مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتىكى يېڭى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كىتابلار تورغا چىقىرىلدى

2019.07.02 15:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە ماسلىشىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش كىتابلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خەلق نەشرىياتى، مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى، چەت ئەل تىلى نەشرىياتى قاتارلىق 11 نەشرىيات تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 30 تۈرلۈك كىتاب، يەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتىكى نۇقتىلىق كىتابلار 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆگىنىش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، شىنخۇا كىتابخانىسى تور سودا شەھەرچىسى، يىيۆتۇڭ، مىگۇ، جاڭيۆ قاتارلىق 14 تور تارقىتىش سۇپىسىدا تورغا چىقىرىلدى.

  بۇ 30 خىل نۇقتىلىق رەقەملىك كىتاب بولسا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسەرلىرى، سۆزلىرىنىڭ كىتابچىسى، شۇنداقلا نوپۇزلۇق تارماقلار تۈزگەن بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر، ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى، ئىدىيە تەتقىقاتى، سۆز-ئىبارىلەرنى چۈشەندۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەر، ئىقتىساد ساھەسى، سىياسىي ساھە، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، پارتىيە قۇرۇلۇشى، دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ 14 تور تارقىتىش سۇپىسى «يېڭى دەۋر، يېڭى كىلاسسىك − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتىكى نۇقتىلىق رەقەملىك كىتابلار» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلدى، خەلق تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ يەتتە نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكىتى مەخسۇس ئىستون ئۇلانمىسى تەسىس قىلىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى ۋە يىلتىز تارتىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتە تەربىيە ئېلىشىغا ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ