مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2019.06.28 15:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى، پۇقراۋى ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ياسىمىچىلىق كەسپىگە ئىناۋەتلىك قەرز بېرىشنى كېڭەيتىشنى قوللاش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇش مۇكاپات ياردەم پۇلىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ياردەم ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، بىر مەزگىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەر كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى ئازراق تۆۋەنلەتتى. كېيىنكى قەدەمدە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بوش-چىڭلىقىنى مۇۋاپىق ساقلاش ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن مۇۋاپىق پەيتتە ئالدىن تەڭشەش، ئىنچىكە تەڭشەش، مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشنى ساقلاپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرز پۇلىنىڭ ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا بانكىسىنىڭ قەرز پۇل بازىرىدا باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەرز پۇل بازىرىدا باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بانكىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ يىل پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە زايومىنى تارقىتىش كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئۈچىنچى، كىچىك ، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ھەققىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەش كېرەك. يىغىندا يەنە مەركەز مالىيەسىدىن قىسمەن شەھەرلەرنىڭ پۇقراۋى ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، پۇقراۋى ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدىنىش قارار قىلدى.

  يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتقا مەدەت بېرىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى پەسەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بانكىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى رەنىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى پىلانىنى ئايرىم تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، ناچار بولۇش نىسبىتى تۈرلۈك قەرز پۇللارنىڭ ناچار بولۇش نىسبىتىدىن ئۈچ پوئىنت يۇقۇرى بولمىسا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، باھالاشتا نومۇر تارتىش ئامىلى قىلماسلىق كېرەك. يىغىندا يەنە قەرز پۇل قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ يىل ياسىمىچىلىقنىڭ بارلىق قەرز پۇلى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇلى ۋە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل قالدۇقىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى سانىنى 5000 دىن 15 مىڭغا يەتكۈزۈش؛ دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى % 3.3 كە ئۆستۈرۈش، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى % 23.7 كە كېڭەيتىش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرىچە تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ھەر يىلى 3000 يۈەندىن 3300 يۈەنگە ئۆستۈرۈش ھەمدە تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپتا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 6000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ھەر يىلى 20 مىڭ ئوقۇغۇچىنى مۇكاپاتلاش قارار قىلىندى. يۇقىرىقى سىياسەتلەر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى، خەلق باشقۇرۇشىدىكى تۈرلۈك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوخشاش يولغا قويىلىدۇ.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ