈش نىسبىتى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى دېگەندەك جەھەتتە، شۇ شىركەت ئالدىن كۆزلەنگەن نىشانغا يەتتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەنە دۆلەت مېھرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەمىمىي ۋە قىزغىن ئائىلە ھېسسىياتى ئۈچۈن بايراق لەپىلدىتىپ، ئۇنىڭدىن قىيقاس-چۇقان چىقىرىۋېتىش كېرەك. كىنو-تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدە «دۆلەت ئۈچۈن ئىجاد قىلىش» كېرەك، ئەسەر ئارقىلىق دۆلەتكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتكە سىڭدۈرۈش كېرەك. «دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار»، «بىر ئوقۇمۇشلۇق كىشى چوقۇم مۇستەھكەم پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك، چۈنكى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، يولى يىراق بولىدۇ.» دەيدىغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە دۆلەت ھېسسىياتىنى كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈپ، شەكىلسىز روھ ۋە ھېسسىياتنى تېخىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  ئاخىرىدا، پۇقرالارنىڭ ساداسىنى خاتىرىلەپ، پۇقرالارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قوللاش كېرەك. كىنو-تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدە «ئائىلە ئۈچۈن ئىجاد قىلىش» كېرەك، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئىلھام ئېلىپ، ھېكايىلەرنى قېزىپ چىقىش ھەمدە ئۇلارنى كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىگە يۈكسەلدۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا تاماشىبىنلارنى تېخىمۇ يېقىملىق ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  بىز بۇ ئەسلىي مەقسەتكە ئاساسەن، تاماشىبىنلار ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەپ چىقاردۇق، دۆلەت رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 100 پارچە نۇقتىلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى تېما تاللاش تىزىملىكىدە، ۋەنمەي دۇنيا كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتى تاللىغان 10دىن ئارتۇق ئەسەر بېكىتىلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز ئەسلىي مەقسىتىمىزدە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرساقلا، دەۋر ساداسىنى يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئەسەرلەرنى ئىشلەپ چىقىرالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ