مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ گۇرۇپپىلار ئارا قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2019.06.28 15:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- سانلىق يىغىنىدا 6-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇرۇپپىلار يىغىنى ئېچىلىپ، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى تويلىشىش ئائىلە لايىھەسى، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى ۋارىسلىق قىلىش لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى خىزمىتىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەق تەلەپ قانۇن قائىدىلىرىنى سىستېمىلىق بىرىكتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ھەم يېڭى ئەھۋالغا ماسلىشىپ، مۇۋاپىق تۇرغۇزۇش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ــ ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇللۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق، ئۇ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن-تۈزۈملىرىنى ياخشى لايىھەلەپ بېرىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان خادىملار مۇنداق دەپ قارىدى: تويلىشىش، ئائىلە لايىھەسىنى 2-قېتىم قاراپ چىقىشتا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى قوبۇل قىلىندى، خەلق ئاممىسى كەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى، ئاتا-ئانا بىلەن بالا مۇناسىۋىتى دەۋاسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا، ئىناق، مۇقىم تويلىشىش، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قوغداشقا پايدىلىق.

  ئەزا زو جۇڭيى تويلىشىش، ئائىلە لايھەسىنى تۈزۈشتە ھامىيلىق قىلىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھامىيلىق قىلىشقا ئالاقىدار مەزمۇنلار توغرىسىدا تېخىمۇ كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىش تەكلىپىنى بەردى.

  يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: ۋارىسلىق قىلىش لايىھەسىنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا ئاغزاكى ۋەسىيەتنىڭ قانۇنىي كۈچى، مىراس باشقۇرغۇچى تۈزۈمى قاتارلىق ئالاقىدار ماددىلار تۈزىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ مۇكەممەل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا پايدىلىق.

  ئەزا چېن سىشى: ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەتنامە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەتنامە بويىچە بېجىرىلسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەتنامە بولمىسا، باشقا ۋەسىيەتنامىلەر ئاخىرقى ۋەسىيەتنامە بويىچە بېجىرىلىسە، دەپ تەكلىپ بەردى.

  يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ ھەر قايسى ئايرىم لايىھەلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر قايسى ئايرىم لايىھەلەرنى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىر مۇكەممەل ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسى قىلىپ چىقىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ