خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 2019-يىللىق دۇنيا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل يىغىنى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى خەينەن بوئاۋدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ بارلىققا كېلىپ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك يېڭى تۆھپە قوشۇپلا قالماي، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ھەر قايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى بويىچە ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ