مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ بېيجىڭ شەھىرىدە كارخانىلارنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2019.06.28 15:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 6-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدە كارخانىلارنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. خەن جېڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈپ، جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەتتىكى مالىيە چىقىمىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سوبيېكتىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سىياسەتنىڭ پايدىسىغا ئېرىشتۈرىشى كېرەك. خەن جېڭ بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق باج ئىدارىسى بىرىنچى باج پونكىتىگە بېرىپ، باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا باج خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى، ئىش بېجىرىۋاتقان، سىياسەتتىن مەسلىھەت سوراۋاتقان كارخانا خىزمەتچىلىرى بىلەن پاراڭلاشتى، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ كارخانىلارغا قانداق ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەنلىكى، قانداق مەسىلىلەرگە يولۇققانلىقىنى سورىدى، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە كارخانىلارنىڭ تەلىپىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  خەن خېڭ باج پونكىتىدا نەق مەيداندا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 13 ۋەكىللىك كارخانا، جۇڭگو ماشىنا سانائىتى بىرلەشمىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، بېيجىڭ شەھىرى ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ئارقىسىدا، باجنى كېمەيتىش ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئەستايىدىل، كۈچلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، ئۈنۈمى كۆزلەنگەن نىشانغا يەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قوشۇلغان باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تۈرلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن، كۆپەيمە قىممەت بېجى ئىسلاھاتى چېتىلىدىغان كەسىپلەردە باجنى كېمەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باجنى كېمەيتىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، بازار ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

  خەن جېڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى كارخانىلارغا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى كۆرۈنەرلىك ھىس قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار، ھەق تاپشۇرغۇچىلارنى سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمان قىلىش لازىم؛ باج خىزمەتچىلىرى خىزمەت كاپالىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى، سىياسەتنى پىششىق بىلىشى، كەسىپ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ